تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
.1بۇدەۋردىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى
تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسەدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى مەنبەدىنكەلگەن . بىرى ، يۇقۇرىقى ماۋزۇدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردائەزەلدىن ئاشۇ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ؛ يەنە بىرى ، تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياكى قۇرۇلۇش ﻫارپىسىدا ﻫەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندەشىنجاڭ دەپ ئاتالغان مۇشۇ زېمىندىن تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىگە بارغانئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت . ئەمدى بىر تۆمۈرىلەر دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمىز .
غەربىي چاغاتاي خانلىقى ۋە ئېلىخانلار خانلىقىنىڭ قۇيرۇقىنىتۆمۈرلەڭ يىغىشتۇرۇپ ، دەسلەپتە ماۋەرائۈننەﻫىررايونى ، كېيىنچە خۇراسان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈرىلەرئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ ، شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭتارىخىدا يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىلدى .
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىمۇ مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش ﻫەرخىل خەلقلەردىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن ، باشقا خەلقلەرگەئوخشاشلا ، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ﻫاياتىداشۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى داۋاملىق جارى بولۇپ تۇردى .
لېكىن ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى بەزى ۋەقەلەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىدەۋرلەردىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىماي قالدى . تۆمۈرىلەر دەۋرىدەتۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۆز دۆلىتىدە پائالىيەت ئېلىپبېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىدىنداۋاملىق پايدىلانغاندىن باشقا ، غەربىي چاغاتاي ، مۇڭغۇلىستان ( ﻫازىرقىشىنجاڭ ، يەتتەسۇ رايونى ۋە ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدىكى رايونلار) بىلەن ﻫەر خىلمۇناسىۋەتتە بولۇپ ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى داۋاملىقتۈردە ماۋەرائۈننەﻫر ۋە خۇراسان رايونىغايۆتكەپ ، ئۇلاردىنمۇ پايدىلانغان .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپئۆتەيلى . شەرقشۇناسلاردىندوكتور بېللىۋ بۇ ﻫەقتە توختىلىپ مۇنداقدەيدۇ : " ﻫازىرقى كاشىغەرىيەدېگەن نام بىلەن ﻫەممىگە تونۇلغان بۇ ئۇلۇستۆمۈرىلەر دەۋرىدە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپ ئاتىلاتتى ، ﻫازىرپەنجاپتا ياشاۋاتقان يەتتە ئۇلۇسلار ياكى جاتلار قەبىلىسى ئەسلىدەكاشىغەرىيەدىن چىقىرىلغانلارنىڭ پۇشتىدۇر ، بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىكاشىغەرىيە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپ ئاتىلىدىغان چاغلاردا بۇ ئۇستىن كېتىپ قالغانلار " دۇر .
-1365 يىلى تۆمۈر سىر دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى چىناز بىلەن تاشكەنتئوتتۇرىسىدا شەرقىي چاغاتاي قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغان 1370 - يىلى ئۇ سەمەرقەنتنىئىگىلەپ ، ماۋەرائۇننەﻫردىكىتوپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەﻫردىكىتوپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەﻫرشەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ . تۆمۈربۇ جايلاردا خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ . تۆمۈر بۇجايلاردا ﻫۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . تۆمۈرلەڭ ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسىبىلەنمۇ داۋاملىق ﻫەپىلىشىپ ئۆتكەن .
شېرىپىدىن ئەلى يەزىدى "زەپەرنامە" ۋە نىزامىدىنشەمىئىمۇ "زەپەرنامە" دېگەن كىتابلاردا تۆمۈر ۋە ئۇنىڭچوڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخنىڭ شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسىدىكى شەﻫەرلەرنىتالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى توغرىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان . شېرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭيېزىشىچە 1375 - يىلىدىن 1379 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يەرگە بەش قېتىم ﻫۇجۇم قىلغان ، بىر قېتىم تۆمۈرلەڭ قوشۇنلىرىئىسسىقكۆل ئەتراپىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ ، چاغاتاي قوشۇنلىرىنىڭ يېڭىلىشىبىلەن بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ، تۆمۈرلەڭ پۇرسەتنىغەنىيمەت بىلىپ ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ ، ئالمىلىق ۋە كاشىغەرغىچەماڭغۇزغان ۋە بۇ شەﻫەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ ، مال - مۈلۈكتىن باشقا ، بىر قىسىم ئاﻫالىلەرمۇ ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇنداتۆمۈرلەڭ دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلگەن . ئابدىرازاق سەمەرقەنتى "مەتلەئۇسسەدايىن ۋە مەجمۇئۇل - بەﻫرەيىن' ( ئۈنلەرنىڭمەنبەسى ۋە ئىككى دەريانىڭ بىرلىشىشى) ناملىق كىتابىدا ئۆمەر شەيخنىڭ 1370 - يىللىرىكاشىغەر ئاﻫالىسىنى ئەنجانغا كۆچۈرگەنلىكى توغرىسىداخاتىرە قالدۇرغان .
موڭغۇلىستان خانلىرىدىن ئىسسەن بوقا دەۋرلىرى يىللىرىدا دوغلات قەبىلىسىدىنسەئىد ئەﻫمەد كاشىغەرنى نازارەت ، مۇﻫاپىزەتقىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . ئەمما ، ئۇ ئادەم ئىقتىدارسىزراقبولغاچقا خىزمىتىنىڭ ﻫۆددىسىدىن دېگەندەك چىقالمايقالغان ، مۇشۇنداق بولغاچقا يەرلىك خوجىلار سەمەرقەنتتىكى تۆمۈرلەڭنىڭ نەۋرىسىئۇلۇغ بەگ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئۇنى كاشىغەرىدىن قوغلىۋەتكەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەنكاشىغەر ئۇلۇغ بەگنىڭ كونتروللىقىدا بولغان ، ئۈ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشئارقىسىدا سەئىد ئەﻫمەد كاشىغەرنىقايتۇرۇۋالغان . قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدەسەمەرقەنت تەرەپكە ﻫېسداشلىق قىلغۇچى ۋەقايمۇققان بىر قىسىم كاشىغەر ئاﻫالىسىماۋەئۇننەﻫر تەرەپكە كېتىپ قالغان .
يۇقۇرىقىدەك ئۇرۇش سەۋەبىدىنلا ئەمەس ، بەلكى خېلى بىرمەزگىل تۆمۈرىلەر ﻫاكىمىيىتىدە خاتىرجەملىك ، ئىلىم - پەنگە بېرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ ، كۆڭۈل مايىللىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماۋەننۈنەﻫرگەكىرىشى تارىختىكىكىرىشنىڭ داۋامى ئىدى . بۇ قېتىم كىشىلەر ، ئىلگىرىدىن باشلاپلا ، مەزكۇر رايوننىڭئىجتىمائىي ﻫاياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلاربىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرگەن ۋە تارىختا ئالاﻫىدە خاتىرىلىنىشكەنائىل بولغان . بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ نامى - نىشانى تارىختا قالمىغانبولسىمۇ ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ تۆﻫپىلىرىئالاﻫىدە گەۋدىلىك بولغاچقا تارىخىي دېرەكلەرئارقىلىق زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە .
.2 تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرىي ئەمەلدارلار
بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى تۆمۈرىلەرنىڭمەمۇرىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان .
دۆلەت شاﻫ باخشى ئۇيغۇر --- تۆمۈرىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقانبولسىمۇ مەنساپدار ئىدى .
غىياسىدىن باخشى --- بۇ ئادەم مەنبەلەردە غىياسىدىنكىچىك ياكى كىچىككىنە باخشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇلۇغ شائىر نەۋائىينىڭ دادىسىنىڭ بەزىماتىرىياللاردا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن . ئەينى چاغدىكى ئەﻫۋاللارغاقارىغاندا ، ئۇنىڭ ئائىلىسى كاشىغارىيىدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەنبولۇشى مۈمكىن . غىياسىدىن باخشى سەبىزۋار ( ﻫازىرقىتاجىكىستاندا ) شەﻫىرىگە ﻫاكىم بولغان . خۇراسان ﻫۆكۈمدارىئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ چاغاتاي ( ئۇيغۇر) تىلى ۋە ئەرەب تىلى بويىچەباخشى -- كاتىبى بولغان . ئۇ شېئىرىيەتكە قىزىققان . ئۆز دەۋرىدە "تارىخى خانى " ناملىق بىر كىتاب يېزىلغان . ئون ئالتىنچى ئەسىر ئاپتورلىرىدىن ئابدۇللا بىنئەلى نەسرۇللا "زۇبدۇت - ئول - ئەسەر ' دېگەن تۈركىي تىلىدىكى كىتابىدا "تارىخىي خانىيە' تۈركىي ئۇيغۇر باخشىلىرى ئۇنى ئۇيغۇر خېتى ۋە تەلەپپۇزىبىلەن بىتبىدۇرلەر " دەپ يازغان . تۆمۈرنىڭ تارىخىنى يازغان شېرىپىدىن ئەلىيەزدى "زەپەرنامە" دېگەن كىتابىنى يېزىشتا بۇ كىتابتىن پايدىلانغان . بەزى ئاپتورلار "تارىخىي خانى " نى غىياسىدىن باخشى يازغان بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ . ئەپسۇسكىبۇ كىتاب ﻫازىرغىچە ئىلىم ئەﻫلىگەمەلۇم ئەمەس .
دەرۋىش ئەلى -- ئۆز زامانىسىدا ﻫازىرقىئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ شەﻫىرىگە ﻫاكىم بولغان . ئۇ نەۋائىينىڭ ئىنىسى ئىدى .
ئەﻫمەد ﻫاجىبەگ . ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تا ئەﻫمەد ﻫاجىبەگ توغرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ " : سۇلتان مالىك كاشىغەرى كى زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشىسى ئىدى . شۇنىڭئوغلىدۇر 'ۋە فائىي' دەپ تەخەللۇس قىلاتتى . ئەخلاقىگۈزەل ، كۆڭۈللۈك ، ﻫەممىگە پىسەنت (قادىر) يىگىتتۇر . ئۇ ، خۇراسەندە تەربىيە تاپىدى . خۇراسان مەركىزى ﻫىيراتتا 10 يىلغا يىقىن ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزدى .
سەمەرقەنتتە بىر مەزگىل ﻫاكىمبولدى . ۋە بىر قەرنە 30 يىلدىن بۇيان مۇستەقىل ئەمىرلىك ئورنى بىلەنپادىشاﻫ (سۇلتان ﻫۈسەيىن) گە نايىب (ۋەكىللىك) لىق قىلماقتا . ﻫېچقانداق كىشى ئۇنىڭدىننارازى بولۇپ ، ئېتىراز قىلمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ﻫۆكۈمەت ئىشلىرىدائەﻫمەد ﻫاجىبەگنىڭ ﻫەيۋەت - باﻫادىرلىقىنى ﻫەممە كىشى تونۇيدۇ ۋە تەسلىم قىلىدۇ . تەبىئىي غايەت گۈزەل نەزمىلەرگە كۆپ ساز چالىدۇ . "
دېمەك ، ئەﻫمەد ﻫاجىبەگئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق دۆلەت ئەربابىلا ئەمەس ، بەلكىي شېئىرىي دىۋانى بار ، مەشﻬۇرشائىر ئىكەن .ئۇيغۇر "12مۇقام تېكىستلىرى" دە "ۋاپائىي" تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ بىرقانچە كۇبلېت غەزەللىرى ئورۇنئېلىپ ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . بۇ غەزەللەرنى ئەﻫمەد ﻫاجىبەگنىڭ غەزەللىرى بولۇشى مۈمكىن ، دەپپەرەز قىلىمىز .
ئەﻫمەد ﻫاجىبەگسەمەرقەنتتە ﻫاكىم بولۇپ تۇرغان چاغدا سەمەرقەنتتەئوقۇۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىيغا ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىدىنئۇنىڭ ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ﻫامىيسى ئىكەنلىكىبىلىنىدۇ .
جانىبەگ دولداي . سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۇنىڭغا سەمەرقەنتنىڭ ﻫاكىملىقىنى تاپشۇرغان . سۇلتان ئەﻫمەدبولسا (ئوردىنىڭ) ئىشىك ئىختىيارلىقىنى تاپشۇرغان . "بابۇرنامە" دە ئەمىرلەر تەبىقىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە "ئىنتايىن ئەدەب - ئەخلاقلىق ".... ، "مەرد كىشى ئىدى" ، "سۇلتان مالىك كاشىغەرىنىڭ ئىنىسى ئىدى" دەپتەرىپلىگەن . ئۇ يەنە ناﻫايىتىباتۇر ئادەم ئىكەن .
نەۋائىي ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپپەككۈر ، ئۇ 1472 -1476 - يىللىرى ﻫۈسەيىن بايقارائوردىسىدا باش ۋەزىر بولۇپ ، نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .
يەنە ﻫاپىز مۇﻫەممەدبەگ دولداي ، ئابۇلكەرىم ئەشرىت قاتارلىق ئۇيغۇر ئەمىرلەرمۇ خۇراساندائەينى زاماندا مەنسەپ تۇتقان . دېمەك ، بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئەمەلدارلار ئۆتكەن .
.3 تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭئورنى
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە بىر قانچەخىل تىل - يېزىق ئىشلىتىلگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركى تىل - يېزىقىنىڭ ئورنى ناﻫايىتىيۇقۇرى ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان .
بىرىنچى ، تىل . ئەينى چاغدىكى تۈركى تىل يەنە "چاغاتاي تىلى" ، "ئۇيغۇر ئىبارىتى" ، "ئۇيغۇر تەلەپپۇزى" دېگەنگەئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغان ، كېيىنكى چاغلاردا "چاغاتاي تىلى" دېگەننام بىلەندۇنياغا تونۇلغان .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ئەرەب ، پارس تىللىرى بىلەنبىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدا رولىنى جارى قىلدۇرغان . بۇ دەۋردە ئىسلامدىنىنىڭ مەنىۋى جەﻫەتتىكى نوپۇزى تۈپەيلىدىنئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنى بىلەن ﻫەمىشەكىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغان . بىرمۇنچە ئىلمىي خادىملار ئىلمىيئىجادىيەتتە ئۇ تىللارنى قورال قىلىشنى شەرەپ ۋە ئىستېداتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمقىلىۋېلىشقان . ئەمما ، تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەردىن چىققان بەزىئالىملار ، جۈملىدىن تۆمۈرىلەرنىڭ ﻫۆكۈمرانجەمەتى "تۈركىي تىلى" نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى جانتىكىپ قوغدىغان ۋە ئۇ مىللىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ ، ئەرەب ھەمپارس تىللىرىغا مۇتاناسىپ ﻫالدامۇئامىلە قىلىنغان .
نەچچە ئونلىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ۋە باشقا خەلقشائىرلىرى چاغاتايئۇيغۇر تىلى دېيىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەرلەر يېزىشقان . ئۆز زامانىسىدا مەشﻬۇرمەۋلانا لۇتفى ، مەۋلانا سەككاكى ، ئاتائىي ، ﻫەزرەتىنەۋائىيلاردىن باشقا يەنە ﻫەرەمى ، قەلەندەر ، يەقىنى ، مۇقىمى ، كەمالى ، لەتىفى ، پالۋان ﻫۈسەيىن ، مەۋلانە ﻫىلال ، مىرسېيد ، مۇﻫەممەد ئېلى ، مىرزا بەگ ، سەئىد ﻫۈسەيىنئەردەشىر ، مەۋلانە ئاشقى ، شەۋقى ، گەدائىي ، يەنە مەجلىسى ، يۈسۈپ ئەمىرى ، ئەﻫمىدى قاتارلىقلارنىڭ چاغاتايئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازغانلىقى توغرىسىدا نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تا تەپسىلىيتوختىلىپ ئۆتكەن .
بۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنىڭ تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي تىلئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئەدەبىياتىغا ناﻫايىتىزور تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى ، تۆمۈرىلەرخاندانلىقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئابابەكرى مىرزا ، سۇلتان خېلىلمىرزا ، ئەﻫمەد مىرزا ، بايقارا مىرزا ، شاﻫ غېرىپ مىرزا قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسىتۈركىي تىلىدا شېئىر يېزىشنىڭ تەرەپدارلىرى بولۇپ ، ئۆزلىرىمۇ تۈركىي تىلداشېئىر يازاتتى . ئەلىشىر نەۋائىي ئەنە شۇ يۇقۇرقى ئىسىملار زىكرى قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭشېئىرلىرىدىن مىساللار ئالغان "ماجالىسۇن نەفائىس" دا ﻫۈسەيىنبايقارا شېئىرلىرىغا مەخسۇس باب ئېچىپ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ ، كەڭ تونۇشتۇرىدۇ . ﻫەتتا ﻫۈسەيىن بايقارانىڭ تۈركى تىلىدا يېزىلغان "ﻫۈسەينى" تەخەللۇسلۇقشېئىرىي دىۋانى بولغان . نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" نىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە ﻫۈسەيىن بايقارا توغرىسىدا توختىلىدۇ .
تۆمۈرىلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ﻫىراتۋە سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى . چۈنكى ، بۇ شەﻫەرلەر ﻫەشەمەتلىك ، ئىلىم ئەﻫلىلىرىتوپلانغان ، ئاجايىپ گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرغان . ئەينى چاغدائوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆلىما - زىيالىلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ نوپۇزغا ئىگەبولغان ئەرەب تىلىنى بىردىنبىر ئەدەبىي تىل دەپ ﻫېسابلىمايدىغان ﻫەندە پارسچە بىلەنمۇ چەكلىنىپ قالماي ، بەلكىئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى قىلىپ قوللىنىدىغانگۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن .
ﻫىرات ۋە سەمەرقەنتتىكى كۆپچىلىك تۈركىي تىللىقخەلقلەر ، موڭغۇل ئەۋلادلىرى (باشقا خەلقلەرمۇ بار) سىياسىي جەﻫەتتىكىسادىقلىقىدىن ، ﻫەتتا دىنىي جەﻫەتتىكى سادىقلىقىدىن ، ۋاز كېچىشكە رازى بولغانكى ، ئۆز خەلقىنىڭ تىلى ، ئەدىبىياتىدىن ۋاز كەچمىگەن .
شۇنداق بولغاچقا ، خۇراسان ۋە ماۋاننەﻫررايونىدا ئەرەب تىلى ۋە پارس - تاجىك تىلى ئىلمىي تىل بولۇش سۈپىتى بىلەنتولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن . بولۇپمۇ ئەرەب تىلى يېقىن شەرقتىكىكەڭ رايونلار ۋە ياۋروپادىكى بەزى جايلارغا ئوخشاش جانلىق تىل بولۇشى ۋە غەلىبەقازىنىشى تېخىمۇ مۈمكىن بولمىغان . ﻫىراتۋە سەمەرقەنتلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدىبىيات - سەنئىتىبالدۇرقىدەكلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنە بازىسىنى مۇستەﻫكەمساقلاپ كەلگەن . بۇنداق ئەنئەنىنىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنمەزمۇنلاردىن بەلگىلىك بىر ئەقلىي خۇلاسىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ .
تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا ، ئەينى چاغدا ﻫىراتۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەريۇرتلىرىدىكى قوۋم - ئايماقلارنىڭ ئەنئەنىسى دەسلەپتە ئەرەپچىلەشتۈرۈۋېتىلگەن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارسچىلاشتۇرۇۋېتىلگەن . ئەمما ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىر خىل مىللىي ﻫېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇنى پۈتۈنلەيئۆزگەرتىۋېتىش تەسكە چۈشكەن . ئون تۆتىنچى ئەسىردىن باشلاپ ، ﻫەرخىل مىللىي تەركىبتىكى ئاﻫالىلەردىنقايتا تەشكىل تاپقان ﻫىرات ، سەمەرقەنت قاتارلىقتۆمۈرىلەر چوڭ شەﻫەرلىرىنىڭيېڭى شەﻫەر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇرزىيالىلىرى ۋە ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك رولئوينىغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ .
يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ﻫەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى كۆپچىلىك زىيالىلارنىڭئىلمىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي قورال رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى .
بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تۈركىي تىللىق خەلقلەرئەدەبىي تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ توغرىسىدا ئۆزبېكتىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن ئاتاقلىق ئالىم ،ئا . شىرباك تۆۋەندىكى پىكىرنى ئېيتقان . "ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا سىرتقى ئامىللار دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭكىلاسسىك مىراسىنىڭ تەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگىدۇر ....." .
ئىككىنچى ، يېزىق . تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي -- ئۇيغۇر يېزىقىئىككى خىل ئىدى . بىرى ، ئۇيغۇر يېزىقى . بۇ ئادەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدەداۋاملىق ئىشلىتىلىپ تۇرغان يېزىق . يەنە بىرى ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇريېزىقى . بۇ ئۆز زامانىسىدا تۈركىي يېزىق ياكى چاغاتاي يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان .
.4 ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكىئىدىئولوگىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرى .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۆلىما - زىيالىلارغاتەسىر قىلغان ئىدېئولوگىيە خىلمۇ - خىل مەنبەلەرگە تۇتىشاتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدەقەدىمكى دەۋر ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىبەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلەيتتى . ئۆز زامانىسىدا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ماتېرىياللارغاقارىغاندا ، فارابى ، مەﻫمۇدكاشىغەرى ، يۈسۈپ خاس ﻫاجىپ ، ئەﻫمەد يۈگنەكىلەرنىڭئەسەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر شۇ چاغ ئالىملىرىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ﻫەرخىل رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ، جۈملىدىنپەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ ئەڭ مۇجەسسەم قامۇسى "قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ كېيىنكىلەرتەرىپىدىن "ۋېينا" نۇسخىسى ، -1439 يىلى ﻫىراتشەﻫىرىدە ﻫەسەنقارا سائىلشەمسى دېگەن كاتىپ تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن . بۇ ﻫال ، بۇداستاننىڭ ئۆز زامانىسىدا ﻫىراتتىكىئىلىم ئەﻫلى ئارىسىدا ئوقۇلۇپ تۇرغانلىقى مەلۇم . يەنە بىرى نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە "ئەتەبەلﻬەقايىف" نى كۆرگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەسىرىمەسىلىسىدە دەسلەپ قىلىپ ، سەئىددىدىن كاشىغەرى توغرىسىدا توختىلىمىز .
سەئىددىن كاشىغەرى . كاشىغەردە ئۇلۇغلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان . سەئىددىن كاشىغەرىنىڭيىللىرى كاشىغەر ئاﻫالىسىنىڭ ئىنتايىن ئازاب - ئوقۇبەتلىك يىللىرى ئىدى . چۈنكى ، مىلادىيە 1369 - يىللىرى ئەمىر قەمەرىدىن كاشىغەردەتوپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى ۋە ئۇنى ياقىلايدىغان ﻫەرقايسى تەبىقىدىكىئادەملەرنى قىرغىن قىلغان ئۇنىڭ كەينىدىنلا ، يەنى -1375 يىلى تۆمۈر قەمەرىدىنگەقارشى قىلغان ئۇرۇشتا كاشىغەر شەﻫىرىنىتامامەن خاراپ قىلغانىدى . نەتىجىدە كاشىغەر خەلقى ، جۈملىدىن سەئىددىنكاشىغەرىنىڭ ئائىلىسى ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان . سەئىددىنكاشىغەرى ئىلىم خۇمار ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، سەپەر مەنزىلىنىئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم - پەن مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەمەرقەنتكەنىشانلىغان .ئۇ سەمەرقەنتكە بارغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تولىمۇ قيىنچىلىققا دۇچكەلگەن . ئۇ يەردە كاشىغەردىن بارغان ئۆلىما مەۋلانە مۇﻫەممەدبىلەن بىرلىكتە ئىلىم تەﻫسىلقىلىشقا كىرىشكەن . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئوغلى مىرسەئىد ئىلىنى شەيخ ﻫەبىبدېگەن ئۆلىمانىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا قالدۇرۇلۇپ ، ئۆزىبۇخارادىكى خوجا مۇﻫەممەد باﻫائىدىننەقىبەندى ( 1318 - 1389 ) يىللىرى مۇدەررىسلىك قىلغان بۇخارامەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ يەنە جالالىدىن ئەبۇ يەزىد بۇرابى قاتارلىق تەسەۋۋۇپپىرلىرىدىن تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئۆگەنگەن . شۇنداققىلىپ ، تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىچىدە ناﻫايىتىزور شۆﻫرەت قازانغان . ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىقئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ شۆﻫرەت قازانغاندىن كېيىنخۇراساندا ﻫۈسەيىن بايقارا سالدۇرغان "مەلىكان مەدرىسى" دە مۇدەررسبولۇپ ، نۇرغۇن تالىپ - ئۆلىمالارنى تەربىيلىگەن .
سەئىددىن كاشىغەرى ﻫاياتىدا بىرقانچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . ئۇلار "مۇنيەتۇل مۇسەللى ۋە غەينەتۇل مۇفتەدا" ، "تۆﻫفەتۇلمۇسەللى ، مۇنيەتۇل مۇسەللى" ، "كەلىمات خوجا باﻫائىدىن " ، "رىسالەئىيلەتائىف" ، "ۋۇجۇدنامە" قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . سەئىددىن كاشىغەرى ۋاپاتبولغاندا ، ﻫىراتنىڭ ﻫىيابان دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان .
سۇلتان مالىك كاشىغەرى . بۇ كىشى توغرىلىق ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇننەفائىس" تا ....." زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى " دېگەن مەلۇماتنى بېرىپ ئۆتىدۇ . بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ كاتتا ئالىمئىكەنلىكى بىلىنىدۇ . ئەمما ، باشقا ئۇچۇرلار يوق .
مەۋلانە فەسﻬۇددىن مۇﻫەممەد نىزامى ، يەنى "فەسﻬۇددىنئاخۇنۇم" . ئۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى . بۇزات ﻫەققىدە خاندەمىر "خۇلاسەتۇل ئەخبار" دا مەلۇمات بېرىلگەن .
تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە "ئاخۇن" سۆزى كۆپقوللىنىدۇ . مۇشۇنىڭغائوخشاش ئەﻫۋاللارغا ئاساسەن فەسﻬۇددىن ئاخۇنۇم ئۇيغۇر زاتىغا مەنسۇپ بولسا كېرەك ، دەپ قارالماقتا.
مۇﻫەممەد بىن رەشىد ئەلى كاشىغەرلىك داڭلىق ئالىم . ئونبەشىنچى ئەسىردە ئاسىياغا سەپەر قىلغان ﻫەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمىئاساسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ، مەسىلەن ، ﻫېدىق نەسىرنىڭ "سۈبﻬى" دېگەن كىتابىغا ۋە خېلىل بەگ ئىمىن نىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ زات 1466 - يىلى مەككىدە ۋاپاتبولغان .
.5 تۆمۈرىلەر ئوردىسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى
ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇزىكا تارىخىدا ئۈلگىلىك ، نەمۇنىلىك ئورۇنغائىگە . ئۇنىڭ مەزمۇنىدا كۈي ئاﻫاڭلىرى ۋە مۇزىكا رىتىملىرى بولغاندىنباشقا ، لىرىك غەزەل يەنى ئەدەبىي ئەسەر جەۋﻫەرلىرى ساقلانغان . بۇلار شائىرلارنىڭ ئوتلۇق ئىلﻬامى ، ۋەزىنلىك ئىجادىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىدا شۈبﻬەيوق . مۇقامنىڭ زامان - زامانلاردىن مەۋجۇد بولۇپ كېلىشىدە بەدىئىي ئەدەبىيات بىلەنچەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . كىشىنىتولىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى ئالەمشۇمۇل ئىپېراتۇر تۆمۈرىلەر ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 12" مۇقامى" نىڭ ئورۇندىلىپ تۇرغانلىقى .
بۇ دەۋردە ئۆتكەن بىر قىسىم ئەدىبلەر تۆمۈرىلەردەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن نۇرغۇنئەدىبلەر يېتىشىپ چىقىپ ، ئۆز دەۋر ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ﻫەسسىلەرنىقوشقان .
.6 ئەلىشىر نەۋائىي
ئەلىشىر نەۋائىي توغرىلىق مۇنبەردە بۇرۇن يوللىنىپبولغانلىقى ئۈچۈن يېزىلمىدى .
مەنبە :دىيارىم. غەيرەتجان ئوسماننىڭ << ئۇيغۇرلارشەرقتە ۋە غەربتە >> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .