نەزەر خوجا ئىشان ھۇۋەيدا ھەزرىتىم غەزەللىرى
چاغاتاي تۈركچىسىدىن تەييارلىغۇچى: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
بىلقەيس ئابدۇللەتىف تۆمۈرى
1
جاھان بىر بىباقايىدۇر بولۇر ھەر كارە ناپەيدا،
خۇدانىڭ زىكرىدىن ئۆزگە ھەممە مەفكارە ناپەيدا.
باھار ئۆمۈر ئۆتمەستىن بۇرۇن گۇلنى غەنىيمەت بىل،
بولۇر ۋاقىت خازان ئەتكەچ گۇل گۇلزارى ناپەيدا.
سەنەمنىڭ زۇلفىدىن ئالسا دىماغىڭ ھەر سەھەر بۇيى،
ئەنىڭ ئالدىدا بۇي ناپىئ تاتار ناپەيدا.
ئەگەر بىر قەترە مەي ئىشقى مۇھەببەت جامىدىن تارتسە،
كۆڭۈلدىن غۇسسە ئالەم بولۇر يەكبار ناپەيدا.
قىلىب يۈزمىڭ ھەۋەسلەرنى جاھاندا كۆشەك باغ ئەتسەڭ،
ئۆلۈمنىڭ دەستىدىن بولغاي بارى ھەم ۋارى ناپەيدا.
ھۇۋەيدا بولسە ئەقلىڭ بۇ جاھانغا ئىئتىماد ئەتمە.
بىر ئانىدا بولۇر بۇ دۇشمەنگە ئارۇ ناپەيدا.
2
ئولۇمدىن بىخەبەر بولما بولۇر ناگاھ ساڭا پەيدا،
ياقاڭدىن ئالسا قويماس ئەيلىسەڭ سەدبارە ۋاۋەيلا.
ئولۇمنىڭ ئالدىدا شاھ گادا بارچە بارابەردۇر،
ئۇشۇنداق مۇستافا ئۆتتى بولۇر ئكلمەس كىشى قايدا.
ئۆزۈڭگە كەلگىل ۋە ئىنساب قىلغىل، بولما نائىنساب،
خۇدادىن قورق، ئۇيات ئەلدىن قىل ئەمدى تائەتى تەقۋا.
غەنىيمەت بىل ھاياتىڭ نەچە كۈن ھەق يادىدا بولساڭ،
ۋە گەر نە بۇ تىرىكلىكتىن بۇرادەر ئۆلگىنىڭ ئەۋلا.
باھاسىز بىباھا ئۆمرۈڭنى زايا قىلما ئەي نادان،
قولۇڭدىن پاي بىرىپ بىھۇدە ئىشقا قىلمىغىل سودا.
ئىشى قىل ئەي ھۇۋەيدا زادىراھ ئاخىرەت بولسۇن،
تۈمەن ئالتۇن كۆمۈش يىغساڭ بولالماس تىۋەسى ئۇقبا.
سېنىڭ ئالدىڭدا بولسا ئەي دولا تۈرلۈك خەتەر پەيدا،
نە دەب غاپىل ياتۇرسەن قىل سەھەرلەر چەشمى تەر پەيدا.
خۇداغا يىغلىغىل قىلغان گۇناھىڭ ياد ئىتىب ھەرتۈن،
بولۇر فەيزى فۇتۇھ باشىڭ ئۆز ۋاقتى سەھەر پەيدا.
كىشىكىم بى مۇھەببەت ئىستىسە تاپماس مۇرادىنى،
مۇھەببەت بىرلە تىكسەڭ چۆپ-بېدە ئەيلەر سەمەر پەيدا.
خۇدادىن بىخەۋەرلەرنىڭ يوق ئىرۇر زەررە قورقۇنچى،
بىلۇرمۇ ئۇيقۇدا ياتقان كىشى بولسا زەرەر پەيدا.
تېنىڭنىڭ قۇتىدە يىغلىغىل ئۆتكەرمە ۋاقتىڭنى،
رەسۇلىللاھ دىدىلەر كەل ئەييامە بىتەر پەيدا.
ھەممە ئالەم خۇدايىدىن زامانى بىخەبەر ئەرمەس،
ھۇۋەيدا يوقتۇرۇر ئالەمدە سېنىڭدەك بىخەبەر پەيدا.
3
تولا غەفلەتتە بولما ئەيلىسەڭ كار سەۋەب ئاندا،
قولۇڭدىن قوللاغاي بولغاندا ئەھۋالىڭ خاراب ئاندا.
قىلۇردە نوھ قەۋمىدەك تومۇغنى ئاتەشى غەرقاب،
خالاس ئەيلەربولۇب كەشتى ساڭا كەلسە ئازاب ئاندا.
ھېساب دۇنيا ئەيلەرسەن ھېسابىڭدىن بولۇپ غاپىل،
بېرۇرسەن زەررە زەررە نىكۇ بەدلەرگە ھېساب ئاندا.
نە قىلغان ئىشلاىڭ مۇندە كۆرۈنمەس بىخەۋەردۇرسەن،
ئۇشۇل سەھرادە بوغاي جۇملە كارىڭ بىھىجاب ئاندا.
قاچارسەن سايىغا مۇندا چىدالماي ئاندەك ئىسسىقتىن،
نىتەرسەن تاڭلا ئەي غاپىل مۇشەددەت ئافىتاب ئابدا.
خۇدايىم سورىسا ئەي بەندەم نە كەلتۈردىڭ مۇڭا ئېيتقىل،
بولۇبان سەرنىكۇن شەرمەندە نە بەرگۈم جاۋاب ئاندا.
كىلىد جەننەتۇل ئەلا ھۇۋەيدا دەستى ئىھساندۇر،
كى ھەريان ئىلىك سۇنساڭ بولۇر بىل فەتھىباب ئاندا.
4
كىشىگە ئىشىق تەگسە بولغۇسىدۇر ئاڭا غەم پەيدا
ۋەلىكىن بولمىغاي بىدەردلەر كۆزىدە نەم پەيدا.
سەھەر دەرتلىك كىشىنى كۆزىغە ئۇيقۇ بولۇر ئاچىغ،
بولۇر بىدەردلەرغە خۇئاب شىرىن سۈبھىدەم پەيدا.
خۇدانىڭ زىكرىنى قىلغىل تۈنۇ كۈن ياتمىغىل زىنھار،
فاراغەت بىرلە ياتقانلار قىلالماس بىر دەرەم پەيدا.
ياتارنى خۇشلامە چەندان ياتارسەن يەر ئاراسىدە،
خۇداغە يىغلاغىن بولماي ساڭا خۇئاب ئىرەم پەيدا.
ئەگەر ياخشى ئەمەل قىلساڭ ساۋاب ھاسىل بولۇر لېكىن
سىتەم قىلساڭ بولۇر ئەلبەت ئالدىڭدە سىتەم پەيدا.
جەھان بىر مەھەز ھەسرەتخانەدۇر ھەسرەتدە يىل كىتەر
كۆزۈڭدىن ئەشكى ھەسرەتنى قىل ئەمدى دەمۇدەم پەيدا.
بۇ دۇنيا راھىتىنى ئەي ھۇۋايدا ئىختىيار ئەتمە،
كى ھەر راھەت ئاراسىندە بولۇر ئەلبەتتە غەم پەيدا.
5
باغ ئارا كۆرسەتمىدىڭ گۇلدەك جامالىڭدىن ماڭا،
شەمئى يەتكۈرمەدىڭ بۇي ۋېسالىڭدىن ماڭا.
ئەيلەدىم قەددىڭ نىھالىنى نېشان دىل باغىدە،
تەگمەدى بىر مىۋەئى نەۋبەر نىھالىڭدىن ماڭا.
ۋادى غەمدىن كېلىبمەن تەشنەلەپ مەجنۇن كەبى،
بەرمەدىڭ بىر قەترەئى ئابى زىلالىڭدىن ماڭا.
سۈرمە چەشمى ئەيلىسەم تابىم ئىزىڭنىڭ كەردىنى،
بولمادى ھەرگىز مۇيەسسەر پايى مالىڭدىن ماڭا.
بول ھۇۋايداغا مۇيەسسەر بولسا دۇنيا مۇلكىتى،
ئەيتادۇر، ئۆزگە كېرەكمەس زۇلفۇ ھالىڭدىن ماڭا.
6
جاھانغا قۇدرىتىڭ بولدى ھۇۋەيدا،
قىلۇرسەن قەترەئىدىن دۇرنى پەيدا.
تۇتۇپسەن يەر بىلە كۆكنى مۇئەللەق،
ستونسىز پەمدا رۇشىب بالا.
ياراتىپسەن پەلەكتە ئايۇ كۈننى،
قلىپتۇرسەن چىراقى ئۇشبۇ دۇنيا،
ئەجەپ سانئ سەن
سەنئەتلەرىڭ بار،
ئەجەپ قادىرسەن ھەييۇ تەۋانا.
قايۇ بىر قۇدرىتىڭنى مەن قىلاي ياد،
نە يەرگە يەتكۈسى بۇ ئەقلى كوتا.
جاھانغا ياغدۇرۇپ كۆپ قارۇ يامغۇر،
قىلۇرسەن يەر يۈزىنى خۇزرايۇ ھۇمرا.
قىلۇرسەن بەزى يەرنى باغۇ بوستان،
يەنە بەزى زىمىننى چۆلۇ دەريا.
قىلىپسەن تۇرفە مەزمۇد تاغلارنى،
ئاراسىدا ياراتىپ دەشتۇ سەھرا.
قايۇ بىر قۇدرىتىڭنى ئەيتايىن مەن،
تىلىم لال يەنە ئەقلىمدۇر كوتا.
يۈرۈتتۈڭ بەزىنى ئاچ بەرەھنە،
بېرىپسەن بەزىغە كۆپ مالۇ دۇنيا.
بىراۋنى مۇستەھەق زارى قىلدىڭ،
بىراۋغا نان ئۈچۈن ئەيلەر تەۋەللا.
قىلىپسەن بىر خۇش پەھىم، خۇش ئىدراك،
قىلىپسەن بەزىنى جىننىيۇ رەسۋا.
قىلىپسەن بەزى ساھىب بەسارەت،
قىلىپسەن بەزىلەرنى كۇنكى ۋە ئەئما.
خۇدايا بولمىسا سەندىن بۇ ئىنئام،
نەدەر مۇشتى سوقتى بۇ ئەقلى كوتا.
بىھەمدىللا باھايىم ئەيلىمەپتۇر،
خۇدايا شۇكرىكىم تىل بەردى گويا.
بىراۋنىڭ قارنى تويماس پارچە نانغە،
بىراۋ يەر دەئىما شەھدۇ بىلە ھالۋا.
بىراۋنى ئەيلەدىڭ مۇھتاجى بىر پۇل،
بىراۋنى ئەيلىدىڭ بىھەد تەۋانا.
بىراۋغا بەردى دائىم مىھنەتۇ دەرد،
بىراۋنىڭ كۈلپىتى بولمىدى ئەسلا.
ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا بارچە باراۋەر.
گادا ۋە شاھ بولسۇن خاھى موللا.
ئۆلۈم قىلماس جۇدا شاھ ۋە گادانى،
بىرۇر ھەر قايسىغا يەر ئاستىدا جا.
خۇدادىن بىخەبەر بولما بۇرادەر،
ۋاپا قىلغانى يوق ھېچكىمگە دۇنيا.
كىشى بولمىسا مەئنىدىن خەۋەردار،
ئەنى ئادەم دېمە، ئۇ نەقشى بورىيا.
خۇدادىن ئۆزگىنىڭ يوقتۇر ۋەفاسى،
ھۇۋەيدا قىل تۈنۇ-كۈن زىكرى مەۋلا.
7
سېغىنىپ كەلدىم سەنىڭ دەرگاھىڭغا يا رەببەنا،
راندى دەرگاھ قىلما گەرچە بولسا پۇر گۇناھ.
ھېچ سائىل رەھمىتىڭنىڭ خانىدىن نەۋمىد ئەمەستۇر،
شەيئەل لىللاھ دەر ئىشىكىڭدە تۇرۇپ قىلدىم سادا.
سەن ئەگەر قىلساڭ ئىنايەت بەندىغە ئىنئامى خۇش،
تۇنۇ كۈن ئاللا دەپ ئېيتۇق ساڭا ھەمدۇ سانا.
سەن قۇلۇم دەپ ئېيتمىساڭ بۇ بەندىنى ئەي كەردۇ كار،
مەن نېچۈك قۇلمەن دەب ئۆزۈمگە قىلايىن ئاھ دۇئا.
رەھمىتىڭ كۆپتۇر خۇدايا قىلمىغايسان نائۇمىد،
كەلدى ھۇ دەپ ئىشىكىڭگە مۇستەھەق بىناۋا.
تەشنەلەب قالدىم بۇ ئىسيان چۆلىدە يولدىن ئېزىپ،
ياغىياسەل مۇستەغىيسىنە ئەنتە ھادى ئىھدىنا.
كىمكى سادىق بولدى تاپتى ھەق تەرەپتىن راھ قەرىب،
ئۇشبۇ يولغە لايىق ئەمەس ھەرلۇ نەدۇ ھەر گەدا.
ئەي ھۇۋەيدا خاكى بول، قىلمە تەكەببۇر زەررەئى،
تۇتتى گوھەر كىم ئۆزىنى بولدى ئاخىر بورىيا.
8
بۇ دۇنيا بى بەقايىدۇر قەنى ئادەم قەنى ھەۋۋا،
قەنى شىسۇ قەنى نوھۇ قەنى ئىبراھىمۇ سارا.
قەنى ئىسمائىلۇ ھاجەر قەنى ئىسھاق ئۇزەير ئاخىر
قەنى يەئقۇب قەنى يۇسۇف قەنى شەمئۇن ياھۇدا
قەنى سالىھ قەنى ھۇد ئۇ قەنى ئول دانىيالۇ لود،
قەنى جىرجىس قەنى ھەرمل قەنى يۇنۇس قەنى ئىيسا،
قەنى داۋۇد سۇلايمانۇ قەنى ئىسكەندەرى دەۋران
قەنى زۇلكفىل قەنى ئەييۇب قەنى يەھيائۇ زەكەرىيا
قەنى لاۋى قەنى روبىل شۇئەييىب ئۇشمۇيىل يۇشەئ
قەنى ئىبنى يەمىن شەئيا قەنى ھارۇن قەنى مۇسا.
قەنى لوقمان قەنى ئىدرىس قەنى خىزرۇ قەنى ئىلياس،
قەنى يەستەجىر تالۇد قەنى ئوزغانى ئەرمىيا.
قەنى ئول ئەھمەد مۇرسەل ھەبىبى ھەزرەت چۈن
كۆرەرمۇ سەن قايان باردى ئاشۇنداق گەۋھەرى يەكتا.
قەنى ئول چارىيار باسىفائى سەييىد كەۋنەيىن،
قەنى ئەزۋاجە ئەتھار قەنى فاتىمە ئۇ زوھرا.
ھۇۋەيدا ئىئتىماد ئەتمە جەھان بى باقايىغە،
خۇدانىڭ زىكرىنى قىلغىن بارىدىن قالدى بۇ دۇنيا.
ئاچىپ ئىبرەت كۆزىن بىردەم تاماشا قىلغىل ئەي بەرنا،
نە ياخشى نە يامان قالدى ئەجەب ھىنگامەدۇر دۇنيا
قەنى ھامان قەنى فىرئۇن قەنى شەدداد ئىلە نەمرۇد،
قەنى ئاد ئۇ قەنى رەغبۇد قەنى خۇب قەنى پۇجا
قەنى زالۇ قەنى رۇستەم قەنى سەھراب ئىلە بەھمەن
قەنى كەيكاۋۇس ھورمۇز قەنى كەيخسراۋۇ دارا،
قەنى ئەفرىدۇن يەكدەست قەنى ئىسفەندىيار ئاخىر،
قەنى دەقيانۇسۇ زۇلاب قەنى تەملىخى مەبلەينا.
قەنى ئىملاق پۇلات مەندەش بىرلە قەنى بۇزرۇد
قەنى ئەفراسىياب پەرھاد قەنى ئول شېرىن زىبا.
قەنى جەمشىد جامۇ جەم قەنى نۇشرىۋان ھاتەم،
قەنى زالىم، قەنى ئالىم قەنى شاھى گادا موللا.
قەنى شەھزادە خانىملەر، قەنى مەستۇرە ئايىملەر،
قەنى خوب قەنى نا خوب قەنى ئول تەلئەت زىبا.
قەنى خۇش دىل، قەنى بەددىل قەنى ئاشىق، قەنى مەئشۇق،
قەنى مەجنۇن، قەنى لەيلى، قەنى ۋامۇق، قەنى ئۇزرا.
ئەگەر مىڭ يىل ئۆمۈر سۈرسەڭ ۋاپاسى يوقتۇرۇر ئاخىر،
كىمگە كۆرسەتتى ئەي دوستلەر ۋاپا بۇ بىۋاپا دۇنيا.
ئىشى قىل ئەي بۇرادەر زادىراھ ئاخىرەت بولسۇن،
خۇدانىڭ زىكرىدىن ئۆزگە ھەممە ئىشلار ئىرۇر پۇجا.
كۆڭۈل سەھراسىدا پەرۋەردە قىلغىل مەھرۇللانى،
بۇ دۇنيانى دېدى ئەھمەد زىرائەتگاھ ئول دۇنيا.
ئۆلۈرسەن، قالغۇسى ئاخىر ئىمارەتلەر بىنا قىلساڭ،
تۈمەن ئالتۇن كۆمۈش بىرلە ھەۋەستە ئەيلىسەڭ بەرپا.
بۇ دۇنيا زىننىتى ئىچمەك-يىمەك، پەرزەندۇ مال ئەرمىش،
كىزەر قىلغىل ھۇۋەيدا سەن ئەزىن دۇنيا ۋەما فىھا.