ئاياللار ئىنكارى
1
دەيدۇ ئۇلار: ئەسەر يېزىش زور گۇناھ،
شۇڭا ئەسلا ئەسەر يېزىپ سالما سەن!
جىنايەت ھەم رىشتە باغلاش يېزىققا،
ئاڭا مەڭگۈ رىشتە باغلاپ قالما سەن!
زەھەرى بار شېئىر ئاتلىق سىياھنىڭ،
ئەيلە ھەزەر، زىنھار ئىچىپ ئالما سەن!
ئىچىپ بولدۇم تالاي قۇتا سىياھنى،
يۈرۈيمەنغۇ يەنە ساغلام ئەل ئارا.
يېزىپ توم- توم ئەسەر، گويا ياندۇردۇم
ھەر يۇلتۇزدا ئاجايىپ زور ئوت ـــ لاۋا.
رەنجىمىدى خۇدا مەندىن ئەزەلدىن،
بولمىدىغۇ پەيغەمبەرمۇ ھەم خاپا.
2
دەيدۇ ئۇلار: سۆزلەش ـــ ئەرنىڭ ھوقۇقى،
سەن بىر ئايال، زۇۋان سۈرمەك ساڭا يات!
ئىشقىۋازلىق ئەرلەرنىڭلا سەنئىتى،
سەن ئۈچۈن ئۇ قىيامەتلىك تىلسىمات!
ئىجادىيەت گويا چەكسىز بىر دېڭىز،
بولما ھالاك ئۇندا، ئەيلە ئېھتىيات!
ئەمما سۈردۈم مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى،
ياردىم يەنە سانسىز دولقۇن باغرىنى،
قىلدىم كۈرەش دېڭىز بىلەن بولماي مات.
3
دەيدۇ ئۇلار: شېئىر يېزىپ يەتكۈزدۈڭ
گۈزەل ئەخلاق- ئەقىدىگە كۆپ مالال.
ئەرلەر تۇرسا شائىرلارنىڭ ھەممىسى،
بىزدە شائىر ئاتىلامتى بىر ئايال؟
بارچە يالغان- سەپسەتىلەر ئالدىدا،
دىمىقىمدا مەسخىرىلىك كۈلەرمەن.
ئويلار ئۇلار: كەلسە يېتىپ پۇرسىتى،
ئاياللارنى تىرىك پېتى كۆمەرمەن.
ئۆز- ئۆزۈمگە دەيمەن زادى نېمىشقا
ئەرلەر ناخشا ئېيتسا مەيلى، مەن لېكىن
ئۈن چىقارماي ئازاب چېكىپ ئۆتەرمەن؟
4
بىلەلمىدىم، ئۇلار نېچۈن مۇشۇنداق
ئەخمەقلەرچە تام- پاسىلنى ياراتتى؟
ئەيلەپ جۇدا دالىلارنى ئورماندىن،
كۆكتە ئۈزگەن بۇلۇتلارنى يامغۇردىن،
ساغلىقلارنى قوشقارلاردىن ئاجراتتى؟
كىملەر ئېيتقان بۆلۈنگەن دەپ جىنىسقا
شېئىر- نەزمە،
نەسىر، چۆچەك ھەم مەسەل؟
ئەركەك- چىشى دېيىلەمدۇ تەپەككۇر،
ھەم كىم دېگەن: بۇ پايانسىز تەبىئەت
ئوماق قۇشقا ئېيتقۇزمايدۇ كۈي- غەزەل؟
5
دەيدۇ ئۇلار: ئۆز قەبرەڭنىڭ تېشىنى
ئۆز قولۇڭدا كۇكۇم- تالقان ئەيلىدىڭ.
دەۋرىڭدىكى شەپەرەڭنى شىددەتتە
ئوققا تۇتتۇڭ ـــ ئاياغىڭدا چەيلىدىڭ.
بەرھەق! بەرھەق! شېئىرىمدا ــــ پالتامدا
چاپتىم ساختا يىلتىزلارنىڭ غولىنى،
ھالاكەتلەك كوھىقاپقا ئىتتەردىم
ئۇشبۇ مۇدھىش، جاھىل دەۋران ئۇلىنى.
ئەگەر ئۇلار سالسا ماڭا مالاللىق،
مەن ئويلارمەن ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادا
مەجرۇھلانغان ئەڭ چىرايلىق بۆكەن، دەپ.
كرېست ئارا باغلانسا بۇ ۋۇجۇدۇم،
ياغدۇرارمەن ئۇلارغا مىڭ تەشەككۈر،
مېنى ئىسا بىلەن ئوخشاش كۆرگەن، دەپ.
6
دەيدۇ ئۇلار: ئاجىز كېلەر ئاياللار،
ياخشى خوتۇن قىلار شۈكۈر- قانائەت.
ئەركىنلىك ــــ بار رەزىللىكنىڭ
مەنبەسى،
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ــــ ئىتائەت.
دەيدۇ ئۇلار: تۇتسا قەلەم خوتۇن- خەق،
بېرىلمەيدۇ ئاڭا ئورۇن قاتاردىن.
شېئىر- قوشاق يېزىپ يۈرسە ھەمىشە،
ئۇسسۇلچىنىڭ نېمە پەرقى ئۇلاردىن؟
مەسخىرىلىك كۈلكەم بولسۇن جاۋابى
بارچە ئۆسەك سۆز، پىتنىنىڭ- بۆھتاننىڭ.
رام قىلالماس مېنى مەڭگۈ ئىدىيە،
لوگىكىسى بۇنداق مۇدھىش دەۋراننىڭ.
ئۆز ئەقىدەم ئۈچۈم ئېيتقان كۈي- ناخشام
تۇرار ياڭراپ قەرىدە كۆك- ئاسماننىڭ.
ئىشىنىمەن، توختار تەتۈر قۇيۇنلار،
شەپەرەڭگە يېتەر جەزمەن ماماتلىق.
ئىشىنىمەن، يوقىلىپ شۇ جاھىللار،
نېسىپ بولۇر ماڭا مەڭگۈ ھاياتلىق.
تىك قىيا
سەن مېنى سۆيگەندە سەۋدايى كەبى،
ئالدىمدا تىك قىيا بولىدۇ ئايان.
سەن سۆيگۈ بابىدا ئەۋلىيا ــ نەبى،
مەن بولۇپ ئۆتەرمەن ھەۋەسكار ھامان.
سۆزلەرنىڭ ئىچىگە تىكىپ قوي مېنى
1
قورقىمەن مۇھەببەت ــ سۆيگۈنىڭ ماڭا
ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن بەك؛
قورقىمەن چۈشلەرنىڭ بولۇپ ئوتقا يەم،
ھايالسىز پارتلاپ كېتىشىدىن بەك؛
قورقىمەن شېئىرنىڭ ئەيلىنىپ تامام،
ئىستەككە ئەجەلنىڭ يېتىشىدىن بەك.
2
قورقىمەن دەپ: ئەمدى يامغۇر ھەم بۇلۇت
بولارمۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك جۇدا،
قورقىمەن دەپ: ئەمدى ئورمانزاردىكى
دەلدەرەخ، چۆپلەرگە يېتەرمۇ قازا.
«سۆزلەرنىڭ ئىچىگە تىكىپ قوي مېنى»
دەپ ساڭا ئىلتىجا قىلارمەن شۇڭا.
چاقماق
تومۇزدا تونۇردەك قىزىدى جاھان...
مەندىكى ئاياللىق نازاكەت ــــ سېھىر
مەيدەڭدە قالغان بىر تەر تامچىسىغا
ئۇشتۇمتۇت سوقۇلۇپ قوزغاتتى مېھىر.
سەن كەلدىڭ شۇھامان دېڭىز بويىدىن،
يارالدى جاھاندا ھەيۋەتلىك چېقىن،
زېمىنگە شارقىراپ تۆكۈلۈپ يامغۇر،
دەريادا دولقۇنلاپ ئاقتى سەل ــ ئېقىن.
ئوقۇمىغىن كونا ئۇسۇلدا
سەن مېنى ئوقۇغىن، ئوقۇما لېكىن
ئەرەبچە يېزىقتەك ئوڭدىن سول تامان؛
لاتىنچە يېزىقنى ئوقۇغان كەبى
ئوقۇپمۇ سالمىغىن سولدىن ئوڭ سايان؛
ساقلان ھەم خەنزۇچە خەت ئوقۇغاندەك
ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئوقۇشتىن ھامان!
سەن مېنى ئوقۇغىن ئاددىي ئۇسۇلدا،
كۆڭلۈمنىڭ سىرىنى چۈشەنگىن بىراق،
زەر قۇياش ئوت ــ گىياھ، ياپراقلارنى ھەم
بۇلبۇللار گۈللەرنى ئوقۇغان سىياق.
دېموكراتىيە
سىياسىي كۆز قارىشىنى ئەر
ئەلگە بايان قىلسىمۇ ئەگەر،
قويۇلمىسا ئاڭا چەكلىمە،
ھېسابلانماس دېموكراتىيە؛
مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىپ ئايال
قارىشىنى ئېيتسا بىمالال،
ھېچكىم ئاڭا قىلمىسا ھۇجۇم،
ئىشقا ئاشار شۇ چاغدا چوقۇم
ئىنسانغا خاس دېموكراتىيە.
پۇراق
ئايروپورتقا چىقىپ سېنى ئۇزاتتىم،
غايىپ بولدۇڭ بىر دەمدىلا يېنىمدىن.
سېغىنىشتىن پەيدا بولغان ھىد - پۇراق
ھەممە يەرگە تاراپ كەتتى تېنىمدىن.
زالدا تۇرغان يولۇچىلار بۇرنىغا
بۆسۈپ كىردى بەك غەلىتە ھىد - پۇراق.
پەيدا قىلغان ئۇنى مېنىڭ قەلبىمدە
مۇھەببەتتىن لاۋۇلدىغان ئوت ـــ پىراق.
بولسۇن نە پايدىسى ئېغىزنىڭ ماڭا؟
ئىككىمىز ئولتۇرۇپ ئىچمىسەك قەھۋە،
بۇ قەھۋەخانىلار يارالغان نېچۈن؟
ئىككىمىز قىلمىساق سەيلە ــ تاماشا،
ئازادە كوچىلار ياسالغان نېچۈن؟
تىل مەۋجۇت بولامدۇ نامىڭنى ئەگەر
تىلىمغا ئالمىسام تەلپۈنۈپ ساڭا؟
چەكلەنسە مەن سېنى سۆيدۈم دېيىشىم،
بولسۇن نە پايدىسى ئېغىزنىڭ ماڭا؟
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا
مەن سەن بىلەن ئوينىسام ئۇسسۇل،
باشاق كەبى ئىرغاڭلار بېلىم،
ئايلىنار ھەم بۇ دۇنيادىكى
ئەڭ ئۇزۇن بىر دەرياغا چېچىم.
ئاخىرقى پورت
رازىمەن بولۇشقا ئەل - يۇرتۇڭ سېنىڭ،
سەنمۇ بول مەڭگۈلۈك ئاستانەم مېنىڭ؛
بولاي سەن تەلپۈنگەن كېمە مەن ساڭا،
سەنمۇ بول ئاخىرقى بېكەت ـــ پورت ماڭا؛
بولاي مەن جىلۋىدار بۇلۇت سەن ئۈچۈن،
بول يامغۇر تامچىسى سەنمۇ مەن ئۈچۈن.
سەپەردىن قايتقاندا...
سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلسەم ھەر قېتىم،
چامىداننى ئاچالماي جىم تۇرارمەن.
چۈنكى ئاساي دېسەم كىيىم ــ كېچەكنى،
چامىداندىن سەكرەپ چىقىپ بېلىقتەك،
مېنى كۆز ياش تانىسىغا ئاسارسەن.
مەنبە:شىنجاڭ
يازغۇچىلىرى