چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz ئۈلۈشكۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4667|ئىنكاس: 11

بەگتۈرك : تەزمىنلەر -6

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك

يىغلار

غەرىبدۇرمەن بۇ ھالىمغە ئۆزۇمدەك بىناۋا يىغلار،
كېرەك بەختى قارانىڭ ھالىغە بەختى قارا يىغلار.
                                                            -مەشرەپ

شۇتاپ تۇرقۇم يىتىم قالغان كىيىكنى ئەسلىتەر بىلسەڭ،
قاراپ سۇلغۇن چىرايىمغا ياقا يىرتىپ گادا يىغلار.

سەھەردە يۇلتۇزى كۆيگەن زىياغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەي،
كۆزۈمدىن بىر قۇياش ئىزدەپ تۇمانلىق كۆك-سامايىغلار.

ئۆزۈمنى ياندۇرالماستىن داۋام خۇمدانغا ئوت ياقتىم،
ئىزىمنى ئاختۇرۇپ بىر-بىر ئۇزۇن چاچلىق سابا يىغلار.

پەسىللەر يەكلىگەچ بۇلبۇل شېخىمدا باقمىدى سايراپ،
يېزىپ بۇلبۇل ئۈچۈن مەكتۇپ قېنىم ئىچرە جۇلايىغلار.

بۇقۇلداپ ئۈنلىسەم قۇشلار بېشىمغا قوندى سەپ تارتىپ،
يۈرەكنىڭ تەكتىگە باقساڭ شىپا تاپماس يارا يىغلار.

ئېگەمنىڭ رەھمىتى ياغسا قورام تاشتىن بۇلاق تاشقاي،
مېنى ۋسالغا يەتكۈز دەپ تىلىمدامىڭ دۇئا يىغلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 20:47  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-28 21:06:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىسىل تەزمىننى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن .


ۋاقتى: 2012-7-28 21:08:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاسىيەتلىك كۈنلەردە تىلى ساپ بولغان بىر غەزەل يوللاپتىلا،

ئېگەمنىڭ رەھمىتى ياغسا قورام تاشتىن بۇلاق تاشقاي،
مېنى ۋسالغا يەتكۈز دەپ تىلىمدامىڭ دۇئا يىغلار.

  اللاھ ياخشى بەندىلىرىنى ۋىسالغا-مۇرادىغا چوقۇم يەتكۈزىدۇ!


ۋاقتى: 2012-7-28 21:31:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تمىلىرىڭىزنى كۈتىمىز


ۋاقتى: 2012-7-29 00:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئىنىمىز بەگتۈركنىڭ ئېسىل چىققان بىر پارچە تەزمىندىن بەھىرلەندۈرگىنىگە تەشەككۈر!تەزمىن مەيلى شەكىل ياكى تىماتىك جەھەتتىن بولسۇن ئوت يۈرەك شائىر مەشرەپنىڭ غەزەلىگە تولىمۇ جىپسىلىشىپ چىقىپتۇ.

ئېگەمنىڭ رەھمىتى ياغسا قورام تاشتىن بۇلاق تاشقاي،
مېنى ۋسالغا يەتكۈز دەپ تىلىمدامىڭ دۇئا يىغلار.

_____________________________________
يۇقارقى بېيىتنىڭ كېيىنكى مىسراسىنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىم:
مېنى ئارمانغا يەتكۈز دەپ دىلىمدا مىڭ دۇئا يىغلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 00:54  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-29 13:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك شائىرىمىز خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ بەرگەن تەكلىپىگە كۆپ رەھمەت،شۇنداق دېسەم تىخىمۇ  جايىغا چۇشىدىكەن .


ۋاقتى: 2012-8-3 01:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمڭىز مەڭگۈ ھارمىسۇن، نادىر تېمىڭىزنى داۋاملىق  كۈتىمىز.


ۋاقتى: 2012-8-5 02:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ،نادىر تىمىلارنى  يوللاپ تۇرغاي سىز


ۋاقتى: 2012-8-6 19:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن ئۇستاز!تەزمىن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېكىن؟


ۋاقتى: 2012-8-18 22:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېگەمنىڭ رەھمىتى ياغسا قورام تاشتىن بۇلاق تاشقاي،
بۇلاقتىن سۇ ئىچىپ كارۋان  قىينالماي داۋان ئاشقاي.
رەھمىسى كەلسە ئىگەمنىڭ ئەل- ئاۋام  بىچارىگە،
ئەجرىدىن گۈللەر ئۈنۈپ قەلبىدىن ھىدايەت تاپقاي.

قاملاشمىسىمۇ ئەگىشىپ قويدۇم ئەيىپكە بويرىمىغايلا ئۇستاز،





ۋاقتى: 2012-9-4 01:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۈرۈكنىڭ غەزەلىرىگە بەركەتلىك تىلەكلەر يار بولغاي.


ۋاقتى: 2013-2-22 23:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇستاز ،سىزنىڭ نادىر شىئېرلىرىڭىزنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،ئاپىرىن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-27 04:48 , Processed in 0.485633 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش