تارىخىمىز
|
|
«رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ»دىكى شىنجاڭغا ئائىت مەلۇماتلار |
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ |
|
خەۋەر يوللىغۇچى: admin
خەۋەر كۆرۈلىشى:
يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-18 |
«رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ستاتىستىكىلىق لۇغىتى»دىكى شىنجاڭغا ئائىت مەلۇماتلار رەخمەتجان يۈسۈپ شىنجاڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ دۇنيا ئالىملىرىنىڭ، ساياھەتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلغانىدى. بۇ دەۋردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى كۈرىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىلى سۇلتانلىقى ۋۇجۇدقا كەلدى. شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ن. م. پرژېۋالسكىي، ئاكا - ئۇكا گرۇم- گرژىمايلولار، م. ن. پېۋسوف، گ. ن. پوتانىن، ن. ف. كاتانوف قاتارلىق رۇس ئالىملىرى، شۇنداقلا گېرمانىيىلىك ئا. لېكوك، ئىنگلىز ئالىمى ستەيىن، فرانسۇز ئالىمى پ. پېللىئوت ۋە باشقىلار بىر قانچە قېتىملىق تەكشۈرۈشلەرنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلماقتا. يۇقىرىقى ئالىم ۋە ساياھەتچىلەر قاتارىدا پ. پ. سېمېنوف تيانشانسكىي(1914 ~ 1827) نىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئۇ شىنجاڭدا بىۋاسىتە تەكشۈرۈشتە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا، بولۇپمۇ ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن مەلۇماتلار يىغىلغانىدى. ئالىم ھەم جەمئىيەت ئەربابى پېتر پېتروۋىچ سېمېنوفنىڭ نامى ئۇنىڭ 1856 -، 1857 - يىللىرى ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن چىقىشقا باشلىغان. چۈنكى بۇ ساياھەت نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئىسمى كۆپلىگەن ئەللەرگە تونۇلغانىدى. 1906 - يىلى پ. پ. سېمېنوفنىڭ تەڭرىتاغقا قىلغان سەپىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى باھالاندى ھەم مۇشۇ قېتىملىق ساياھەتنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ساياھەتچىنىڭ ئىسمى «تيانشانسكىي» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. پ. پ. سېمېنوف تيانشانسكىينىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس. بىز بۇ ماقالىمىزدا ئۇنىڭ پەقەت 1885 - يىلى ۋ. زۋېرىنسكىي، ئى. مايكوف، ئى. بوك قاتارلىق رۇسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ستاتىستىكىلىق لۇغىتى»نىڭ 5 - تومىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياشايدىغان يەرلەر ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلار ئۈستىدە توختالماقچىمىز. تارىختىن مەلۇمكى، 19 - ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا شىنجاڭنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆچۈپ چىققانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن بۇ يۇرتلارغا چىققانلىقى ھەققىدە يازما مەنبەلەر، تارىخىي قوشاقلار ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىگە ئايلانغان يەتتىسۇ تەۋەسى ئۇ ۋاقىتلاردا كىمنىڭ قولىدا ئىدى دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. بۇ رايون ھەققىدە يۇقىرىدىكى كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈركىستان ھەربىي رايونى ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ يىراق چەت - چېگرا رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شىمالدا تورغاي، ئاقمولا ۋە شەمەي ۋىلايەتلىرى، شەرقتە جۇڭگونىڭ جۇڭغارىيە رايونى ۋە ئۈرۈمچى ۋىلايىتى، جەنۇبتا قەشقەرىيە، پامىر يەرلىرى، بۇخارا تەۋەسى ۋە خىۋا خانلىقى، غەربتە ئارال دېڭىزى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يېرى 609 مىڭ 952 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىمپېرىيە زېمىنىنىڭ 20دىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. زېمىنىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە ياۋروپانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەللىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ گېرمانىيە ۋە ئاۋسترو- ۋېنگرىيىنىڭ زېمىنىغا تەڭ كېلىدۇ ھەم فرانسىيە، بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ زېمىنىدىن سەل كىچىك. تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقى 1867 - يىلدىن تارتىپ يەتتىسۇ ۋە سىردەريا ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇلغانىدى؛ 1868 - يىلى بېسىۋېلىنغان بۇخارا يەرلىرىدە زەرەپشان ۋىلايىتى قۇرۇلدى؛ 1871 - يىلى غەربىي جۇڭگونىڭ ئىلى ۋىلايىتى قوشۇلدى؛ 1873 - يىلدىكى خىۋا تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئامۇ دەريا ۋىلايىتى قۇرۇلدى»(271 – بەت). 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رۇسىيىنىڭ جىددىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تولۇقى بىلەن بېسىۋېلىندى. 1755 - يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنى تارمار قىلىپ داۋاملىق غەربىي شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى ھەم 1759 - يىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىنى بويسۇندۇردى. شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل غەربىي يۇرت شىنجاڭ دەپ ئاتالدى. رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى مانا مۇشۇ شىنجاڭغا كېلىپ توختىدى. ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ يەردە باشلانغان قوزغىلاڭلار ئۇلارنى خېلى ھالسىرىتىپ قويغانىدى. 1871 - يىلى رۇسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى. ئىلى سۇلتانلىقى ئون يىل رۇسىيىنىڭ قارمىقىدىكى يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەركىبىدە بولدى. مەزكۇر لۇغەتتە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا يەتتىسۇ ۋىلايىتى زېمىن ھەم ئاھالىسىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى جەھەتتە سىر دەريا ۋىلايىتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. يەتتىسۇنىڭ يېرى 7352 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 758 مىڭ 250 بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى 1000 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 139 مىڭ 680 ئىدى. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى ھەققىدە تارىخچى د. ئىسىيېف مۇنداق دەيدۇ: «ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ يەر مەيدانى 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، شىمالدا جۇڭغار ئالاتېغى، جەنۇبتا تەڭرىتاغ تىزمىلىرى قورشاپ تۇراتتى... ». تۈركىستان ھەربىي رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ تەركىبى لۇغەتتە تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىلگەن: رۇسلار 59280، 2.1% تاتارلار: 7300، 0.3% سارتلار: 690300، 24.2% تاجىكلار 137280، 4.8% ئۆزبېكلەر 182120، 6.4% قاراقالپاقلار 58770، 2.1% قىپچاقلار 70100، 2.4% تۈركمەنلەر 5860، 0.2% تۇڭگانلار 20000، 0.7% تارانچىلار 36260، 1.1% قىرغىزلار 1462690، 51.2% قۇرامىنلىقلار 77300، 2.7% قالماقلار 24790، 0.9% مانجۇلار 22120، 0.8% پېرسىيىلىكلەر 2920، 0.1% ھىندىلار 860(273 - بەت ). مىللەتلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتلار 1881 - يىلدىن كېيىن، يەنى ئىلى ۋىلايىتى قايتىدىن جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈزۈلگەن بولسا كېرەك. مۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەگەر رۇسىيە بېسىۋالغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ خەلقى 139680 ئادەمنى تەشكىل قىلغان بولسا، شۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپى، كەم دېگەندە 60 مىڭى ئۇيغۇرلار ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار يەتتىسۇ تەۋەسىدە قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقتۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار يوق. 1881- يىلدىن باشلاپ ئىلى ۋىلايىتىدىن يەتتىسۇغا ئەللىك مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر كۆچۈپ چىقتى. پىكرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن تارىخچى ئەرشىدىن ھىدايەتوفنىڭ «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى» دېگەن كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرەيلى: «ئىلىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈش 1881 - يىلى كۈز ئايلىرىدا باشلىنىپ، 1883 - يىلى تامام بولدى. ئىلىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1884 - يىلى 45373 ئادەم بولغان»( 95 -، 97 – بەتلەر). بۇ يەردە شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئەگەر يەتتىسۇ تەۋەسىدە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىلىدىن 45 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر كېلىپ قوشۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ سانى كېمەيمەي، ئەكسىچە كۆپىيىشى كېرەك ئىدى. لۇغەتتە بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قايسى يىللاردىكى ساناق بويىچە تۈزۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. 36 مىڭ 260 دېگەن سان يەتتىسۇدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار 80 مىڭدىن كۆپ دېگەن سۆز. تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ قارمىقىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا سان جەھەتتە سارتلار ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن(690 مىڭ 300). سارت دېگەن سۆزنىڭ قايسى خەلقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىش قىيىن. لۇغەتتىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى پارچىدا تارانچىلارنىڭ( يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ) چىراي - شەكلى، تىلى ۋە تۇرمۇش - تىرىكچىلىكى قەشقەر سارتلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دېمەك، ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن تارانچىلار بىلەن قەشقەر سارتلىرى بىر خەلق، يەنى ئۇيغۇرلاردۇر. ئەمدى تۈركىستان ھەربىي رايونىدىكى سارتلار لۇغەتتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەرغانە ۋىلايىتىدە 344 مىڭنى، سىر دەريا ۋىلايىتىدە 211 مىڭنى، زەرەپشان ۋىلايىتىدە 132 مىڭنى تەشكىل قىلغان. مەزكۇر سارتلارنىڭ قايسى خەلقنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. «رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ستاتىستىكىلىق لۇغىتى»دە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: تارانچىلار بىر تۈركىي خەلق بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن ئەسىردە(18 – ئەسىردە) چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەتتىسۇ ۋىلايىتىگە شىنجاڭدىن كۆچۈرۈلگەن؛ ئۇلار كۆپىنچە قەشقەر سارتلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ۋە شۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. تارانچىلار ئولتۇراق تۇرمۇشتا بولۇپ، بويى ئېگىز بولمىغان، لېكىن قەددى- قامەتلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ بارلىقى مۇسۇلمانلار. 1867 - يىلى تارانچىلار ئىلىدا تۇڭگانلارنى يەڭگەن ۋە شۇلار بىلەن بىللە ئىلىدا ياشىغۇچى قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، سولۇن ۋە مانجۇلارنىمۇ ئۆزلىرىگە بېقىندۇرغان. ئۇلارغا تارانچىلار ئىچىدىن چىققان سۇلتان ۋە بەگلەر ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ھەممە خەلق شۇلارغا بېقىناتتى؛ پەقەت رۇس يەرلىرىدىن قېچىپ كەلگەن قىرغىز( قازاق)لارلا تارانچىلار تەرىپىدىن ياخشى قارشى ئېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ رۇس يەرلىرىدىكى بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى تارانچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىناتتى. تارانچىلارنىڭ بۇ ئىشى رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى، نەتىجىدە بۇ ئىش 1871 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنى ئىستىلا قىلىشىغا سەۋەب بولدى؛ شۇ يىلى ئۇ يەردە 38 مىڭ 211 جان بار ئىدى(21 مىڭ 243). تارانچىلار ھازىرقى ۋاقىتتا ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئەڭ كۆپ سانلىق خەلقتۇر(41-، 42 – بەتلەر). ئەگەر مۇشۇ پاكىتلارغا ئاساسلانساق، 1871 - يىلى ئىلىدا ئاران 38 مىڭ 211 ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇبادا بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇرلارلا كۆزدە تۇتۇلسا، بۇ سان ھەقىقەتكە بىر ئاز ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى دەلىللەش ئۈچۈن يەنە بىر مەنبەگە پ. ئى. فېسېنكونىڭ «شىنجاڭ تارىخى»( موسكۋا 1935 - يىلى رۇسچە نەشرى) ناملىق ئەمگىكىگە مۇراجىئەت قىلايلى. مەزكۇر كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىلى سۇلتانلىقى خەلقىنىڭ سانى 129 مىڭ 708 ئادەمدۇر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار 51 مىڭ 891، قازاقلار 3823، تۇڭگانلار 4031، خەنزۇلار 2847، موڭغۇللار 13 مىڭ 840، سولۇنلار 7617، شىبەلەر 1838، ئۆزبېكلەر 2086 ئادەمدۇر»(121 – بەت). مەلۇمكى 1765 - يىلى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن چوڭ قوزغىلاڭ پۈتكۈل شىنجاڭغا كېڭىيەلمىگەچكە كۆپ ئۆتمەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ ھەقتە تارىخچى ئە. ھىدايەتوف يۇقىرىدا ئاتالغان كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مانا شۇ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى مۇناسىۋىتى بىلەن چيەنلۇڭ خان جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىلى ۋىلايىتىگە مەجبۇرىي كۆچۈردى. بۇ كۆچۈرۈشتىكى مەقسەت بىرىنچىدىن، ھەدىسىلا قوزغىلاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارنى يوق قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق <تىنچلىق> ئورنىتىش بولسا، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنى دېھقانچىلىققا سېلىش ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارىيىگە كەلگەن 40 مىڭ چېرىكىنى بېقىش ئىدى. مانا شۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە 18 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى 8000 ئۆيلۈك ئۇيغۇر جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى، يەنى سۈرگۈن قىلىندى»(82 – بەت). يۇقىرىقى لۇغەتتە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە ئېيتىلمىغان، پەقەت 1867 - يىلى تارانچىلارنىڭ ئىلىدا تۇڭگانلارنى يەڭگەنلىكى ھەم باشقا خەلقلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرغانلىقى ئېيتىلغان. ئەمدى رۇسىيىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، لۇغەتتىن كەلتۈرۈلگەن يۇقىرىقى نەقىلدە رۇسىيىنىڭ ئىلىنى بېسىۋېلىشىغا تارانچىلارنىڭ رۇس يەرلىرىدىكى بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق چارروسىيىنىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىشىدىكى بىردىنبىر مەقسىتى ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىش ئىدى. چۈنكى مەزكۇر سۇلتانلىق قانچە ئۇزۇن دەۋر سۈرسە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كۈرەشلىرىگە شۇنچە كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى رۇسىيە ياخشى چۈشىنەتتى. كېيىن 1781 - يىلنىڭ 12 - ئىيۇنىدا ئىلىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەم ئىلى سۇلتانلىقىنى ئۇجۇقتۇرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى قوزغىلاڭلارنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن 1870 - يىللىرى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىغا ئاكتىپ كىرىشىدۇ. زو زۇڭتاڭ كۆپ سانلىق ئارمىيىسى بىلەن 1877 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئون يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈم سۈرگەن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 1878 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلى ئۆلكىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە رۇسىيىگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. 1881 - يىلى ئىمزالانغان سانكت - پېتېربۇرگ شەرتنامىسىغا بىنائەن رۇسىيە ئىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە تارىخچى ئىبراھىم نىياز «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى) ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: 1881 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆزگەرتىلگەن «ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالاندى ۋە «رۇسىيىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى يوللاردا سودا قىلىش نىزامى»مۇ تۈزۈلدى. ئۇنىڭدا: 1. قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ناھىيىلەر رۇسىيىگە بېرىلىدۇ. رۇسىيە ئىلىغا قاراشلىق توققۇز شەھەرنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. تېكەسنىڭ غەربىدىكى ناھىيىلەر جۇڭگوغا تەۋە بولىدۇ. 2. تۇرپان، سۇجۇ( جيۇچۈەن) شەھەرلىرىدە رۇسىيىنىڭ ئەلچى تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. قۇمۇل قاتارلىق بەش جايدا ئەلچى تۇرغۇزۇش ئىككى تەرەپ كېلىشكەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 3. رۇسىيە سودىگەرلىرى شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى سۇجۇغا قەدەر بولغان جايلاردا ۋە مەملىكەتنىڭ ئىچكى جايلىرىدا سودا قىلىدۇ. 4. شىنجاڭدا رۇسىيە سودىگەرلىرىدىن ۋاقتىنچە باج ئېلىنمايدۇ. 5. جۇڭگو رۇسىيىگە 9 مىليون سوملۇق ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەيدۇ. 6. ئىلى خەلقىنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ... دېگەنلەر بەلگىلەنگەن.(303 -، 304 – بەتلەر). چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خەلقتىن ھېساب ئېلىشىدىن قورققان ئىلى خەلقى 1881 - يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدىن تارتىپ رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى يەرلەرگە كۆچۈشكە باشلايدۇ. يۇقىرىدا نامى ئاتالغان كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى يەرلەر خەلقى بىلەن بىللىلا رۇسىيىنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايىتىگە قوشۇلدى. ھازىرقى ياركەنت ۋە ئۇيغۇر ناھىيىلىرىگە قاراشلىق پەنجىم، ئالتە ئۆي، ياركەنت، غالجات، كەتمەن، تۈگمەن، دوۋۇن، دولاتا قاتارلىق يېزىلىرى جايلاشقان يەرلەر دەسلەپتە ئىلى سۇلتانلىقىغا قارايتتى. 1883 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇشۇ يۇرتلاردا بولغان يەنە بىر ساياھەتچى گ. س. گرۇم - گرژىمايلو مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ يېڭى ئۆلكىدە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇھاجىرلىرى − تارانچىلار( ئۇيغۇرلار) يېڭى بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشقانلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆز جايلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئويلاشقىمۇ ئىمكانىيىتى بولمىغان. بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشى ناھايىتى تەس ئوخشايدۇ، كۆپچىلىكى ئىنتايىن كەمبەغەللەشكەن بولسا كېرەك» . «غەربىي جۇڭگوغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى»( موسكۋا 8491 - يىل، رۇسچە نەشرى). «رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ستاتىستىكىلىق لۇغىتى»دە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈرگە باي ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. «بۇ يەر كۆمۈرگە شۇنچىلىك بايكى، ھەر يىلى 20 مىليون پۇتتىن قازىدىغان بولسا 300 يىلغا يېتىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا پۈتكۈل تۈركىستان ھەربىي رايونىدا قېزىلغان 400 مىڭ پۇتقا يېقىن كۆمۈرنىڭ 300 مىڭ پۇتى غۇلجا ۋىلايىتىدىن قېزىلغان»(277 – بەت). ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، يۇرتى ھەققىدىكى ماتېرىياللار پ. پ. سېمېنوف قاتارلىق ساياھەتچى ۋە ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىدە ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. پ. پ. سېمېنوف 1873 - يىلى رۇسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتى تېخىمۇ جانلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلىرىغا قىلىنغان ھەر قانداق تەكشۈرۈشلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىمۇ پ. پ. سېمېنوف تيانشانسكىينىڭ ئوينىغان رولى چوڭ، ئەلۋەتتە. مەنبە شىنجاڭ تەزكىرىچىلى ، 2007 – يىللىق 1 -سان |
|
|
 |
|
|
|