- تېما
- 10
- ھەمبەھر
- 0
- ھوقۇقى
- 90
- يازما
- 39
- نادىر
- 0
- ئالبوم
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 2
- بلوگ
- 0
- UID
- 2571
- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-6
- توردا
- 11 سائەت
- جۇغلانما
- 236
- قىزغىنلىق
- 67
- تىللا
- 43
- تۆھپە
- 20
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 251- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.
ئىپپەت - نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق
(مۇھەممەتجان راشىدىن)
قول سۇنمىسام ئويلاپ قالما قورسىقى توق دەپ ،
گەپ ئاچمىسام ئويلاپ قالما سۆيگۈسى يوق دەپ.
ئويلاپ قالما،كەلمەي يۈرسەم سەندىن ئەيمىنىپ،
سېغىنمايدۇ شۇڭا كېلپ كۆرگۈسى يوق! دەپ .
مەست بولغىنىم شاراپ ئەمەس ،سېنىڭ ۋەجىڭدۇر،
يىغلىغىنىم مەستلىك ئەمەس سېنىڭ دەردىڭدۇر .
ئاختۇرۇپ باق يانچۇقۇڭنى خەتلەر ئاز ئەمەس،
شۇ خەتلەرنىڭ تالايلىرى مېنىڭ ئەرزىمدۇر .
يۇشۇرساممۇ ئۇنى ئەللەر بىلىپ كەتتىغۇ ،
كۆرەلمەسلەر تالاي قېتىم كېلىپ كەتتىغۇ .
تۆت ئېغىز گەپ قىلالماستىن مۇشۇنچىلىكمۇ،
تالاي ئاشىق ھېجران بىلەن ئۆلۈپ كەتتىغۇ.
سېغىنغاندا چىدالماستىن ئۇردۇم تېلىفۇن،
كۈندە ئۇرسام ئون ئىككى رەت ،قېنى ئاڭا پۇل.
ھەر ئۇرغاندە تۈگەمدىغان دىدارسىز گەپ-سۆز،
بولۇپ تۇرسا بۇ يۈرەكنىڭ گويا تىلى ئون.
ئۆزۈم ئەسكى جىمى سەۋەن ئۆزۈمدىن ئۆتكەن ،
ئۆزۈم ئازغۇن،پاراغەتنى شەيتاندىن كۈتكەن.
ئۇلالماستىن يۈرۈپ كەتتىم ئۈزۈلگەن تارنى،
يار كۆڭلىنى ئالماق بەكمۇ مۇشاقەت ئىكەن.
ئۆزگىلەرگە مۈشكۈل ئىدى سېنى ئۇچراتماق،
ئادەت ئىدى ئىككىمىزگە ئايدا ئۇچراشماق.
ئاق قوزىدەك ياۋاشلىقىڭ ئەقلىمنى ئالغان ،
ئارتۇق ئىدى ساڭا سۆزلەپ ئېغىز ئۇپراتماق.
كەم سۆزلىكىڭ كەم تېپىلار ئۆزگە قىزلاردا ،
ئىزىڭدىكى گۈزەللىك يوق ئۆزگە ئىزلاردا.
كۆكسى ئوچۇق تەنتەكلەردە ئۇزلۇق نە قىلسۇن ،
جەلىپكارلىق نىمە قىلسۇن ھاياسىزلاردا.
سۈرەتلىسەم تېنىچ ئاققان دەريا سەن گويا ،
تونۇرىدا ئاق نان پىشقان سەھرا سەن گويا .
يولۇقتۇرساڭ چوڭ- كىچىككە بۇغداي سۆزۈڭ بار،
ساڭا خۇمار بىر كۆرگىلى تاغدا ھەر گىياھ.
قىز بولساڭمۇ قىزىقمايسەن زىبۇ-زىننەتكە،
مۇھەببەتتە قوشمىقىڭ يوق ئالتۇننى شەرتكە.
ۋاپادارلىق يىگىتلەرگە سالغان تويلىقىڭ ،
ۋاپادارلار ئاشىقىنى قويمايدۇ دەرتكە.
پۈتۈن بولۇڭ تۇرار دائىم ھايانى سۆزلەپ ،
ئاشىقىڭنىڭ دەرگاھىدىن تاغ-تاشنى كۆزلەپ.
يۇشۇرمايمەن قالغىنىمنى شۇڭا تەس كۈنگە،
ھوزورىڭدىن نىكاھى يوق ھوزۇرنى كۆزلەپ.
مەنزىلىمىز بولدى بىر كەچ باراڭلىق تەكلىك،
بۇلۇت چىقىپ بولدى ئاسمان قارا پىنجەكلىك.
سېنىڭ ئويۇڭ دالدا ئىزدەش بولسا يامغۇردىن،
مېنىڭ قەستىم تەك ئاستىدا ئويناپ-كۈلمەكلىك.
ئۇنتالمايمەن ئۆمۈر بويى ئاشۇ بىردەمنى،
بىلىپ قالدىڭ چەكتىن ئاشقان مېنىڭ غەلۋەمنى.
قۇچىقىمدىن يۇلقىنغىنىڭ ئۆزۇڭىنى ئاسىراش.
قوغدىغاندەك قەھرمانلار گويا ۋەتەنىنى،
چىقىپ كەتتىڭ تەك ئاستىدىن پەشنى قاققانچە،
كۆزلىرىڭدىن ئىزلىرىڭغا يامغۇر ياققانچە.
شەيتان نەپسىم سەۋەپ بولدى رەنجىشلىرىڭگە،
تەلۋىلىكنى تەن ئالماسقا ئامالىم قانچە.
سۇغا چۈشتى شۇ كۈن چالمام ئۆلدۇم نۇمۇسقا،
ئوت قويۇلدى شالدىرلىغان گويا قۇمۇشقا.
شۈكىر!دېدىم يەنە سەندە بەختىم بار ئىكەن،
ئىككى ھەپتە يالۋۇرغىنىم كەتمىدى بوشقا .
ھەقلىق ئىدىڭ نىمە قىلساڭ مېنى شۇ كۈنى،
بوزەك كۆرگەن ئىدىم چۈنكى سېنى شۇ كۈنى.
سىلكىگەندە غالىپلارچە ئىپپەت-نۇمۇسىڭ،
قېقىلدىغۇ بۇغدىيىمنىڭ دېنى شۇ كۈنى.
بىلمەپتىمەن نۇمۇسىڭنىڭ ۋەتەنلىكىنى،
تاس قاپتىمەن نۇمۇسىڭنى كېپەنلىگىلى.
ئاشىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋىلى ئەقىل لازىمكەن،
سەندىن كۆردۈم قىزلارنىڭمۇ چېچەنلىكىنى.
ئىپپىت-نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق،
شۇ ۋەتەندىن رەززىللەرنى قوغلىمىقىڭ ھەق.
قىز دىگەننىڭ ئەزىزلىكى ئاشۇ خىسلەتتە،
ئويۇننىمۇ شۇ مىزاندا ئوينىمىقىڭ ھەق.
كەتمىگەچكە ئەتراپىڭدىن غىلجىڭلاپ نېرى،
قايسى كۈنى تەستەك يەپتۇ سېنىڭدىن بىرى.
چۆچۈپ كەتتىم شۇنە ئاڭلاپ ،بولدى شۇنداقلا
يەنە بىر رەت يۇيۇلغاندەك قەلبىمنىڭ كىرى.
ئەلمىساقتىن قىز دىگەننىڭ مىزانى شۇنداق،
تەنتەكلەرنى تەستەكلەيدۇۋىجدانى شۇنداق.
قاقلانمىغان ئاشىقلار ئاز سېنىڭ تەپتىڭگە،
سېنىڭدىكى دىيانەتنىڭ گۈلخانى شۇنداق.
چىرايلىقنىڭ ئەل كۆزىدە ئۇزلىقى بىردۇر،
قانچە قاتتىق تارانسىمۇ قىزلىقى بىردۇر.
كەچۈر گۈلۈم بۇ سۆيگۈدە سېنى رەنجىتكەن،
مېنىڭدىكى ھەددىدىن ئاشقان ئەرلىك كېبىردۇر.
|
|