ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

مىللەتلەر

  تاجىكلارنىڭ توي- تۆكۈن ئادەتلىرىدىكى سىموۋۇللۇق بەلگىلەر
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-1-31

 

تاجىكلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى، تەرتىپ - قائىدىلىكلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىرقەدەر مۇرەككەپ مەزمۇن قاتلىمىغا ئىگە بولۇپ، تاجىك يىرىك مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ئۇلارنىڭ تۆي - تۆكۈنىدە سىمۋوللۇق بەلگىلەر نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ ھەمدە مەزمۇن، شەكىل، خاراكتېر جەھەتتىن ئىجابىي روھقا تويۇنغان بولۇپ، تاجىكلار روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ، نازۇك مەنىلەرنى دىنىي ئېتىقاد، ئەپسانە، قىممەت قاراشلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ تۇرىدۇ. دېمەككى، سىمۋوللۇق بەلگىلەر تاجىكلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.
 
* ياغلىق چىگىش __
 ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقى ۋە قىز - يىگىتنىڭ بىر - بىرىنى ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن قۇدا چۈشۈش (تاجىك تىلىدا «ياغلىق چىگىش» دەپ ئاتىلىدۇ) مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئارزۇسى قىز تەرەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئايال تۇغقانلىرىدىن بىرى قىزنىڭ مەخسۇس خانىسىگە كىرىپ، قىزنىڭ قۇلىقىغا سىرغا، قولىغا ئۈزۈك، بېشىغا قىزىل ياغلىق سالىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ ئىشىدا رەسمىي پۈتۈشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، «قىزنىڭ ئىگىسى بار»، «بېشى باغلاقلىق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

* داپ چېكىش __
 توي رەسمىي باشلىنىشتىن بىر - ئىككى كۈن بۇرۇن، ئىككى تەرەپ يۇرت ئىچىدە بىر يىل مابەينىدە قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا داپ قويۇپ توي قىلىشقا ئىجازەت سورايدۇ. ھازىدارلار داپقا چېكىپ قويۇپ ئىجازەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشىدۇ.

* يۇيۇندۇرۇش __
 توي بولىدىغان كۈنى قاق سەھەردە بولغۇسى ئىككى قۇدا قىز - ئوغۇللىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدە خۇشھىدلىق دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرگە ناۋات ئارىلاشتۇرۇلۇپ قاينىتىلغان يۇيۇنۇش سۈيى بىلەن يۇيۇندۇرىدۇ. توي ئالدىدىكى يۇيۇنۇشنى «پېشكەللىكلەرنى يوقىتىدۇ، يېڭى ئائىلىگە بەخت - سائادەت ۋە شاد - خوراملىق بەخش ئېتىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ «قىز - يىگىتنىڭ مېھرى ئىسسىق بولسۇن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

* تەرلەندۈرۈش __
 پاكىز يۇيۇندۇرۇلغان قىز ۋە يىگىت ئۆز ئۆيلىرىدە مامۇق يوتقان - كۆرپىلەر ئىچىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ئېنېرگىيىسى يۇقىرى تائاملار ئارقىلىق تەرلەندۈرۈلىدۇ. بولغۇسى ئىككى قۇدا ئارىلىقنىڭ يىراق - يېقىنلىقىدىن قەتئىينەزەر تەرلىنىۋاتقان كېلىن - كۈيئوغۇللىرىغا ئېسىل تائاملارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزئارا مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. تەرلەندۈرۈش قىز - يىگىتلەردىكى جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، زەئىپ روھنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئادەت شامان دىنىنىڭ تاجىكلار جەمئىيىتىدىكى قالدۇق تەسىرى بولۇپ، ئىسسىقلىق ئارقىلىق روھنى ئىللىتىشقا قارىتىلىدۇ، يەنى قىز - يىگىت روھى ئىللىتىلىپ، بىر - بىرىگە مايىل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

* پۈتۈك سېلىش __
 ئوغۇل تەرەپ نىكاھقا بېرىپ بولغۇسى قېينانا - قېيناتىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغاندا ھەمدە قىزنى كۆچۈرۈپ ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە، سېرىق ماي قۇيۇلغان سۈت بىلەن ئۇلاردىن ھاردۇق سورۇلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ مۈرىسىگە ئاق ئۇن سېپىپ مۇبارەكلەيدۇ. تاجىكلارنىڭ قارىشىدا ئاق ئۇن ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى سېپىش ئارقىلىق مۇبارەكلەش، بەخت تىلەش __ ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. بۇ زاروئاستىر دىنىدىكى «شەيتان ۋە نۇر» ئەپسانىسىگە ئوخشايدۇ. ئوڭ مۈرىسىگە پۈتۈك سېلىشنىڭ مەنىسى «مەڭگۈ پاك بولغايسەن» دېگەن تىلەكنى بىلدۈرىدۇ.

* بەل ياغلىق باغلاش __
پۈتۈك چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن قېينانا قىز كەشتىلەپ تىككەن بەل ياغلىقنى ئوغۇلنىڭ بېلىگە چىڭ باغلاپ قويىدۇ. بۇ «ئىرادەڭ مەڭگۈ سۇنمىسۇن» دېگەنلىك بولىدۇ.

* پەدەرخان __
 تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قىز تەرەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن نىكاھ گۇۋاھچىسى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ تاجىك تىلىدا «پەدەرخان» دېيىلىدۇ. پەدەرخان __ ۋەكىل ئاتا بولۇپ، قىز - يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىسىدەك مەڭگۈلۈك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.

* تۇزغا چىلانغان گۆش بىلەن نان __
 نىكاھ مۇراسىمىنى دىنىي زاتلاردىن خەلىپە باشقۇرىدۇ. دەبدەبىلىك ۋە سۈرلۈك نىكاھتىن كېيىن پەدەرخان خەلىپەنىڭ قولىدىكى تۇزغا چىلانغان گۆش بىلەن ناننى ئېلىپ، قولىنى گىرەلەشتۈرۈپ، نىكاھ سورۇنىدا بىللە تۇرغان قىز ۋە يىگىتنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىدۇ. تاجىكلارنىڭ نەزىرىدە تۇزمۇ ئەڭ پاك، ھەم ساپ زات بولۇپ، گۇۋاھلىقنىڭ سىمۋولى. تۇزغا چىلانغان گۆش بىلەن ناننى كىم بۇرۇن يەۋالسا، شۇ تەرەپ كېيىنچە ئائىلىدە خوجايىنغا ئايلىنىدۇ، دەيدىغان قاراشمۇ بار.

* ئوڭ مۈرىسىدىن بېسىپ، ئوڭ پۇتىنى دەسسەش __
 نىكاھ قىلىنىپ تۇزغا چىلانغان گۆش ۋە ناننى يېگەندىن كېيىن، پەگاھدا تۇرغان يىگىت، تۆردىكى قىزنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئوڭ مۈرىسىدىن يېنىك بېسىپ، ئوڭ پۇتى بىلەن قىزنىڭ ئوڭ پۇتىنى ئاستا دەسسەپ قويىدۇ. بۇ «باسقان قەدىمىمىز مەڭگۈ بىر بولسۇن»، «بېشىمىز باش، ئايىقىمىز تاش بولغاي» دېگەن تىلەكنى بىلدۈرىدۇ.

* ئۈزۈك ئالماشتۇرۇش __
يىگىت قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت ئوڭ قولىدىكى ئۈزۈكنى قىزنىڭ سول قولىغا، قىز سول قولىدىكى ئۈزۈكنى ئوغۇلنىڭ ئوڭ قولىغا سېلىپ، ئۆزئارا ئۈزۈك ئالماشتۇرىدۇ. بۇ «بىز بىر ئائىلە بولدۇق، يېڭىچە تۇرمۇشىمىزدا ھەرگىز سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي، نېمە كۆرسەك، نېمە تاپساق تەڭ بولسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

* چاچقۇ چېچىش __
نىكاھ ئاخىرلاشقاندا، شۇنداقلا قىز كۆچۈرۈلۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغاندا، قىز (يىگىت) تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئايال تۇغقانلىرى قىز بىلەن يىگىت ئۈستىدىن قەنت - گېزەك ۋە يېمىشلەرنى چاچىدۇ. چاچقۇ چېچىش __ ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، بالا - چاقىلىق بولۇپ ئۆمۈرۋايەت بىللە ئىناق ئۆتۈشىنى بىلدۈرىدىغان تىلەكتۇر.

* پايانداز سېلىش __
 قىز كۆچۈرۈلۈپ ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاندا يول بويى ئات چېپىشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، نەغمە - ناۋا پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، توي تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە، ئىشىك ئالدىدا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇلارغا قىزىل پايانداز سېلىنىدۇ. تاجىكلاردا قىزىل رەڭ ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ، يېڭى ئائىلىگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدىغان قاراشلار بار.

* قىز - يىگىت قولداشلىرى __
 توي بولۇۋاتقان قىز ۋە يىگىتنىڭ ھەربىرىنىڭ بىردىن - ئىككىگىچە قولدىشى بولىدۇ. قولداشلار بىرلا قېتىم توي قىلغان، مەلۇم تۇرمۇش تەجرىبىسى بولغان، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ياشلاردىن تاللىنىدۇ. توي جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى چوڭ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولىدۇ. قولداشلار تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ قىز - يىگىت بىلەن خالىغانچە كۆرۈشۈشىگە، ئارىلاپ مېڭىشىغا، ئۇلارنى يالغۇز ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە، پاسكىنا - مەينەت دەپ قارالغان جايلاردا تۇرغۇزۇشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. تاكى توي مۇراسىمى رەسمىي ئاخىرلاشقانغا قەدەر، قىز بىلەن يىگىتنى ياتلاردىن قوغدايدۇ، مەينەتچىلىكتىن ساقلايدۇ. بۇ نىكاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، پاكلىقىنى قوغداش، «شەيتان» ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىجابىي مەنىلەرگە ئىگە.

* سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك __
 توي بولۇپ ئۈچ كۈنگىچە قىز ۋە يىگىت سوغۇق سۇدىن پەرھىز قىلىدۇ: سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق سۇغا پۇت - قولىنى تەگكۈزۈش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىدۇ. چۈنكى سۇ __ سوغۇق تەبىئەتلىك بولغاچقا روھنى سوۋۇتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. كىمكى سوغۇق سۇ بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇش رېتىمى بۇزۇلىدۇ، دەيدىغان قاراشلارمۇ بار.

* ئوچاق بېشىغا چىقىرىش __
 كېلىن ئۆيگە كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئايال تۇغقانلىرى «ناۋرى» (ناشتىلىق) ئېلىپ كېلىپ قىزنى يوقلايدۇ. پەدەرخان قىزنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىپ قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىدۇ. قېينانا كېلىننىڭ يېڭىنى تۈرۈپ ئۇنىڭ ئاستىنقى بىلىكىدىن سېرىق ماي ئاققۇزىدۇ. ئاندىن ئۇن، ياغ، سۈت ئەپكېلىپ خېمىر يۇغۇرتقۇزۇپ نان ياقتۇرىدۇ، تاماق تەييارلاتقۇزىدۇ. بۇ «ئوچاق بېشىغا چىقىرىش» دېيىلىدۇ. بۇ كېلىننىڭ يېڭى ئۆيدە يېڭى ھايات باشلىغانلىقىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

* سالامغا بېرىش __
 توي بولۇپ يەتتىنچى كۈنى قىز - يىگىت بىرلىكتە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، تۇغقانلار ھەربىر ئائىلە ئۆز ئالدىغا قوي سويۇپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. تاجىكلاردا ئاتا - ئانا قىزنى ئەخلاقلىق، نومۇسچان، ئىپپەتلىك تەربىيىلىگەن بىرىنچى ئۇستاز دەيدىغان قاراش بولۇپ، تويدىن كېيىن سالامغا بېرىش ئاتا - ئانىلارغا ئۆز تەشەككۈرىنى، يۈكسەك ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. شېرىن قۇربان، مەدەلىخان «جۇڭگو تاجىكلىرى» 1994 - يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
2. ئابدۇرەھىم نەۋرۇز «تاجىكلاردا يۇيۇندۇرۇش ۋە تەرلەندۈرۈش»، «تاجىكلارنىڭ رەڭ قارىشى»، «تاجىكلارنىڭ بۈركۈت تۇتېم مەدەنىيىتى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرى.

( ئاپتورلار: قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە تاشقى سودا - ئىقتىساد ھەمكارلىق ئىدارىسىدا؛
ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللىي يېزىسى مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ئىمىن تۇرسۇن ھاجى
ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئاتىمىزنىڭ نامىزى
20-ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تارتىلغان سۆرەتلەر
20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تارىخى ۋەسقىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىرىيسىدىكى رولى
مىللى ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى
مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى