مۇھەببەت __ ئادىلە سىدىق
كۆز ياشلىرىم تېمىپ زۇمرەتنى تېشەر،
سىرغىپ چۈشسە بارچە يۈرەكنى ئېزەر.
ئازاپلىرىمغا كۈلەركەن، ##### كېتەركەن
ھەي بىشەپقەت.
* * *
ئۆتسىمۇ گەرچە مېنىڭدىن كۆپ سەۋەب،
قىلغانكەنمۇ سېنىڭدەك ماڭا ئەلەم.
كۈيلىرىمگە تارالسۇن، تەنلىرىمگە قامالسۇن،
ئاھ مۇھەببەت.
* * *
ئاھۇلىرىم، ئۆرتەندى بۇ تەن،
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىڭ نەپەس،
ئارام بەرمەستىن ئەجەپ.
يىقىلسام قەدەملىرىڭگە،
گۇناھدۇر سۆيگۈم مېنىڭ،
ئاقىۋەت.
* * *
تىكەنسىز بىر گۈل دەپ بىلدىڭ سەن مېنى،
تىكەنلىرىم كىرسە ئۆلتۈرەر سېنى.
يوللۇرۇمغا زار بولۇپ، مۇھەببىتىمگە خار بولۇپ،
قالىسەن ئەبەت.
* * *
ئاھۇلىرىم، ئۆرتەندى بۇ تەن،
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىڭ نەپەس،
ئارام بەرمەستىن ئەجەپ.
يىقىلسام قەدەملىرىڭگە،
گۇناھدۇر بۇ سۆيگۈم مېنىڭ،
ئاقىۋەت.
* * *
نادامەتتە قالدى، #####
ئامانەتتە قالدى، #####
* * *
ئاھۇلىرىم، ئۆرتەندى بۇ تەن،
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىڭ نەپەس،
ئارام بەرمەستىن ئەجەپ.
يىقىلدىم قەدەملىرىڭگە،
گۇناھدۇر بۇ سۆيگۈم مېنىڭ،
ئاقىۋەت.
* * *
نادامەتتە قالدى، #####
ئامانەتتە قالدى، #####