مەن بىلەن __ ھەزرىتىئەلى

مۇزىكا alma 139℃ 0

原 (8)

مەن بىلەن __ ھەزرىتىئەلى

      بۇ ھاياتتا بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن،
      بەخت دېگەن يىراقتا، كۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
      كۈلكە دېگەن ھەر ۋاقىت يىغا بىلەن بىر تۇغقان،
      يىغلىغاندا تەڭ يىغلاپ، كۈلەلەمسەن مەن بىلەن.

      ھايات گويا بىر سەپەر، بورىنى بار يامغۇرلۇق،
      چۆلدە قالسام بوراندا تۈنەلەمسەن مەن بىلەن.
      ئېيتالمايدۇ ھىچكىممۇ، ئازابى يوق ھاياتنىڭ،
      كەلسە باشقا دەرد-ئەلەم، يۈتەلەمسەن مەن بىلەن.

      ئاتا-ئانا ئەڭ ئۇلۇغ، شۇڭا دەيمەن بۇلارنى،
      گويا مېنى سۆيگەندەك سۆيەلەمسەن مەن بىلەن.
      نە قىسمەت بار بېشىمدا، بىر كۈن ئەجەل يەتكەندە،
      بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىپ، كېتەلەمسەن مەن بىلەن.

      گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئىشلەندى

      يازما مەنبەسى: ../

      维吾尔语频道_430

      تارتۇق
      (0)or(0)
      باھا يېزىش
      بولدى قىلاي!
      چىراي ئىپادىسى

      Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

      • تەخەللۇس (*)
      • ئىلخەت (*)
      • تور بەت
      تىزىملىتىڭ

      كىرىڭ

      شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

      كىرىڭ

      تىزىملىتىڭ