گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 1

ياشلىرىمىزدا نېمە كەمچىل؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

236

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 175- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ياشلىرىمىزدا نېمە كەمچىل؟
1. يۈكسەك غايە كەمچىل
يۈكسەك غايە بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشتىكى ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۇلۇپ،غايىسىز كىشى بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كالگۈسى غايىلىك ، ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك ياش ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، دۆلىتىمىزدە يۈكسەك غايە تىكلىگەن ياشلار ساناقلىقلا. ئۇلار بىلەن نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش تولىمۇ قىيىن.ئومۇمى يۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشتا، يۈكسەك غايىدىكى ياشلارنىڭ ئەمىلى ئىش ئۈنۈمدارلىقى كېرەك.
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ تۇللۇق ئوتتۇردا ئوقۇش نىسبىتى يىلسىرى تۆۋەنلەپ بارماقتا.يۈكسەك غايىنىڭ كەمچىلىگىدىن ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئاشماقتا. جىنايەت يولىغا ماڭغان ياشلارنىڭ سانى، ئومۇمى ياشلار سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە ئاشماقتا.نۇرغۇنلىغان ياشلار يۈكسەك غايىنىڭ يېتەرسىزلىگىدىن جەمىيەتتىن ئاغىرىنىپ، بۇدۇنياغا ئاپىرىدە بولغىنىدىن بىزار بولماقتا. بىر قىسىم سىتودىنتلىرىمىز ئاق تاماكىنىڭ قۇربانىغا؛دېسكوخانا،تورخانا ۋە رېستورانلارنىڭ جىدەلخور مېھمانلىرىغا ئايلانماقتا. خىزمەتتىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ياشلىغىنى ئونتۇغان ھالدا ياشانغانلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرماقتا........
جەمىيەتتە يەنە يۈكسەك غايىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرىۋاتقان، جەمىيەتتە نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى تېپىپ بېرىۋاتقان ئەركىن ھاشىم،رادىل ئابلا....قاتارلىق كارخانچىلىرىمىزمۇ بار. ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى تەسادىبىيلا يارىلىپ قالغان ئەمەس. شۇڭا بىر كىشىدە يۈكسەك غايىلا بولىدىكەن ئۇنىڭ ئالقىنىدا ئەجىر مىۋىسى يالتىرايدۇ. جەمىيەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇرىچىنى ئادا قىلالايدۇ.
2.ۋاقىت قارىشى كەمچىل
بىزدە:‹‹ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق››،‹‹ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت››دېگەن گەپ بار. لېكىن جەمىيىتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشلارنىڭ ۋاقىت قارىشى ئىنتايىن كەمچىل.ئاددىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ئېيتساق مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئالغان بىلىمىنى قىلچە ئويلاپ قويماستىن ۋاقىتنىڭ تېزراق ئۆتىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلار بولسا ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئىشىنىپ بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، بىلىم يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي جەمىيەتتىن، بېقىپ تەربىيىلىگەن ئاتا-ئانىدىن بىزار بۇلىشىدۇ.ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدىمەيدۇ. ئىش ئورنىدىكى كۆپ سانلىق ياشلىرىمىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىلىم يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي، ئەكىسىچە ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.خىزمەت ۋاقتىنىڭ تېزراق تۇشىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز ۋاقىت قارىشىنىڭ تۆۋەنلىگىدىن كىشىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ.
شۇڭا، ياشلىرىمىز ئۆزىمىزدە يۈكسەك ۋاقىت قارىشى تۇرغۇزۇپ،ئىزچىل تۈردە بىلىم يېڭىلاپ،جەمىيەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىشىمىز ،ۋەزىيەتكە ئاكتىپ ماسلىشىمىز كېرەك.
3.ئەخلاق ساپاسى كەمچىل
ئەخلاق-مۇئاييەن جەمىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمدە شەخىسلەر بىلەن جەمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان پىرىنسىپ ۋە ھەركەت ئۆلچىمىنى كۆرسىتىدۇ.ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى ئائىلە، جەمئىەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن نۇمۇس.جەمىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ياشلار ئۆزىدىكى ئەخلاق ساپانىڭ كەملىگىدىن قىلماقتا.ئەخلاق ساپا جەمىيەتتىكى بارلىق ياشلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالىسا ئىناق جەمىيەت تېزدىنلا بەرپا قىلىنغان بولاتتى.بىز جەمىيەتنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا شۇنداق نەزەر سالغىنىمىزدا؛ كوچىلاردا توپلۇشۇپ ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىۋاتقانلار،ئوغۇرلۇق قلىىپ كىشىلەرنى بۇلاۋاتقانلار،كىچىك بالا سودىسى قىلىۋاتقانلار،زەھەرلىك چىكىملىك پاتقىقىدا ئىڭىرىۋاتقانلار،ئاتا-ئانىسىنى باققىنىغا بىزار قىلدۇرۋاتقانلار ۋە يەنە......لارنىڭ ھەممىسى ياشلار ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە يۈز بىرىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنىڭ تىپىك مىسالى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاق ساپاسى كەمچىل ياشلىرىمىشنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل قىلمىشىدۇر.بۇلارنى تۇسۇش مەسىلىسىمۇ ئەخلاقى ساپاغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
4.مەسۇلىيەت ئېڭى كەمچىل
مەسئۇلىيەت-بىر كىشىنىڭ زىممىسىگە يۇكلەنگەن ئاساسى خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇنى جان دىل بىلەن ئورۇنلاش كېرەك.ياشلارنىڭ جەمىيەتتىكى مەسۇليىتى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ ئۆزىنىڭ،ئائىلىسىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك.مەسۇلىيەتچان ياشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بۇلىدۇ.خىزمىتىنىڭ نەتىنجىسى كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ.
ئەپسۇس، جەمىيەتتە نۇرغۇن ياشلار ئۆزىنىڭ مەسۇلىيىتىنى بىلمەيدۇ.خىزمەت ئورۇنىدىكى ئەمەلىي مەسىللەرگە مەسۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ.خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق ئىنتايىن ئېغىر،مەسۇلىيەت جەريانىدىكى رىقابەت ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى كەمچىل.كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىي مەسىللەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەسۇلىيىتىنى بىلمەيدۇ.
مەسۇلىياتسىزلىك كىشىنى ھالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرۋېتىدۇ.شۇڭا جەمىيەتتە ياشىغان ھەر بىر ياش ئۆزىنىڭ مەسۇليىتىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى ۋە مەسۇليىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى دۇنيادا مەسۇلىيىتى توق ئىنسان بولمايدۇ.
5.يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل
جەمىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يېڭىلىققا مۇھتاج.تۇرمۇش ۋە پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ پەيدا بۇلىشى ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارتىش ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.تۇرمۇش ۋە پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرىسال دۆلەت كۈچى ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش.يېڭىلىق يارىتىش روھى ياشلارنىڭ زىممىسىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.ياشلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلار چايناپ بەرگەن تەييار ناننى يىيىش نۇمۇس. ئادەم بۇ دۇنيادا يېڭىلىق ياراتمىسا ئۇ ئالەمگە مەنىسىز كېتىپ قالىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ بۇلۇپ؛يېڭىچە ياشاش ئۇسۇلى، خىزمەتتىكى يېڭىلىق، ئەدەبىي ئىجادىيەت، پەن- تېخنىكا يېڭىلىقلىرى،تۇرمۇش يېڭىلىقلىرى،تېجەشلىك جەمىيەت بەرپا قىلىش ۋە بېيىشنىڭ يېڭىچە يوللىرى،ئىش ئۈنۈم ۋە ۋاقىتنى تېجەشتىكى ئۈنۈملىك يوللار،تەلىم –تەربىيىدىكى يېڭىچە ئۇسۇللار......قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان سىرلار ياش ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېچىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا.يارىتىلىشقا تىگىشلىك يېڭىلىقلار ساماندەك. پەقەتلا ئۇنى يارتىدىغان يۈكسەك غايىدىكى ياشلارلا كەم.شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلار ئۆزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسىنى تىكلىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
6.بىخەتەرلىك ئېڭى كەمچىل
يېقىنقى بىرقانچە يىللارنى ئېلىپ ئېيتساق ،دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. مانا بۇ ياشلاردىكى بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ رۇشەن ئىپادىسى.جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇلار ئۇچۇشنى بىلگىنى بىلەن چۈشۈشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ.شۇڭا ياشلار ئۆشىنىڭ ياشلىق بۇرىچىنى ئادا قىلىمەن دەيدىكەن جەزمەن بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
7.پىسخىكا بىلىمى كەمچىل
نورمال پىسخىكا ئادەم كەيپىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئادەمدە نورمال پىسخىكا بۇلۇش ئۈچۈن جەزمەن بەلگىلىك سەۋىيىدىكى پىسخىكا بىلىمى بۇلىشى كېرەك.ياشلىرىمىزدا ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشىيەلمەي ئوڭىشسىزلىقلارغا ئۇچىراش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

96

تېما

6

دوست

1246

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 21:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى ئامىللارچۇ؟1
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.155825 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش