تەۋىسىيە
ئىزدەش

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

تۈرى : خەۋەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-03-12 23:38:04

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى

 15ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – مارت تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى 10 – مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 15 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

   بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى دۇ چىڭلىن، لو فۇخې، چېن يۈەن، ۋاڭ جيارۈي، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا. يىغىنغا ما پېيخۇا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

   ئەزا لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ھەرىكەت يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەن ئەھۋالدا، تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ چىقىرىش نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمما قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى جىددىي ۋەزىپە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.

   ئەزا كې بىڭشېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ 13 – بەش يىل››غا يۈزلەنسەك، ئاچقۇچ يەنىلا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنىڭ ‹‹ھەممىدىن مۇھىم›› ئورنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئاجىزلاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش.

   ئەزا نەن سۇنخۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 – مارت جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى تولۇق بايان قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىدىكى بىزدەك زاتلارغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى بېرىپ، بىزنى خاتىرجەم قىلدى، ئىشەنچكە تولدۇردى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر باھارنى كۈتۈۋالغۇسى.

   ئەزا لى داۋكۈي: پاي چېكى بازىرى ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى جەزمەن غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، دېدى. ئۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تۈپ جەھەتتىن كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان كاپىتال ئوبوروتىنى ئىلمىي، توغرا باشقۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

   ئەزا چېن جاڭلياڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل››مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىر ياخشى باشلىنىش بولدى، شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بەزى ئىشلار كۆرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، تۆۋەن نىشان بىلەن ئومۇمىي نىشان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى بىلەن ئاممىنىڭ سۇبيېكتىپلىقى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

   ئەزا ياڭ ۋېيجيەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىلىنىش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. ئۇ ئىقتىسادتىن بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىخەتەر بولغان سۈپەت ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

   ئەزا تيەن گاڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، مەن بۇ ئىستراتېگىيەدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

   ئەزا جيا كاڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش فاڭجېنى ئىقتىسادىي خىزمەت بىلەن ماكرولۇق تەڭشەش يېڭى تەپەككۇرىنى نامايان قىلدى. تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشتىكى ‹‹قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش››نىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن باشقا تاللىشىمىز يوق، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تايىنىپ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

   ئەزا چېن شىڭيىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توردا پارچە سېتىش بازىرىغا ئايلاندى، لېكىن ‹‹ساختا، ناچار تاۋارلارغا زەربە بېرىپ، ھوقۇقنى قوغداش قىيىن بولۇش››مۇ ئىستېمالچىلار بىلەن ئىناۋەتلىك كارخانىلارنىڭ نېرۋىسىغا تېگىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي سودا قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

   ئەزا ياڭ كەيشېڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، پىشاڭغا ئېسىلىۋالماسلىق يالغۇز بۇ يىلقى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگىمۇ چېتىلىدۇ. تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇسۇل – چارىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تىزگىنلەش ھېساباتىنى ئېنىق قىلىپ، تۈرلۈك بازارلارنىڭ ئىستېرېئولۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

   ئەزا يۈەن يافېي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتە، مۇھىمى، يېڭى سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىش بولماستىن، بەلكى ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. ئۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىخچام، توغرا، ئەمەلىي بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

   ئەزا تاڭ يىڭنيەن مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاندا ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىلىپتۇ، شياڭگاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە سۇپىسى، مۇلازىمەتچىلىك ئىختىساسلىقلىرى توپلانغان جاي بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئىككىلا تەرەپ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

   ئەزا ليۇ جېنيا مۇنداق دېدى: دۇنيا ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئېنېرگىيە ئالاقە تورى بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

   ئەزا لى شۇفۇ مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تەخىرسىز ئىش، ياسىمىچىلىقى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى ئاشۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

   ئەزا جيې جېنخۇا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش، ‹‹13 – بەش يىل››دا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات دىپلوماتىيەسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئالدىنى ئېلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك.

   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خەن چىدې، پابالا گېلېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنچى، خې خوخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى


ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长