ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئۇيغۇر

  تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: yarkn    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-2-9

 

تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى

 

.1بۇ دەۋردىكىئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى

تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسەدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى مەنبەدىن كەلگەن . بىرى ، يۇقۇرىقى ماۋزۇدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئەزەلدىنئاشۇ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ؛ يەنە بىرى ، تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسىقۇرۇلغاندىن كېيىن ياكى قۇرۇلۇش ﻫارپىسىدا ﻫەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىكۈندە شىنجاڭ دەپ ئاتالغان مۇشۇ زېمىندىن تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىگە بارغانئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت . ئەمدى بىر تۆمۈرىلەر دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمىز .
غەربىي چاغاتاي خانلىقى ۋە ئېلىخانلار خانلىقىنىڭ قۇيرۇقىنىتۆمۈرلەڭ يىغىشتۇرۇپ ، دەسلەپتە ماۋەرائۈننەﻫىر رايونى ، كېيىنچە خۇراسان رايونىنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ ، شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرائاسىيا رايونىنىڭ تارىخىدا يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىلدى .
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىمۇ مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش ﻫەر خىلخەلقلەردىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن ، باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ﻫاياتىدا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولىداۋاملىق جارى بولۇپ تۇردى .
لېكىن ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى بەزى ۋەقەلەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىدەۋرلەردىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىماي قالدى . تۆمۈرىلەر دەۋرىدەتۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۆز دۆلىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىدىن داۋاملىق پايدىلانغاندىن باشقا ، غەربىي چاغاتاي ، مۇڭغۇلىستان ( ﻫازىرقى شىنجاڭ ، يەتتەسۇ رايونى ۋە ئىسسىقكۆلنىڭشەرقىدىكى رايونلار) بىلەن ﻫەر خىل مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرقاتارلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى داۋاملىق تۈردە ماۋەرائۈننەﻫر ۋە خۇراسان رايونىغايۆتكەپ ، ئۇلاردىنمۇ پايدىلانغان .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپئۆتەيلى . شەرقشۇناسلاردىندوكتور بېللىۋ بۇ ﻫەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : " ﻫازىرقى كاشىغەرىيەدېگەن نام بىلەن ﻫەممىگە تونۇلغان بۇ ئۇلۇس تۆمۈرىلەر دەۋرىدە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپئاتىلاتتى ، ﻫازىر پەنجاپتا ياشاۋاتقان يەتتە ئۇلۇسلار ياكى جاتلار قەبىلىسىئەسلىدە كاشىغەرىيەدىن چىقىرىلغانلارنىڭ پۇشتىدۇر ، بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىكاشىغەرىيە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپ ئاتىلىدىغان چاغلاردا بۇ ئۇستىن كېتىپ قالغانلار " دۇر .
-1365 يىلى تۆمۈر سىر دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى چىناز بىلەن تاشكەنتئوتتۇرىسىدا شەرقىي چاغاتاي قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغان 1370 - يىلى ئۇ سەمەرقەنتنىئىگىلەپ ، ماۋەرائۇننەﻫردىكى توپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەﻫردىكى توپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەﻫر شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپچىقىدۇ . تۆمۈر بۇ جايلاردا خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ . تۆمۈر بۇجايلاردا ﻫۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسى بىلەنمۇ داۋاملىق ﻫەپىلىشىپ ئۆتكەن .
شېرىپىدىن ئەلى يەزىدى "زەپەرنامە" ۋە نىزامىدىنشەمىئىمۇ "زەپەرنامە" دېگەن كىتابلاردا تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ چوڭئوغلى ئۆمەر شەيخنىڭ شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسىدىكى شەﻫەرلەرنى تالاپەتكەئۇچراتقانلىقى توغرىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان . شېرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ يېزىشىچە 1375 - يىلىدىن 1379 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يەرگە بەش قېتىم ﻫۇجۇم قىلغان ، بىر قېتىمتۆمۈرلەڭ قوشۇنلىرى ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ ، چاغاتاي قوشۇنلىرىنىڭيېڭىلىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ، تۆمۈرلەڭ پۇرسەتنى غەنىيمەتبىلىپ ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ ، ئالمىلىق ۋە كاشىغەرغىچە ماڭغۇزغان ۋە بۇشەﻫەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ ، مال - مۈلۈكتىن باشقا ، بىر قىسىم ئاﻫالىلەرمۇ ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا تۆمۈرلەڭدۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلگەن . ئابدىرازاق سەمەرقەنتى "مەتلەئۇسسەدايىن ۋە مەجمۇئۇل - بەﻫرەيىن' ( ئۈنلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئىككى دەريانىڭ بىرلىشىشى) ناملىق كىتابىدا ئۆمەر شەيخنىڭ 1370 - يىللىرى كاشىغەر ئاﻫالىسىنى ئەنجانغاكۆچۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان .
موڭغۇلىستان خانلىرىدىن ئىسسەن بوقا دەۋرلىرى يىللىرىدا دوغلات قەبىلىسىدىنسەئىد ئەﻫمەد كاشىغەرنى نازارەت ، مۇﻫاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . ئەمما ، ئۇ ئادەم ئىقتىدارسىزراق بولغاچقا خىزمىتىنىڭ ﻫۆددىسىدىن دېگەندەك چىقالمايقالغان ، مۇشۇنداق بولغاچقا يەرلىك خوجىلار سەمەرقەنتتىكى تۆمۈرلەڭنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئۇنى كاشىغەرىدىن قوغلىۋەتكەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەنكاشىغەر ئۇلۇغ بەگنىڭ كونتروللىقىدا بولغان ، ئۈ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشئارقىسىدا سەئىد ئەﻫمەد كاشىغەرنى قايتۇرۇۋالغان . قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدەسەمەرقەنت تەرەپكە ﻫېسداشلىق قىلغۇچى ۋە قايمۇققان بىر قىسىم كاشىغەر ئاﻫالىسىماۋەئۇننەﻫر تەرەپكە كېتىپ قالغان .
يۇقۇرىقىدەك ئۇرۇش سەۋەبىدىنلا ئەمەس ، بەلكى خېلى بىر مەزگىلتۆمۈرىلەر ﻫاكىمىيىتىدە خاتىرجەملىك ، ئىلىم - پەنگە بېرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەرتۈپەيلىدىنمۇ ، كۆڭۈل مايىللىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماۋەننۈنەﻫرگە كىرىشى تارىختىكىكىرىشنىڭ داۋامى ئىدى . بۇ قېتىم كىشىلەر ، ئىلگىرىدىن باشلاپلا ، مەزكۇر رايوننىڭئىجتىمائىي ﻫاياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپئىشلەپ ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە تارىختا ئالاﻫىدە خاتىرىلىنىشكەنائىل بولغان . بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ نامى - نىشانى تارىختا قالمىغانبولسىمۇ ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ تۆﻫپىلىرى ئالاﻫىدە گەۋدىلىك بولغاچقا تارىخىي دېرەكلەرئارقىلىق زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە .

.2 تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرىي ئەمەلدارلار

بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى تۆمۈرىلەرنىڭمەمۇرىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان .
دۆلەت شاﻫ باخشى ئۇيغۇر --- تۆمۈرىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەيۇقۇرى دەرىجىلىكئەمەل تۇتقان بولسىمۇ مەنساپدار ئىدى .
غىياسىدىن باخشى --- بۇ ئادەم مەنبەلەردە غىياسىدىن كىچىكياكى كىچىككىنە باخشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇلۇغ شائىر نەۋائىينىڭ دادىسىنىڭ بەزىماتىرىياللاردا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن . ئەينى چاغدىكى ئەﻫۋاللارغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئائىلىسى كاشىغارىيىدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن . غىياسىدىن باخشى سەبىزۋار ( ﻫازىرقى تاجىكىستاندا ) شەﻫىرىگە ﻫاكىمبولغان . خۇراسان ﻫۆكۈمدارى ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ چاغاتاي ( ئۇيغۇر) تىلى ۋە ئەرەبتىلى بويىچە باخشى -- كاتىبى بولغان . ئۇ شېئىرىيەتكە قىزىققان . ئۆز دەۋرىدە "تارىخى خانى " ناملىق بىر كىتاب يېزىلغان . ئون ئالتىنچى ئەسىر ئاپتورلىرىدىنئابدۇللا بىن ئەلى نەسرۇللا "زۇبدۇت - ئول - ئەسەر ' دېگەن تۈركىي تىلىدىكىكىتابىدا "تارىخىي خانىيە' تۈركىي ئۇيغۇر باخشىلىرى ئۇنى ئۇيغۇر خېتى ۋە تەلەپپۇزىبىلەن بىتبىدۇرلەر " دەپ يازغان . تۆمۈرنىڭ تارىخىنى يازغان شېرىپىدىن ئەلى يەزدى "زەپەرنامە" دېگەن كىتابىنى يېزىشتا بۇ كىتابتىن پايدىلانغان . بەزى ئاپتورلار "تارىخىي خانى " نى غىياسىدىن باخشى يازغان بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ . ئەپسۇسكى بۇكىتاب ﻫازىرغىچە ئىلىم ئەﻫلىگە مەلۇم ئەمەس .
دەرۋىش ئەلى -- ئۆز زامانىسىدا ﻫازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخشەﻫىرىگە ﻫاكىم بولغان . ئۇ نەۋائىينىڭ ئىنىسى ئىدى .
ئەﻫمەد ﻫاجىبەگ . ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تائەﻫمەد ﻫاجىبەگ توغرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ " : سۇلتان مالىك كاشىغەرىكى زاماننىڭتەڭدىشى يوق كىشىسى ئىدى . شۇنىڭ ئوغلىدۇر 'ۋە فائىي' دەپ تەخەللۇس قىلاتتى . ئەخلاقى گۈزەل ، كۆڭۈللۈك ، ﻫەممىگە پىسەنت (قادىر) يىگىتتۇر . ئۇ ، خۇراسەندە تەربىيەتاپىدى . خۇراسان مەركىزى ﻫىيراتتا 10 يىلغا يىقىن ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزدى .
سەمەرقەنتتە بىر مەزگىل ﻫاكىم بولدى . ۋە بىر قەرنە 30 يىلدىنبۇيان مۇستەقىل ئەمىرلىك ئورنى بىلەن پادىشاﻫ (سۇلتان ﻫۈسەيىن) گەنايىب (ۋەكىللىك) لىق قىلماقتا . ﻫېچقانداق كىشى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ، ئېتىرازقىلمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ﻫۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەﻫمەد ﻫاجىبەگنىڭ ﻫەيۋەت - باﻫادىرلىقىنى ﻫەممە كىشى تونۇيدۇ ۋە تەسلىم قىلىدۇ . تەبىئىي غايەت گۈزەلنەزمىلەرگە كۆپ ساز چالىدۇ . "
دېمەك ، ئەﻫمەد ﻫاجىبەگ ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق دۆلەت ئەربابىلا ئەمەس ، بەلكىي شېئىرىي دىۋانى بار ، مەشﻬۇر شائىر ئىكەن .ئۇيغۇر "12مۇقامتېكىستلىرى" دە "ۋاپائىي" تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ بىرقانچە كۇبلېتغەزەللىرى ئورۇن ئېلىپ ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . بۇ غەزەللەرنى ئەﻫمەد ﻫاجىبەگنىڭغەزەللىرى بولۇشى مۈمكىن ، دەپ پەرەز قىلىمىز .
ئەﻫمەد ﻫاجىبەگ سەمەرقەنتتە ﻫاكىم بولۇپ تۇرغان چاغدا سەمەرقەنتتەئوقۇۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىيغا ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىدىنئۇنىڭ ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ﻫامىيسى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ .
جانىبەگ دولداي . سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۇنىڭغا سەمەرقەنتنىڭﻫاكىملىقىنى تاپشۇرغان . سۇلتان ئەﻫمەد بولسا (ئوردىنىڭ) ئىشىك ئىختىيارلىقىنىتاپشۇرغان . "بابۇرنامە" دە ئەمىرلەر تەبىقىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغانۋە "ئىنتايىن ئەدەب - ئەخلاقلىق ".... ، "مەرد كىشى ئىدى" ، "سۇلتان مالىك كاشىغەرىنىڭ ئىنىسى ئىدى" دەپتەرىپلىگەن . ئۇ يەنە ناﻫايىتى باتۇر ئادەم ئىكەن .
نەۋائىي ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپپەككۈر ، ئۇ 1472 -1476 - يىللىرىﻫۈسەيىن بايقارائوردىسىدا باش ۋەزىر بولۇپ ، نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .
يەنە ﻫاپىز مۇﻫەممەد بەگ دولداي ، ئابۇلكەرىم ئەشرىت قاتارلىقئۇيغۇر ئەمىرلەرمۇخۇراساندا ئەينى زاماندا مەنسەپ تۇتقان . دېمەك ، بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئەمەلدارلارئۆتكەن .

.3 تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭئورنى

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە بىر قانچە خىل تىل - يېزىق ئىشلىتىلگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركى تىل - يېزىقىنىڭ ئورنى ناﻫايىتىيۇقۇرى ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان .
بىرىنچى ، تىل . ئەينى چاغدىكى تۈركى تىل يەنە "چاغاتاي تىلى" ، "ئۇيغۇر ئىبارىتى" ، "ئۇيغۇر تەلەپپۇزى" دېگەنگەئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغان ، كېيىنكى چاغلاردا "چاغاتاي تىلى" دېگەننام بىلەندۇنياغا تونۇلغان .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ئەرەب ، پارس تىللىرى بىلەنبىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدا رولىنى جارى قىلدۇرغان . بۇ دەۋردە ئىسلام دىنىنىڭمەنىۋى جەﻫەتتىكى نوپۇزى تۈپەيلىدىن ئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرى ئۆزىنىڭيۈكسەك ئورنى بىلەن ﻫەمىشە كىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغان . بىرمۇنچە ئىلمىي خادىملارئىلمىي ئىجادىيەتتە ئۇ تىللارنى قورال قىلىشنى شەرەپ ۋە ئىستېداتىنى ئۆلچەيدىغانئۆلچەم قىلىۋېلىشقان . ئەمما ، تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەردىن چىققان بەزى ئالىملار ، جۈملىدىن تۆمۈرىلەرنىڭ ﻫۆكۈمران جەمەتى "تۈركىي تىلى" نامى ئاستىدىكىئۇيغۇر تىلىنى جان تىكىپ قوغدىغان ۋە ئۇ مىللىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ ، ئەرەب ھەم پارستىللىرىغا مۇتاناسىپ ﻫالدا مۇئامىلە قىلىنغان .
نەچچە ئونلىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ۋە باشقا خەلقشائىرلىرى چاغاتايئۇيغۇر تىلى دېيىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەرلەر يېزىشقان . ئۆز زامانىسىدا مەشﻬۇر مەۋلانالۇتفى ، مەۋلانا سەككاكى ، ئاتائىي ، ﻫەزرەتى نەۋائىيلاردىن باشقا يەنە ﻫەرەمى ، قەلەندەر ، يەقىنى ، مۇقىمى ، كەمالى ، لەتىفى ، پالۋان ﻫۈسەيىن ، مەۋلانە ﻫىلال ، مىرسېيد ، مۇﻫەممەد ئېلى ، مىرزا بەگ ، سەئىد ﻫۈسەيىن ئەردەشىر ، مەۋلانە ئاشقى ، شەۋقى ، گەدائىي ، يەنە مەجلىسى ، يۈسۈپ ئەمىرى ، ئەﻫمىدى قاتارلىقلارنىڭ چاغاتايئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازغانلىقى توغرىسىدا نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تا تەپسىلىيتوختىلىپ ئۆتكەن .
بۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنىڭ تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي تىلئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئەدەبىياتىغا ناﻫايىتى زور تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى ، تۆمۈرىلەر خاندانلىقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئابابەكرى مىرزا ، سۇلتان خېلىل مىرزا ، ئەﻫمەد مىرزا ، بايقارا مىرزا ، شاﻫ غېرىپ مىرزا قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى تۈركىيتىلىدا شېئىر يېزىشنىڭ تەرەپدارلىرى بولۇپ ، ئۆزلىرىمۇ تۈركىي تىلدا شېئىريازاتتى . ئەلىشىر نەۋائىي ئەنە شۇ يۇقۇرقى ئىسىملار زىكرى قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭشېئىرلىرىدىن مىساللار ئالغان "ماجالىسۇن نەفائىس" دا ﻫۈسەيىنبايقارا شېئىرلىرىغا مەخسۇس باب ئېچىپ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ ، كەڭ تونۇشتۇرىدۇ . ﻫەتتا ﻫۈسەيىن بايقارانىڭ تۈركى تىلىدايېزىلغان "ﻫۈسەينى" تەخەللۇسلۇق شېئىرىي دىۋانى بولغان . نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" نىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە ﻫۈسەيىن بايقاراتوغرىسىدا توختىلىدۇ .
تۆمۈرىلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ﻫىرات ۋەسەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى . چۈنكى ، بۇ شەﻫەرلەر ﻫەشەمەتلىك ، ئىلىمئەﻫلىلىرى توپلانغان ، ئاجايىپ گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرغان . ئەينى چاغدا ئوتتۇرائاسىيادىكى ئۆلىما - زىيالىلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ نوپۇزغا ئىگە بولغانئەرەب تىلىنى بىردىنبىر ئەدەبىي تىل دەپ ﻫېسابلىمايدىغان ﻫەندە پارسچەبىلەنمۇ چەكلىنىپ قالماي ، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى قىلىپقوللىنىدىغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن .
ﻫىرات ۋە سەمەرقەنتتىكى كۆپچىلىك تۈركىي تىللىق خەلقلەر ، موڭغۇلئەۋلادلىرى (باشقاخەلقلەرمۇ بار) سىياسىي جەﻫەتتىكى سادىقلىقىدىن ، ﻫەتتا دىنىي جەﻫەتتىكى سادىقلىقىدىن ، ۋاز كېچىشكە رازى بولغانكى ، ئۆز خەلقىنىڭ تىلى ، ئەدىبىياتىدىن ۋاز كەچمىگەن .
شۇنداق بولغاچقا ، خۇراسان ۋە ماۋاننەﻫر رايونىدا ئەرەب تىلى ۋەپارس - تاجىكتىلى ئىلمىي تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن . بولۇپمۇ ئەرەب تىلىيېقىن شەرقتىكى كەڭ رايونلار ۋە ياۋروپادىكى بەزى جايلارغا ئوخشاش جانلىق تىل بولۇشى ۋەغەلىبە قازىنىشى تېخىمۇ مۈمكىن بولمىغان . ﻫىرات ۋە سەمەرقەنتلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىكئەدىبىيات - سەنئىتى بالدۇرقىدەكلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنە بازىسىنى مۇستەﻫكەمساقلاپ كەلگەن . بۇنداق ئەنئەنىنىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنمەزمۇنلاردىن بەلگىلىك بىر ئەقلىي خۇلاسىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ .
تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا ، ئەينى چاغدا ﻫىرات ۋە باشقائوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر يۇرتلىرىدىكى قوۋم - ئايماقلارنىڭ ئەنئەنىسى دەسلەپتە ئەرەپچىلەشتۈرۈۋېتىلگەن ، كېيىنكى ۋاقىتلارداپارسچىلاشتۇرۇۋېتىلگەن . ئەمما ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىر خىل مىللىيﻫېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىش تەسكە چۈشكەن . ئون تۆتىنچىئەسىردىن باشلاپ ، ﻫەر خىل مىللىي تەركىبتىكى ئاﻫالىلەردىن قايتا تەشكىلتاپقان ﻫىرات ، سەمەرقەنت قاتارلىق تۆمۈرىلەر چوڭ شەﻫەرلىرىنىڭ يېڭى شەﻫەرسۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك رولئوينىغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ .
يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ﻫەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىتۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى كۆپچىلىك زىيالىلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغانئاساسىي قورال رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى .
بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تۈركىي تىللىق خەلقلەرئەدەبىي تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ توغرىسىدا ئۆزبېكتىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن ئاتاقلىق ئالىم ،ئا . شىرباك تۆۋەندىكى پىكىرنى ئېيتقان . "ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا سىرتقى ئامىللار دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭكىلاسسىك مىراسىنىڭ تەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگىدۇر ....." .
ئىككىنچى ، يېزىق . تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي -- ئۇيغۇر يېزىقىئىككى خىل ئىدى . بىرى ، ئۇيغۇر يېزىقى . بۇ ئادەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدەداۋاملىق ئىشلىتىلىپ تۇرغان يېزىق . يەنە بىرى ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى . بۇ ئۆز زامانىسىدا تۈركىي يېزىق ياكى چاغاتاي يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان .

.4 ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكىئىدىئولوگىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرى .

تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۆلىما - زىيالىلارغاتەسىر قىلغان ئىدېئولوگىيە خىلمۇ - خىل مەنبەلەرگە تۇتىشاتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدەقەدىمكى دەۋر ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىبەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلەيتتى . ئۆز زامانىسىدا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ماتېرىياللارغاقارىغاندا ، فارابى ، مەﻫمۇد كاشىغەرى ، يۈسۈپ خاس ﻫاجىپ ، ئەﻫمەد يۈگنەكىلەرنىڭئەسەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر شۇ چاغ ئالىملىرىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ﻫەر خىل رەۋىشتەئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ، جۈملىدىن پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭئەڭ مۇجەسسەم قامۇسى "قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن "ۋېينا" نۇسخىسى ، -1439 يىلى ﻫىرات شەﻫىرىدە ﻫەسەن قارا سائىل شەمسىدېگەن كاتىپ تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن . بۇ ﻫال ، بۇ داستاننىڭئۆز زامانىسىدا ﻫىراتتىكى ئىلىم ئەﻫلى ئارىسىدا ئوقۇلۇپ تۇرغانلىقى مەلۇم . يەنەبىرى نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە "ئەتەبەلﻬەقايىف" نى كۆرگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار .
تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەسىرىمەسىلىسىدە دەسلەپ قىلىپ ، سەئىددىدىن كاشىغەرى توغرىسىدا توختىلىمىز .
سەئىددىن كاشىغەرى . كاشىغەردە ئۇلۇغلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان . سەئىددىن كاشىغەرىنىڭ يىللىرىكاشىغەر ئاﻫالىسىنىڭ ئىنتايىن ئازاب - ئوقۇبەتلىك يىللىرى ئىدى . چۈنكى ، مىلادىيە 1369 - يىللىرى ئەمىر قەمەرىدىن كاشىغەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى ۋەئۇنى ياقىلايدىغان ﻫەر قايسى تەبىقىدىكى ئادەملەرنى قىرغىن قىلغان ئۇنىڭكەينىدىنلا ، يەنى -1375 يىلى تۆمۈر قەمەرىدىنگە قارشى قىلغان ئۇرۇشتا كاشىغەر شەﻫىرىنىتامامەن خاراپ قىلغانىدى . نەتىجىدە كاشىغەر خەلقى ، جۈملىدىن سەئىددىنكاشىغەرىنىڭ ئائىلىسى ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان . سەئىددىنكاشىغەرى ئىلىم خۇمار ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، سەپەر مەنزىلىنى ئۆزدەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم - پەن مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەمەرقەنتكەنىشانلىغان .ئۇ سەمەرقەنتكە بارغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تولىمۇ قيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن . ئۇ يەردە كاشىغەردىن بارغان ئۆلىما مەۋلانە مۇﻫەممەد بىلەن بىرلىكتە ئىلىمتەﻫسىل قىلىشقا كىرىشكەن . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئوغلى مىرسەئىد ئىلىنى شەيخ ﻫەبىبدېگەن ئۆلىمانىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا قالدۇرۇلۇپ ، ئۆزىبۇخارادىكى خوجا مۇﻫەممەد باﻫائىدىن نەقىبەندى ( 1318 - 1389 ) يىللىرىمۇدەررىسلىك قىلغان بۇخارا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ يەنە جالالىدىن ئەبۇيەزىد بۇرابى قاتارلىق تەسەۋۋۇپ پىرلىرىدىن تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئۆگەنگەن . شۇنداق قىلىپ ، تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىچىدە ناﻫايىتى زور شۆﻫرەت قازانغان . ئۇ شۇ دەۋرنىڭئاتاقلىق ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ شۆﻫرەت قازانغاندىنكېيىن خۇراساندا ﻫۈسەيىن بايقارا سالدۇرغان "مەلىكان مەدرىسى" دە مۇدەررس بولۇپ ، نۇرغۇن تالىپ - ئۆلىمالارنى تەربىيلىگەن .
سەئىددىن كاشىغەرى ﻫاياتىدا بىرقانچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . ئۇلار "مۇنيەتۇل مۇسەللى ۋە غەينەتۇل مۇفتەدا" ، "تۆﻫفەتۇل مۇسەللى ، مۇنيەتۇلمۇسەللى" ، "كەلىمات خوجا باﻫائىدىن " ، "رىسالەئىي لەتائىف" ، "ۋۇجۇدنامە" قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . سەئىددىن كاشىغەرى ۋاپاتبولغاندا ، ﻫىراتنىڭ ﻫىيابان دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان .
سۇلتان مالىك كاشىغەرى . بۇ كىشى توغرىلىق ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇننەفائىس" تا ....." زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى " دېگەن مەلۇماتنى بېرىپ ئۆتىدۇ . بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ كاتتا ئالىم ئىكەنلىكىبىلىنىدۇ . ئەمما ، باشقا ئۇچۇرلار يوق .
مەۋلانە فەسﻬۇددىن مۇﻫەممەد نىزامى ، يەنى "فەسﻬۇددىنئاخۇنۇم" . ئۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى . بۇ زاتﻫەققىدە خاندەمىر "خۇلاسەتۇل ئەخبار" دا مەلۇمات بېرىلگەن .
تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە "ئاخۇن" سۆزى كۆپقوللىنىدۇ . مۇشۇنىڭغائوخشاش ئەﻫۋاللارغا ئاساسەن فەسﻬۇددىن ئاخۇنۇم ئۇيغۇر زاتىغا مەنسۇپ بولسا كېرەك ، دەپقارالماقتا.
مۇﻫەممەد بىن رەشىد ئەلى كاشىغەرلىك داڭلىق ئالىم . ئون بەشىنچىئەسىردە ئاسىياغا سەپەر قىلغان ﻫەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمىئاساسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ، مەسىلەن ، ﻫېدىق نەسىرنىڭ "سۈبﻬى" دېگەن كىتابىغا ۋە خېلىل بەگ ئىمىن نىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ زات 1466 - يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان .

.5 تۆمۈرىلەر ئوردىسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى

ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇزىكا تارىخىدا ئۈلگىلىك ، نەمۇنىلىك ئورۇنغا ئىگە . ئۇنىڭ مەزمۇنىدا كۈي ئاﻫاڭلىرى ۋە مۇزىكا رىتىملىرى بولغاندىن باشقا ، لىرىك غەزەل يەنى ئەدەبىي ئەسەر جەۋﻫەرلىرى ساقلانغان . بۇلار شائىرلارنىڭ ئوتلۇقئىلﻬامى ، ۋەزىنلىك ئىجادىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىدا شۈبﻬە يوق . مۇقامنىڭ زامان - زامانلاردىن مەۋجۇد بولۇپ كېلىشىدە بەدىئىي ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپكەتكەنلىكىنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . كىشىنى تولىمۇقىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى ئالەمشۇمۇل ئىپېراتۇر تۆمۈرىلەر ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 12" مۇقامى" نىڭ ئورۇندىلىپ تۇرغانلىقى .
بۇ دەۋردە ئۆتكەن بىر قىسىم ئەدىبلەر تۆمۈرىلەردەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن نۇرغۇنئەدىبلەر يېتىشىپ چىقىپ ، ئۆز دەۋر ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ﻫەسسىلەرنىقوشقان . br>
.6 ئەلىشىر نەۋائىي
ئەلىشىر نەۋائىي توغرىلىق مۇنبەردە بۇرۇن يوللىنىپبولغانلىقى ئۈچۈن يېزىلمىدى .

مەنبە :دىيارىم. غەيرەتجان ئوسماننىڭ << ئۇيغۇرلارشەرقتە ۋە غەربتە >> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ئىمىن تۇرسۇن ھاجى
ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئاتىمىزنىڭ نامىزى
20-ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تارتىلغان سۆرەتلەر
20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تارىخى ۋەسقىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىرىيسىدىكى رولى
مىللى ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى
مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى