گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 4

ئۈمىدجان قادىرى:قوش مېغىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

0

دوست

1017

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 12:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 133- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


قوش مېغىز


ئۈمىدجان قادىرى


دىل كۈيى


ئىزدىبان تەسكىن-تەسەللى زارىقىش بىسيارغا مەن،
بەل چىگىپ چىقتىم سەپەرگە،ئاھ مېنىپ «تۇلپارغا»غامەن.

ئىچ قويۇن بولساقمۇ ئەمما مۇڭدىشىپ سىملار ئارا،
ھېيىقىش قىستار دىلىمنى،ناتونۇش دىدارغا مەن.

مەنزىلىم پۈتكەندە توختاپ،رەستىدىن تاپتىم ئۇنى،
كۆز ئەمەس كۆردۈم يۈرەكتە،ئوخشىدىم دىلتارغا مەن.

ياشىدىن قالدىمكى مەڭدەپ،نىم يېشىمكەنغۇ ئۆزى،
روھىدىن چاقنايدۇ ئەختەر،بى ئامال ئىزھارغا مەن.

داخىلى بولدۇمكى نېئمەت «داستىخانىدۇر ئېچىل»،
ئەڭ لەزىز تەمدۇر بۇدورەم داخىلىم ئەشئارغا مەن.

كۆچمىگەي ئەستىن ئەبەدكە شۇل ئەزىم دەريا بويى،
«مۇنچىسى شاھ»تا يۇيۇندۇق،دىل قېنىپ ئەسرارغا مەن.

لەۋزىدىن تامغاي ئۈمىدجاننىڭ ساداقەت كەۋسىرى،
ئىككىلا ئالەمدە تەييار دوست ئۈچۈن ھەمكارغا مەن.


قوش مېغىز


سىماھىڭ ماھىدۇر نۇرلۇق،جۇلالاپ پارلىغاي دىلدا،
مۇرادىم ئىستىمەك ۋەسلىڭ،كېزىپ ھېچ ھارمىغاي دىلدا

چۈشۈمنى ئىزگۈلۈك كۆرگەن،نىگاھىڭ مۆلدۈرى بۇزسا،
خىيالىم باشلىغان سۆھبەت تىلەككە يامرىغاي دىلدا.

«جاۋاب»ىڭ نەشتىرى تىلغاپ يۈرەكنى،قانچىلىك ئەزسە،
قېنىمدىن ئۇخچىغان ئىشقىم ئۈمىدسىز قالمىغاي دىلدا.

كۆيۈشنى ئىمتېھان ئەيلەپ،مۇھەببەت تەختىنى كۈتتۈم،
ھاياتىم گۈلشىنى رەڭدار،خۇناپنى يالمىغاي دىلدا.

ئىشەنچ ھەم ئېتىقاد بىرلە ئۈمىدجان كۆزلىگەي مەنزىل،
بولۇرمىز«قوش مېغىز»بىر كۈن،ئەقىدەم تايمىغاي دىلدا.
2013.يىل 23.ئىيۇل پىيالما.


گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى غەزەللىرىڭىزگە مۇبارەك. ياخشى چىقىپتۇ. سالامەت بولغايسىز

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجاننىڭ ئىلھام قۇشلىرى پەرۋاز قىلماقتا،ۋەزنى ئارۇز گۈللىرى پورەكلىمەكتە. قايناق ھېسيات ئىچىدە ئۆتكەن دەقىقىلىرىڭىز داۋام قىلغاي!

0

تېما

0

دوست

22

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 17:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز تەگمىسۇن.ياخشى يىزىپسىز. ئىلھاملىرىڭىز بەركەتكە تولسۇن.........

7

تېما

0

دوست

436

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 00:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ھەقىقى غەزەل بوپتۇ . بارىكاللا !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:45 , Processed in 0.261548 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش