كۆكلەم __ پەرىدە قاسىم
سۆزى، مۇزىكىسى: پەرىدە قاسىم
پەرىدە قاسىم، ھۆرىگۈل، ئالمىرە ئالىم ئورۇنلىغان
كۆرسەم ۋەسلىڭنى يار،
بىھوش مەن بىئارار،
يالغۇز سەنمۇ ئەگەر تەنھا بولساڭ.
ھىجران جۈپتى ۋىسال،
ئاڭا كۈن-تۈن مىسال،
بۇلبۇلگويادۇرمەن سەن گۈل بولساڭ.
- * * *
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر،
بەرگىن بەرگىدىن خەۋەر.
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن كەتمەيسەن.
ئاتەش ئوتى ياندى،
كىمدىن سورىغاي سېنى.
ئارامى جانىم سەن بەرگىن خەۋەر.
- * * *
كەلدى كۆرۈنەر باھار،
گۈزەل ئەزىز نىگار،
ۋىسال ئىزدەپ بولدۇم مەن ئىنتىزار.
كۆڭلۈم گويا چىمەن،
قەلبىم ۋەسلى گۈلزار،
ئىشقىمنىڭ بېغىدا سەن ھۆكۈمدار.
- * * *
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر،
بەرگىن بەرگىدىن خەۋەر،
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن كەتمەيسەن.
ئاتەش ئوتى ياندى،
كىمدىن سورىغاي سېنى،
ئارامى جانىم سەن بەرگىن خەۋەر.