ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئۇيغۇر

  غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى دەرسلىك –نەبىجان تۇرسۇننىڭ "ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-2-20

 

غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى دەرسلىك –نەبىجان تۇرسۇننىڭ "ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب  دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئۈچۈن  شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن  ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ قوزغالماقتا.  بۇ جەھەتتە ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى  ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد، ئىندىئانا، كانساس، ستانفورد قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى پروگراممىلىرى تەسىس قىلىنغان.  مەزكۇر بىلىم دەرگاھلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماگىستىر ۋە  دوكتور ئاسپىرانتلاردىن باشقا يەنە  ئۇيغۇر تىلىغا ھەم ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ، ئەسلىدە خەنزۇ ۋە ياكى تۈرك، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگەنگەنلەرمۇ ھەر خىل سەۋىيىدىكى كۇرسلار بويىچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە.
      ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا قاتارلىق  بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىمۇ  ئۇيغۇر تىلىنى خەتەر ئاستىدا قالغان شۇنىڭدەك ئىستراتېگىيىلىك تىللار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. نۆۋەتتە، يەنە ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدىكى  بىر قىسىم مەملىكەتلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش يولغا قويۇلماقتا.

لېكىن ،  غەرب دۇنياسىدا تاكى ھازىرغىچە  ھەممە ئېتىراپ قىلغان،  سىستېمىلىق بىرەر ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت  بىر قانچە سۆزلىشىش خاراكتېرلىق دەرسلىكلەر  ھەم بىر قانچە لۇغەت ئېلان قىلىنغاندىن باشقا بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئەمگەك يورۇققا چىقمىغان ئىدى.

  يېقىندا بۇ بوشلۇق دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تولدۇرۇلدى.  ئۇنىڭ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان  ئىنگلىزچە  Uyghur Reader  ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى) دەپ ئاتالغان كىتابى ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شتاتىدىكى  دونۋوئودى نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشىر قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى.  ئىنگىلىز تىلىدا تارقىتىلىدىغان  خەلقئارالىق شىنجاڭ تەتقىقات ئۇچۇر-ئالاقە تورىدا  ئامېرىكىدىكى جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ تارىخى پروفېسسورى جەمىس مىللىۋاردنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى قىسقىچە ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوكتور  نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ كىتابى 45 تاللانمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،  مۇتلەق كۆپچىلىك تاللانمىلار ئاپتور تەرىپىدىن بىۋاسىتە يېزىلىپ، تەييارلانغان ياكى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى يازغان ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان، بىر قىسىم تاللانمىلار بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى  قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرد نەشىر قىلىنغان كىتابلار ۋە مەتبۇئاتلاردىن قىسقارتىپ ئېلىنغان.  كىتاب قاتتىق مۇقاۋىلىق بولۇپ، جەمئىي 253 بەت. كىتابنىڭ باش قىسىمى ئىنگىلىز تىلىدىكى كىرىش سۆز، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات، ئۇيغۇر تىلى گرامماتكىسى ھەققىدە قىسقارتىلما بايان ، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە گرامماتىكا ئاتالغۇلىرى، پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى ۋە كىتابقا ئىشلىتىلگەن گرامماتىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئىزاھات قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىز تىلىدا تەييارلانغان. كىتابنىڭ باش قىسىملىرىدا  يەنە  نەبىجان تۇرسۇننىڭ قىسقىچە ئىلمىي تەرجىمھالىمۇ تونۇشتۇرۇلغان ،  ئىككىنچى قىسىمى تاللانمىلاردىن ئىبارەت  بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئېتنوگرافىيىسى، مەدەنىيىتى،  تارىخى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى،  ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تىبابەتچىلىك، ھاۋا رايى ھەم  جۇغراپىيىلىك مۇھىت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە  مۇناسىۋەتلىك تېمىلار  ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. تېكىستلار ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر تېكىستنىڭ ئاستىغا مۇھىم خام سۆزلەر شۇنىڭدەك تېكىستتا ئۇچرايدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە ۋە لوگىكىلىق مەسىلىلەرگە شۇنىڭدەك تارىخ، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلارغا مەخسۇس ئىنگىلىز تىلىدا ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ  تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار  ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈكى  بارلىق 45 تېكىستنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن ئىبارەتتۇر. كىتاب ئاخىرىغا بولسا، يەنە  مەزكۇر كىتابدا ئۇچرايدىغان بارلىق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە لۇغىتى بېرىلگەن.
يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئوقۇشى ۋە ئاپتورلۇقىدا 45 تېكىست ۋە ئۇنىڭ سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدىكى ئاۋازلىق  كد پىلاستىنكىسىمۇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر < Uyghur Reader > ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى)  تېكىست ۋە ئاۋازدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئەمگەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسلار  بۇ ئەسەرنىڭ  ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، غەرب جۈملىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىك ماتېرىيالىلىرىنى تۈزۈش  ھەم ئوقۇتۇش ئۆلچەملىرىگە لايىق سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئوتتۇرا سەۋىيىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى مۇددىئا قىلغان تىل ئۆگىتىش ئورۇنلىرىدا مۇھىم دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

نۆۋەتتە، يەنە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى،  قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن يىلغا  ئاشماقتا. ھەتتا، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ساھەدە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.  ئەلۋەتتە، ئون مىليوندىن ئارتۇق  نوپۇسقا ئىگە ئادەملەر سۆزلەيدىغان ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە باي مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرغان  تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى يەنىلا ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق. چۈنكى، بۇ تىلنىڭ ئىگىسى بىز، ئۇنى بىز سۆزلەيمىز.  چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش باشقا بارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ شۇنىڭدەك ئاسىيا-ياۋروپا جۇغراپىيىلىك بوشلۇقىغا ھېچ تەمتىرىمەي كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش  ، ئۆزبېك تىلى، تۈرك تىلى، ئەزەر تىلى، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى  ناھايىتى ئاسانلا  ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق يازغۇچ ۋاڭمىڭ  ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىغا يۇقىرى باھا بېرىپ،  بۇ تىلنى بىلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ كېيىن جۇڭگوغا داڭلىق  يازغۇچى بولۇشىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ  بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.  نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر قاتار  ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە  ئۇنىڭ  مەزكۇر يېڭى  كىتابى  ئۇيغۇرلارنى  تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.
 
مەنبە :ھونزادە بىلوگى
 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ئىمىن تۇرسۇن ھاجى
ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئاتىمىزنىڭ نامىزى
20-ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تارتىلغان سۆرەتلەر
20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تارىخى ۋەسقىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىرىيسىدىكى رولى
مىللى ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى
مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى