ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى

  《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-3-1

 

《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا



ھەممە ماختاش __ ئالقىشلار يۈكسەك پەزىلەت ۋە كۆركەم سەنئەت ئىگىسى بولغان تەڭرىمگە خاس . زامان - ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل ، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغانبىر چاغدا، تەڭرىم ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەتكەچۈشۈردى ، شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنىكۆرسىتىپ ، مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى .
مۇھەممەتكە ۋە ئۇنىڭ ھەممىگە پېشىۋا بولغانئۇرۇق ئەۋلادلىرىغا تەڭرىم رەھمەت قىلسۇن ، ئەبەدىي ئېسەنلىك بەرسۇن .
ئەمدى ، مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىننىڭ پەرزەنتى مەھمۇدنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز :
مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۇركلەر بۇرچىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنى مۇشۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدەچۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم . تەڭرى ئۇلارنى < تۈرك > دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى ؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيارتىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى ؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى ؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلارنى ئەزىز قىلدى ۋە تۇركلەرتۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگەئېرىشتۈرۈپ ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى . تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەر بىر ئەقىلئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىشبولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق . كىمكى ئۆزگوروھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە ، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھتاپىدۇ .
ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكىسۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم : پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز - تۇركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە : < تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ > - دىگەنىكەن .
بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆزى جاۋابكار . بۇ ھەدىس راست بولسا ، تۇرك تىلىنىئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ . راستبولمىغان تەقدىردىمۇ ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلۈكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ .
شۇڭا ، مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايانقىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىنبولۇپ تۇرۇقلۇق ، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋەسەھرالىرىنى باشتىن - ئاياغ كېزىپ چىقتىم . تۈرك ، تۈركمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغما ، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنىئېنىقلاپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى . مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ، ئوبدان تەرتىپكەسېلىپ چىقتىم .
ئەبەدىي يادكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا < تۈركىي تىللار دىۋانى > دەپ ئات قويدۇم .
بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدائولتۇرغان ھاشىم ئۇرۇقىدىن ۋەئابباسلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان خۇجىمىز ، ئىگىمىز ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەت ئوغلىئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم . تەڭرى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى دائىم يۇقىرى ، ئۆمرىنى راھەت - پاراغەت ئىچىدە ئۇزۇن قىلسۇن ؛ ئۇنىڭئولۇقلۇقتا تەڭدىشى يوق سەلتەنەتئاساسلىرىنى تەۋرەنمەس دەرىجىدە مۇستەھكەملىسۇن ؛ ئۇنىڭ پەرمان دائىرىلىرىنى كېڭەيتسۇن ۋە يۈكسەلدۈرسۇن ؛ ئادەم بالىلىرىئۇنىڭ بىھېساپ ساخاۋىتى شاراپىتىدىنيۇلتۇزلاردەك يۈكسەك بەخت - سائادەتكە ئىگە بولسۇن ؛ ئۇنىڭ دەۋەتلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ھەر بىر غەلىبىسى سادىق دوستلىرىنى خوشالقىلسۇن ؛ تەڭرى ئۇنىڭ قەھرى غەزىپىگەئۇچرىغان دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ خار قىلسۇن ؛ ئۇنىڭ سايىسىنى ، كۆركىنى ، قۇدرىتىنى ، پەزىلىتىنى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنى مۇسۇلمانلارئۈستىدىن يىراق قىلمىسۇن .
مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر ، سەجىئەلەر ، ماقال - تەمسىللەر ، بىيىت - قوشاقلار ، رەجەزلەر ۋە نەسرى پارچىلار بىلەن بېزەپ ، مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپىدە تۈزۈپ چىقتىم . ئۆگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنىئاسان تېپىشى ئۈچۈن ، بىر نەچچە يىللارمۇشەققەت چېكىپ ، سۆزلەرنى جاي - جايىغا قويدۇم . تۇتۇقلىرىنى ئاچتىم ، چېگىشلىرىنى يەشتىم ، ئاخىر بۇ لۈغەت كىتابىنى تۆۋەندىكىسەككىز بۆلۈمگە يىغىنچاقلىدىم. بىرىنچى ، ھەمزە بۆلۈمى . ئىككىنچى ، سالىم بۆلۈمى . ئۈچىنچى ، ئۈچ ھەرپلىكلەر بۆلۈمى . ئالتىنچى ، تۆت ھەرپلىكلەر بۆلۈمى . يەتتىنچى ، غۇنىنلىكلەر بۆلۈمى . سەككىزىنچى ، ئىككى ساكىن بىللە كەلگەن سۆزلەر بۆلۈمى .
تۇركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلىلنىڭ < كىتاب الغين > دىگەن ئەسىرىدە قىلىنغىنىدەك ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈشكۆڭلۈمگە كەلگەنىدى . مۇنداققىلغاندا ئىش تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغان بولاتتى . لېكىن ، سۆزلەرنى ئاسان تېپىشنى ۋە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپئىخچاملاشتۇردۇم ، ئىشلىتىلىۋاتقانسۆزلەرنى ئالدىم ، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم . مېنىڭ تۇتقان بۇ يولۇم تېخىمۇ توغرا .
< قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ > دىگەندەك ، بۇ پەقەت بىر ئۆرنەكتىنلا ئىبارەت . تۆت ۋە ئۇنىڭدىن زىيادە ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ ئۆرنەك بويىچە قىياس قىلىش مۇمكىن .
مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن ، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىرتەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم . بۇ يازغان ئەسىرىمتەلەپكە لايىق بولسۇن ، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دىگەن نىيەت بىلەن ، بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ ، يېڭى - يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم . ھەر بىر قەبىلىنىڭسۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلىرىنىلا ئالدىم ، چۈنكى ، سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى ، ئىلگىرىلەشنىخالىغۇچىلارغا توغرا نىشانكۆرسىتىپ كەڭ يول ئېچىپ بېرىش ، يۈكسىلىش تىلىكىدە بولغۇچىلارغا شۇتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . جۈملىدىن تۈركخەلقلىرىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنىئىپادىلەيدىغان شىئېر ۋە قوشاقلىرىدىن ، قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال - تەمسىللىرىدىنمىساللار كەلتۈردۈم تاكى بۇنىڭدىنپايدىلانغانلار كېيىنكىلەرگە ، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن . شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم . شۇنداققىلىپ ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلاربېرىشتە قىيامىغا ، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى . كۆڭۈل باغلىغان بۇ ئىشىمدا تەڭرىدىن ياردەم سواريمەن .
1- توم ، 1- ، 2- ، 3- ، 4 - ، 5 - ، 6 - ، 7 - ، 8 - بەتلەر .
******************************************************************************
مەنبە : < تۈركىي تىللار دىۋانى > دىكى ئەدەبىي مىراسلار دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

گوندۇراسنىڭ پايتەختىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 14 ئادەم ئۆلدى
چولپان مەستانىسى نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلار بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىملىرىنى توردا ئاشكارا قىلغان
پاكىستاننىڭ شەرقى قىسىمىدا پارتىلاش يۈز بىرىپ 32 ئادەم ئۆلدى
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا ئائىت خوش خەۋەر
بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا
(قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئۆز تالانتى بىلەن تۈزگەن) دېگەن سەپسەتىگە بىرىلگەن رەددىيە
كىتاپ سوۋغات قىلىش
نەسىرىدىن ئەپەندى تارىختا ئوتكەن شەخىس
ئابدۇللا تالىپ
ئىز رومانى ھەققىدە
سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى