
كول بويلا-تەر ۋە تەر خەن مەڭگۇ تاشلىرىدا پۇتۇلگەن ئۇچىنچى ئۇيغۇر ئەلى بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى ھىسابلىنىدۇ.
كول بويلادىن كەيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇيۇنچۇر قاغان بىلەن نەۋرىسى ئىدىگەنلەر ئارقا-ئارقىدىن قاغانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى يېڭى بىر تەرەققىيات يولىغا باشلاپ كىرگەنىدى، ئەمما قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز دەۋرىدىكى مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئەنىقراق قىلىپ ئەيتقانداق، شەرقىي تۇرك خانلىقى (582-630) بىلەن كەيىنكى تۇرك خانلىقى (680-742) دەۋرىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقەررەر يۇزلىنىشى ئىدى.
مەلۇمكى، ئورخۇن ۋادىسىنىڭ (ئاۋالقى) تۇرك خانلىقى (552-582) دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ باشقا تەلى قەبىلىلىرىگە ئوخشاشلا بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىدىكى جەريانى بولسىمۇ، تۇرك خانلىقى پارچىلانغاندىن كەيىنكى جەريانى يەڭى بىر تاللاش جەريانىنى ئەلىپ كەلگەنىدى. بۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت بولۇدۇكى، مىلادىيە 605-يىلى تەلىلا ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇر، بارغۇت، توڭرا بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر تۇرك ئاقسۇڭەكلىرىدىن يۇز ئورۇپ، ئوز ئالدىغا ئايرىم بىر ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقانىدى. نەتىجىدە كىيىن بۇ ئىتتىپاقنىڭ نامىنى ”ئۇيغۇر“ دەپ ئاتىغانىدى.
شۇنىڭدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇپ، مىلادىيە 611-يىلىغا كىرگەندە شەرقىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان دەسلەپكى ھاكىمىيەت شەكلىگە ئىگە بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت چۇشەنچىسىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىلگىرى ئوتكەن ئىككىنچى ئۇيغۇر ئەلى بولۇپ 691-يىلى كەيىنكى تۇرك خانلىقى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغانىدى. بۇ چۇشەنچە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھوكۇمرانلىرىغىمۇ ئايان بولغاچقا، ئۇلار بۇ دەۋەرنى تۇرك ۋە قىپچاقلارنىڭ ھوكۇمرانلىقىدىكى ئەللىك يىللىق جەريان دەپ ئاتىغانىدى. ھالبۇكى كەيىنكى تۇرك خانلىقىنىڭ ھوكۇمرانلىق مەزگىلى تۇرك ئاقسۇڭەكلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى تەلى قەبىلىلىرى كەيىنكى تۇرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يەڭى كۇچلەرگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
دەرۋەقە مىلادىيە ۋىئىئى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ، يەنى 742-يىلى ئۇيغۇر، بامىل ۋە قارلۇق قاتارلىق ئۇچ تەلى قەبىلىسى كەيىنكى تۇرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ مۇستەھقىللىق جاكارلاپ، بىلىشىپ ئاشىنا تۇركلىرىگە زەربە بەرىدۇ. 744-يىلى ئۇيغۇرلار يەنە قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ باسمىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتامانى ياغلاقلار كول بويلا ئوزىنى قۇتلۇق كول بىلگە قاغان دەپ جاكارلاپ، ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئوزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىنى تىكلىگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد قاغانى بولۇپ قالىدۇ. قاغانلىقنىڭ ئوردىسى ئوتكەن تەغى بىلەن ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئارلىقىدىكى كەيىنكى چاغلاردا موڭغۇل خانلىقى قارا بالساغۇن دەپ ئاتىغان ئوردا بالىق (قۇتبالىق) شەھىرى بولدى.
كول بىلگىنىڭ ئەسلى ئىسمى كول بويلا (744-747-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) بولۇپ، ئالدىنقى ئاتامان قوشۇخاننىڭ ئوغلى ئىدى. خەنزۇچە تارىخنامىلاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلار قوشۇخان زامانىدىن باشلاپلا كۇچلىنىپ دولەت قۇرۇشقا كەترىشكەن بولسىمۇ، ئەمما قۇدرىتى تازا ۋايىغا يىتىپ قاغانلىق دەپ ئاتىلىشى كول بويلانىڭ دەۋرىدىن باشلاندى. ئۇ سىرتاردۇش، تۇرك ۋە باسمىل قەبىلىلىرىنى تارمار قىلىپ، ئەسلىدىكى تۇرك خانلىقىنىڭ تۇپرىقىدا قۇدرەتلىك ۋە يەڭى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھاكىمىيىتى-ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلەيدۇ. ئىلگىرىكى تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ.
كول بىلگىنىڭ قوراللىق قوراللىق بويسۇندۇرۇشلىرى ئارقىسىدا بايقال كولىنىڭ كۇنگەي تەرىپىدى تۇباسلار، ئۇنىڭ غەربىدىكى قورىقانلار، يەنىسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئەقىنىدىكى خاكاس (قىرغىز) لار، ئالتاي ئەتىراپىدىكى قارلۇقلار ، تەڭرىتاغنىڭ تەسكەي تەرىپىدىكى چول تۇركلىرى، چوغاي ئەتەكلىرىدىكى تانغگۇت ۋە قادىرقان تاھگلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى شىرۋى، قۇمۇق ۋە قىتانلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى-كەيىن بولۇپ ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى قەبىلە، .ئۇلۇسلارغا ئايلىنىدۇ. كول بىلگە دولەت سىرتىغا قارىتا زور كولەملىك كەڭەيتمىچىلىك قىلسا، دولەت ئىچىگە قارىتا پائال تۇردە تەرەققىي قىلىپ، ئوزلىرىنىڭ توققۇز ئۇرۇقىدىن سىرت يەنە ئوز ئىتىپاقچىسى بولغان تاشقى توققۇز قەبىلىنى ۋە قارلۇق، باسمىلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قەبىلىنىمۇ ئوزىگە قەتىۋەلىپ تۇرك خانلىقىدىن كەيىن سەددىچىننىڭ شىمالىدا تىكلەنگەن ئەڭ كۇچلىك خانلىق خانلىق ھاكەمىيىتى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا كول بىلگىنى بۇ ھاكەمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم ئاساس سالغان، يىراقنى كورەر بىلىملىك زات ئىدى، دەپ ئېيتالايمىز.
قاغان مۇيۇنچۇر مىلادىيەنىڭ 759-يىلى 4-ئايدا ئالەمدىن ئوتىدۇ. ئورنىغا ئۇ ھايات چەغىدا چوڭ ئوغلى يابغۇنى تەخت ۋارىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ بىراق يابغۇ قاتىللىق جىنايىتى سەۋەپلىك ئولتۇرۇلگەچكە، ئىككىنىچى ئوغلى ئىدىكەن تەختكە ئولتۇرۇپ تەڭرى قاغان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنە بۇگۇنكى قاغان دەپمۇ ئاتالغان ( 759-780-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان ) بولۇپ كول بىلگە قاغاننىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ھاكەمىيەت بەشىغا چىققاندىن كەيىن ئاتا-بوۋەلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە بىر نوۋەت قوشۇن چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوڭلۇك، سويگۇن ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ياردەمدە بولۇپ، سەددىچىننىڭ جەنۇبىدىكى پۇقرالارنىڭ تەرىكچىلىكىنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلدى. شۇ چاغدا بوگۇ قاغان لوياڭدىن توت نەپەر مانى دىننىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسىنى بىرگە ئالغاچ كەلگەنىدى. شۇنىڭدىن كەيىن ئۇ مانى دىنىنى زور كۇچ بىلەن كىڭەيتىپ، مانى دىننىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىدا زور بىر ئىش قىلدى.
مەنبە:مىراس ژورنىلى 2001-يىللىق 1-سانىدىن ئىلندى.
مەنبە ئۇيغۇرلار تورى