ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى(2)

دوختۇرخانا نامى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى(2) | دەرىجىسى | ئالاقە نومۇرى:
دوختۇرخانا ئادرېسى:

بۇ دوختۇرخانا روھى ساغلاملىق ۋە داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن روھى ساغلاملىق خىزمەت تۈزۈلمىسىنى ئسلاھ قىلغان. دوختۇرخانا روھى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پسىخىكا توسالغۇلاردىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ روھى كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتكەن. دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپىسى ئىلمى ھالدا روھى ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ «12-بەش يىللىق پىلان»ىنى تۈزۈپ چىقىپ، دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى تۇرغۇزغان. «چوڭ تىپتىكى كەسپى بۆلۈم ۋە كىچىك تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم» فاڭجىنى ئاساسىدا، ئۆزگىچە دوختۇرخانا قورۇش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويدى. «12-بەش يىللىق پىلان»دا، روھى كېسەللىك بۆلۈمى، ياشانغانلار بۆلۈمى ۋە نېرۋا ئىچكى بۆلۈمىنى بىر تۇتاش مەخسۇس دوختۇرخانا قىلىپ قورۇپ چىقىش، مېڭە بۆلۈم دوختۇرخانىسىنى تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ ماڭدۇرۇش، دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەقسىمات ئىسلاھاتىنى كېڭەيتىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق مۇھىتى گۆزەل، ئەسلىھەلىرى تولۇق، كەسپى تېخنىكىسى ئىلغار بولغان پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە، كەسپى، زامانىۋى دوختۇرخانا قورۇپ چىقىش كۆرسىتىلگەن.
دوختۇرخانىدا تەۋسىيىلىك دوختۇرلاردىن تۆۋەندىكىلەر بۇلۇپ بىمارلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ بېلىۋېلىشىغا سۇنۇلدى:
   شۈ شىياڭدوڭ
دوختۇرخانا باشلىقى

 

شۈ شىياڭدوڭ

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق 4-دوختورخانىسىنىڭ باشلىقى، جوڭگۇ پسىخىك سەھىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىريىتى، جوڭگۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرول قىلىش مەركىزى روھى كېسەللىكلەر سەھىيە مەركىزىنىڭ ھەيئىتى، جوڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى روھى كېسەللىكلەر شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ھەييىتى، روھى كېسەللىكلەر بۇيىچە 20 يىلىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى بار. ھەر خىلدىكى پسىخىكا مەسىلىلىرى، پسىخىكا توسالغۇغا ئۈچراش ئەھۋاللىرى ۋە داۋالاش تەس بولغان روھى كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىيالايدىغان سەۋىيىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا روھى كېسەللىكلىرى بىلەن پسىخىكا ساغلاملىق تەتقىقاتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى مۇتەخەسسىس.


لىيۇ جاڭلىن
جىددىي قوتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى

لىيۇ جاڭلىن

جىددي قوتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە. 1989-يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتىتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جىدىي قوتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە ئونىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ ساھەدە 20 يىللىق خىزمەت تەجربىسى بار.  


  ۋاڭ شىنيۈەن
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى

  ۋاڭ شىنيۈەن
 

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شۆبە دوختورخانىنىڭ باشلىقى. جوڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ پسىخىكا ساغلاملىق جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ روھى كېسەللىكلەر شۆبىسىنىڭ دائىمى ئەزاسى. روھى كېسەللىككە ئائىت 20دىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. كەسپى ئالاھىدىلكى بولسا: پسىخىكا مەسلىھەت بېرىش، ئېغىر روھى كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە.


  لۈ شۇيۈن
كلىنىكىلىق پسىخىكا 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى

  لۈ شۇيۈن

مۇدىر ۋراچ، دوتسېنت، كلىنىكىلىق پسىخىكا 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭ پسىخىكا ساغلاملىق ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيەلىك روھى كېسەللىكلەر تەكشۈرۈش ھەييىتىنىڭ ئەزاسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسسى. 1988-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تېببىي داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك روھى كېسەللىكلەرنى داۋالاش، پسىخىكىلىق داۋالاش، كلىنىكىلىق داۋالاش، تېببىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات تەجرىبىلىرىگە ئىگە. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ژورناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان.  
 

  مەمەت رىشات
ياشانغانلار 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى

مەمەت رىشات
 

ياشانغانلار 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى . 1997-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن. تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. خىزمەتكە قاتناشقان 14 يىلدىن بۇيان، ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك، قان تومۇر خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك، مېڭە كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھى توسالغۇغا ئۇچراش، ياشانغانلاردىكى پسىخىك توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋاللاشتا، مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قالدى. ئىلگىرى مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ھازىر داۋالاش ئىشلىرىدىن سىرت يەنە شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش ئىنىستىتۇتىدا ھەمدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا تەكلىپ بىلەن دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ.


  لى شىنمىن
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى

 لى شىنمىن
 

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، ياشانغانلار 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. شىنجاڭ روھى ساغلاملىق ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي ئىلىم تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى. 1980-يىلى شىنجاڭ تېببى ئىنىستىتۇتىنىڭ تېببىي داۋالاش كەسىپىنى پۇتتۇرگەن. روھى كېسەللىك بۆلۈمىدە 20 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش تەجربىسى بار.


  جۇاڭ شۇيۈن
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى

جۇاڭ شۇيۈن
 

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى، دەسلەپكى مۇدەخلە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. شىنجاڭ روھى ساغلاملىق ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ پسىخىكا جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى.1979-يىلى شىخەنزە تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تېببى داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. كلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە 20 يىللىق تەجربىسى بار. بولۇپمۇ قايغۇرۇش، ئىچى سىقىلىش، جىددىيلىشىش، ياشلاردىكى روھى مەسىلىلەر، روھى بۆلۈنۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تەجرىبىسى مول. ئىلگىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نورغۇنلىغان ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

 
  شىيا يېلىڭ
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پسىخىكىلىق باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى. ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. جوڭگو پسىخىكا ساغلاملىق ئۇيۇشمىسى پسىخىكىلق باھالاش كەسپى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى. جوڭگو-نورۋىگىيە ئالىي دەرىجىلىك روھى كېسەللىكلەرنى تەھلىل قىلىش، تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئەزاسى. پسىخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش، پسىخىكىلىك داۋالاش، پسىخىكىلىق باھالاش كەسىپلىرىدە 20يىللىق خىزمەت قىلىش تەجربىسى بار. 
  تۇرسۇن.سۇلتان
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىر ۋىراچى

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىر ۋىراچى،جۇڭگۇ قانۇن دوختورلۇق جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ روھى كېسەللىكلەر ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى. ئاپتونوم رايونلوق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەكچىلەر ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش كومتېتى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش كېڭەشمىسى دائىمى ئەزالار مۇدىريىتىنىڭ باشلىقى. ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى. 1979-يىلى 7-ئايدا شىخەنزە ئونىۋېرسىتىنىڭ كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن.ئۇزۇن مەزگىل كېلىنكىلىق داۋالاش ۋە روھى كېسەللىكلەر بۇيىچە خىزمەت قىلىش تەجىربىسىگە ئىگە. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ژورناللاردا 10پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. ھازىر شىنجاڭ روھى ساغلاملىق قانۇن دوختورلۇق ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسى. 
  لۈ جىڭفىن
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى. جۇڭگو پسىخىكا ساغلاملىق جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. 1978-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تېببىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 30 نەچچە يىللىق تەجرىبىسى بار. ئىلگىرى مەملىكەتلىك چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ئەقلىي كۆرسەتكۈچىنى باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان. مەملىكەتلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت_ژۇرناللاردا 10نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. كۆپ يىللاردىن بېرى كۆپ كۆرۈلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر، دىئاگنوز ۋە داۋالاش بىرقەدەر تەس بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجرىبىگە ئىگە. بولۇپمۇ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيقۇسىزلىق، جىدىيلىشىش، بىئارام بولۇش، مەجبۇرلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجرىبىگە ئىگە . 
  لىياڭ ئەيمىن
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى. 1978-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۇ بۆلۈمدە 30نەچچە يىللىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۇ ھەرخىل روھىي كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراشقا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە پىشقان. 
  لىيۇ خوڭپىڭ
روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، ياشانغانلار 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. شىنجاڭ پسىخىكا ئىلىم جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. ئۈرۈمچى تېببى ئىلىم جەمئيىتى تېببى داۋالاش مۇتەخەسىسى. ئۇزۇن مەزگىل ياشانغانلار پسىخىك كېسەللىكلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپلىگەن كىتاپلارنى نەشىردىن چىقارغان. مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلمى ژورناللاردا 10 پارچىدەك ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. روھى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جىدىيلىشىش، روھى توسقۇنلىققا ئۇچراش، ھاڭۋېقىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەجربىسىگە ئىگە. 
  ۋاڭ دېشىڭ
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، ئامبولاتۇرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ روھىي كېسەللىكلەر تېببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىسخىلوگىيە جەمئيتىنىڭ ئەزاسى. 1980-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. روھىي كېسەللىكلەر بويىچە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت تەجىربىسى بار. ئالاھىدىلىكى : نىرۋا كېسەللىكلىرى، روھىي جەھەتتىن بۆلۈنۈش كېسەللىكلىرى، ھېسىيات خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىكلىرى ۋە پسىخىكا تۇسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە. 
  بېلىقىز
مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ

.روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىرى.يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرىستىتىنى پۈتتۈرگەن.تولۇق كۇرۇس.كىلىنىكىلىق داۋاللاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە24 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، تەشۋىشلىنىش، دېۋەڭلىك، كېلىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئۇنۋېرسال كېسەللىكلەر، بالىلاردىكى ھەرخىل روھى كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. 
  چىن خاۋ
تاشقى بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

تاشقى بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ، چۇڭچىڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. تولۇق كۇرس. تاشقى بۆلۈمدە 20يىللىق مول خىزمەت تەجربىسى بار. مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت ژۇرناللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئىككى پارچە ماقالىسى رايونىمىزدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تاشقى بۆلۈمدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاشتا مول تەجرىبىگە ئىگە . كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇننى تۈزەش جەھەتتە ماھارىتى ئۈستۈن. 
  چىن جىيەنشىن
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، روھىي كېسەللىكلەر 5-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. 1986-يىلى شىخەنزە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي داۋالاش ئىنىستىتۇتىنى پۇتتۇرگەن. تولۇق كۇرۇس سەۋىيىسىگە ئىگە. روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 20 نەچچە يىللىق خىزمەت تەجىربىسى بار. كۆپ كۆرۈلىدىغان روھىي كېسەللىكلەرنى ئوپراتسىيە قىلىش ۋە ھەر خىل تىپتىكى مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بولۇپمۇ روھىي كېسەللىكلەرنى ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش، روھىي بۆلۈنۈش كېسەللىكلىرى، ياشانغانىلار ۋە بالىلاردىكى روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 
  چىن شىياۋيىڭ
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى،  روھىي كېسەللىكلەر 4-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. روھىي كېسەللىكلەر ئانالىزى ۋە پسىخىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسى. كىلىنكىلىق داۋالاش ۋە پسىخىكىلىق داۋالاش كەسپىدە مول بولغان تەجرىبىگە ئىگە. شىنجاڭدا تۇنجى قۇرۇلغان روھىي كېسەللىكلەرنى ئانالىز قىلىش كىچىك گورۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى. پىسخىكىلىق مەسلىھەت ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن سىناقلاردىن ئۆتكەن. يەنە شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى ، شىنجاڭ «جىڭيى» پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. كەسپىي ئالاھىدىلىكى بولسا پسىخىكىلىق مەسلىھەت ۋە پسىخىكىلىق داۋالاش.   
  شەن يۈفىن

 
  دوڭ خوڭبىن
روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

ھاراق تاشلاتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى.تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە،روھى ساغلاملىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.روھىي كېسەللىكلەرنى داۋاللاشتا 20يىلدىن ئارتۇق كىلىنىكا تەجىربىسىگە ئىگە.ئىلگىرى-كېيىن دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت ـژورناللاردا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان .شەھەر دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن بىرنى تاماملىغان.ئىسپىرت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرگە ھەم خىروئىن، نەشە ۋە يېڭى تۈردىكى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋاللاش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە. 
  گېيۈ
مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ

روھىي كېسەللىكلەر 3- بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ.  كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە 20يىللىق مول خىزمەت تەجىربىسى بار. روھىي كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا ماھىر. روھىي توسقۇنلۇققا ئۇچراش، داۋالاش بىرقەدەر قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە پىسخىكىلىق داۋالاشتا مۇئەييەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغان .   
  دۈەن يۈمېي
روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، جۇڭگو پسىخىكا ساغلاملىق بىرلەشمىسىنىڭ مېيىپلار پسىخىكا ساغلاملىق ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئەزاسى. كىلىنكلىق داۋالاشتا 40نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە. مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا 10نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. روھىي كېسەللىكلەردىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ھەمدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردىكى پسىخىكا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .   
  گۈلنار

  خاۋ رۈيچى

  جىيا لىنا
روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

پسىخىكىلىق كېلىنىكا بۆلىمىنىڭ مۇدىرى، سەھىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن شىنجاڭدىكى تۇنجى پسىخىكىلىق داۋاللاش خادىمى، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە. 20نەچچە يىللىق روھىي كېسەللىكلەرنى كىلىنىكىلىق داۋاللاش جەريانىدا، پۇختا نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە مول ئەمەلىي تەجىرىبە توپلىغان. مۇكەممەل، سېستىمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىسىدا،تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ،نېرۋا كېسەللىكلىرى،ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر ۋە نىكاھ،ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتىكى مەسىلىلەردىكى پسىخىكىلىق داۋاللاشتا، يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە. 
  ئامىنە
روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، روھىي كېسەللىكلەر 5-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭ روھىي كېسەللىكلەر ساغلاملىق جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. 1989-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە 20يىللىق مول خىزمەت تەجىربىسى بار. كۆپ كۆرۈلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر، بالىلاردىكى روھىي كېسەللىكلەر ۋە ئېغىر تىپتىكى روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.   
  ئەنۋەر

مەسئۇل ۋىراچ
1993-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  ئايگۈل

مەسئۇل ۋىراچ
1996-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  ئايشەمگۈل

مەسئۇل ۋىراچ
1993-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، 2000-يىل ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  مىرزات ئەخمەت

مەسئۇل ۋىراچ
1998-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق ھاراق تاشلاش، نەشىدىن زەھەرلىنىش، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش قاتارلىق ھەرخىل زەھەرلەرنى داۋالاش  تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  رەيھانگۇل

مەسئۇل ۋىراچ
1993-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دوختۇرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىرىشكەن. 
  رىسالەت

پىراۋدو(دورىگەر)
1986-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دورا تەتقىقات خادىمى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  رامىلە

پىراۋدو(دورىگەر)
1987-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دورا تەتقىقات خادىمى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەقتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 
  گۈلمىرە

پىراۋدو(دورىگەر)
1996-يىل خىزمەتكە قاتناشقان، دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق دورا تەتقىقات خادىمى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق روھى كېسەللىك ۋە پسىخىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا مول خىزمەت تەجربىسىگە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلار
  • تۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدىتۇغۇلغان بوۋاقنى تۇغۇت يولىغا كىرگۈزىۋەتكەن سېستىراغا 110مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ئامېرىكىدىكى كارولىن ئىسىملىك ئايال ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ 4-بالىسىنى يەڭگىيدىغان چاغدا تەبىئىي تۇغۇت ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دوختۇرخانىدايەڭگىشنى قارار قىلغان، بۇ دوختۇرخانايەنە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىسسىق سۇۋاننىسى ۋە چەكلىمىسىز بوۋاق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىنئۇلاربۇ قارارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كې
  • نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى …نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى … بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك
  • شىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردىشىنجاڭدىن 2 دوختۇرخانا جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارىغا كىردى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېز خەۋىرى، جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى 2017-يىللىق مۇنبىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 100 كۈچلۈك دوختۇرخانا قاتارى ئېلان قىلىندى. مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىغىچە ئېلى
  • كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىزكېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنى بىلەمسىز بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمىسە، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېىيتقاندا سەھىيە مەبلىغىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار پۇلنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندە، ئەلداۋا سىزگە كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. 1. قىزىش، يۆتىلىش،
  • شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىشىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى لوقمان دوختۇرخانىسى -1981يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش، ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال 2 -دەرىجىلىك پۇقر