ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكچىللىرىگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ياش لەيلا ئىسىملىك قىز بىلەن توي قىلىدۇ. توي كۈنى ئاخشىمى ئابدۇللا قىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرگەندە يېڭى كېلىن لەيلا<< پۇتۇن خەلق ۋەتەننى ئازات قىلىمىز دەپ قان كېچىۋاتسا سىز بۇيەردە خاتىرجەم توي شاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىسىز. سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋەتەننى ئازات قىلىشقا ئاتلىنىڭ!! مەن سىزنى ساقلايمەن ھەم قېينى ئاتا ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن ئەگەر ئۇرۇشتا ھاياتىڭدىن ئايرىلساڭ بىر ئۆمۈر توي قىلمايمەن >>دەيدۇ.ئابدۇللا لەيلانىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ ،شۇ ھامان قىزنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتماي جەڭگە ئاتلىنىدۇ.كېيىن ئابدۇللا بىر قېتىملىق جەڭدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.ئابدۇللانىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئائىلىسىگە يېتىپ كەلگەندە ئابدۇللانىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا -ئانىسى قاتتىق قايغۇرىدۇ.بۇ چاغدا لەيلا قېينى ئاتا -ئانىسىغا << مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى بىر ئۆمۈر قىلىمەن ھەرگىز باشقا ياتلىق بولمايمەن>> دەيدۇ.لەيلا ھەقىقەتەن دىگىنىدەك قىلىدۇ .كېيىن ئافغانىستان مىللى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبە قىلىپ ئافغانىستان مۇستەقىل بولىدۇ.ھازىرغىچە ئافغانىستان مىللى قەھىرمانلىرى قاتارىدا ئابدۇللا بولماستىن لايلا تىلغا ئېلىنىدۇ ھەمدە خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە
رېتىم تورىدىن |