ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئۇيغۇر

  ئۆزبېك ئۇيغۇر بىر مىللەتمۇ ؟
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-1-23

 

(ئۆزبىك لىنىيىسى توربېتى خەنزۇچە مۇنازىرىسىدىن ئېلىندى ، ھەم ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىندى . سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تەرجىمىسى تازا ياخشى بولمىغان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەپۇ قىلغايسىلەر )

        دۇنيادا شانلىق مەدىنىيەت ياراتقان نۇرغۇن مىللەتلەر بار . كۆپچىلىككە ئايان بولغانلىرىدىن قەدىمقى بابىلۇن مەدىنىيىتى ، سىھىرلىك مايا مەدىنىيىتى ، شۇنداقلا جۇڭگۇنىڭ 5000يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان (خۇاشىيا )مەدىنىيىتى قاتارلىقلار .

مەن بۇ يەردە كۆپچىلىككە يىڭى بىر مەخپىيەتلىكىنى يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەرنىڭ مەدىنىيەت يىلتىزى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن .

بىز ، جۇڭگۇلۇقلار بىلەن سىنگاپۇرلۇقلارنى ، چاۋشىيەنلىكلەر بىلەن كورىيەلىكلەرنى ، ئامىركىلىقلار بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ، كاللىمىزغا شۇنداق بىرخىل ئۇقۇم پەيدا بۇلىدۇ . گەرچە ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلار ئوخشاش بولغان مەدىنىيەت ئاساسى ۋە شۇنداقلا ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخى يىلتىزغا ئىگە .

4000يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە تۈركى مىللەتلىرىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەرمۇ ئەنە شۇنداق . گەرچە شىنجاڭ رايۇنىدا يۇقارقى ئىككى مىللەتنىڭ نۇپۇسىنىڭ نىسپىتى ئۇخشاش بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلاردا مەدىنىيەت ، تارىخ ، كىيىم-كىچەك ، دىنىي-ئىتقاد ، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورتاقلىق بار (ئۇيغۇرتىلىدىكى %95تىن ئارتۇق سۆز مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئۆزبىكلەر بولسۇن ئوخشاش) شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى 10مىليۇنغا يېقىن ، لىكىن ئۆزبىكلەرنىڭ نۇپۇسى 20-30مىڭ ئەتراپىدا . ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئۆزبىكلەر 20مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇيغۇرلانىڭ نۇپۇسى ئىككى مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ . پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ نۇپۇسى تەڭلىشىپ قالىدۇ .

ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبەكلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە كۆپ ئوخشاشلىقلار بولىسمۇ لىكىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەر ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەتكە تەۋە بۇلىدۇ . ئەگەر ئۆزبىك مىللىتىدىن بولغان بىر كىشىگە : سىز ئۇيغۇرسىز ، سىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىڭلار بار دىسە ، ئۇ قەتئىي ئىتراپ قىلمايدۇ ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن تەس چىقىشىدۇ .

ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبەكلەرنىڭ چىمەن دوپپىلىرى ، يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ، مەدىنىيەت-سەنئىتى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى قاتارلىقلار ئوخشاش . ھازىر ئوخشىمايدىغان بىردىنبىر پەرىق چەتئەلدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يېزىقى يوق ، ئۇلار روس ئىلىببەسىنى قوللىنىدۇ ، جۇڭگۇدىكى ئۆزبىكلەرنىڭ قوللىنىدىغان يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت . لىكىن يېزىقنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ.

تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتى نىسپەتەن مۇكەممەل ساقلاپ قالغىنى ئۇيغۇرلار بولغان بولسا ، مىللىي ساپانىڭ تەرەققىياتى ئۆزبىكلەردە ، ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ياخشىراق بولغان .گەرچە ئۇيغۇرلار ناخشا -ئۇسۇلغا ھىرىسمەن خەلق بولسىمۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن 12مۇقامى ۋە دولان مەشرەپلىرىنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ ، لىكىن ھازىر ئۇيغۇرلار ئەدىبىيات سەنئەت جەھەتتە ئۆزبىكلەرنىڭ كەينىدە قالماقتا . ئۆزبىكلەردە ئۆزىنىڭ مىللى مەدىنىيىتىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقاندا ، ئۇيغۇرلاردا كەينىگە داجىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى . ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭ كۆرۈك كوچىلىرىدىكى سودا -سارايلاردا ياڭراۋاتقان ئۆزبەكچە ناخشا-مۇزىكىلار ، قويىلىۋاتقان ئۆزبەكچە كىنولار ، ئۇيغۇرچە ناخشا مۇزىكىلاردىن ۋە كىنولاردىن كۆپ بولماقتا . كىشىلەرمۇ شارائىتنىڭ ئەكسىچە ئۆزبىكچە ناخشا-مۇزىكىلارغا ۋە ئۆزبىك مەدىنىيىتىگە بارغانچە ھىرىس بولماقتا .... ئۇنداقتا زادى كىم شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ناخشا چولپانلىرىنى باشقا مىللەت ناخشىلىرىنى ئاساسلىقى ئۆزبىكچە ناخشىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېيىتسۇن دەپتۇ .. ئەلۋەتتە ھەممىسى تەبىئىي بولغان ئىش ..بۇ ناخشىلار ئۇيغۇر تىڭشارمەنلەرنى ۋە تاماشىبىنلارنى باشقىچە ئەھۋالغا چۈرۈپ قويغان بولسا ، باشقا مىللەتلەرنى يەنى ئۆزبىكلەرنى تېىخىمۇ ئىپتىخارلاندۇرۇپ قۇيدى . دەل ئۇيغۇرلانىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى ئارقىغا داجىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئۆزبىكلەرنىڭ مىللى مەدىنىيىتى ۋە ئەدەبىيات سەنئىتى ئۇيغۇرلانىڭ سەنئەتكە بولغان تەشنا قەلبىنى قاندۇردى . ھازىر مەيلى توي-تۆكۈنلەردە بولسۇن ، مىھماندارچىلىق ۋەياكى دوستلار ئولتۇرىشلىرىدا بولسۇن ناخشا ئۇسۇلغا ھىرىسمەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزبىك مەدىنىيىتىدىن بولۇپمۇ ئۆزبىك ناخشا مۇزىكىلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە يەتتى ... ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبىكىستاندىكى شاخزاد ناخشا ئانسامبىلى شىنجاڭغا كىلىپ ئويۇن قويغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى ، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ناخشا چولپىنىنىڭ سەنئەت كىچىلىكىمۇ ئۇ ھالەتكە يەتمىگەن ئىدى ...

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قېرىنداش مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان ئۆزبىكلەرنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇيۇ --- نىمە ئۈچۈن يەنە بىر قېرىنداش مىللەت قازاق خەلقىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىغا قىزىقمايدۇ .. شۇنى بىلىش كېرەككى ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، قازاق تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مىللەت ئۆزلىرىنى تۈركى قېرىنداش مىللەتلەر دەپ ئاتىشىدۇ .

بەلكىم مەدىنيەت ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مىللەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز-ئارا ئىشىنىشكە ۋە چوڭقۇر چۈشۈنىشكە ئىگە قىلالمىغان بۇلۇشى مۇمكىن ...

ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلانىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنياغا داڭلىق بولغان مەدىنىيەت مىراسلىرىدىن قۇتاتقۇبىلىك ۋە تۈركى تىللار دىۋانى قاتارلىق كىتاپلىرى بولغان ، ئۇنىڭدىن باشقا داڭلىق لەتىپىچى نەسىردىن ئەپەندى ئۆتكەن . يۇقارقىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى بۇلۇپلا قالماي بەلكى ئۆزبىك خەلقىنىڭمۇ پەخرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخ بەتلىرىگە سىنجىلاپ قارىساق ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبىك خەلقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاش ئۇنچە ئاددى ئەمەسلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالالايمىز ...

جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبىك خەلقىنىڭ مەدىنىيىتى ئۈزلىكسىز راۋاجلاندى ۋە بىربىرنى تۇلۇقلاپ ئۇلارنى ئەڭ دەسلەپكى نۇقتىغا يەنى بىر-بىرىدن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە قايتۇرغاندەك بولدى .. لىكىن يېقىنقى زاماندىن بۇيان مەلۇم مۇرەككەپ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە سىياسىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن بۇ ئىككى مىللەت ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلمىدى . مەسىلەن دەيلى بىرنەچچە ئۇيغۇر بىلەن بىر ئۆزبىك بىر جايدا تۇرۇپ قالسا ، كۆپچىلىك شۇ كىشىگە سۇغۇق مۇئامىلىدە بولدى ۋەياكى ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۆزگەرتكۈزدى . ئەگەر سىز ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولسىڭىز تاشكەنىتكە بېرىپ ئۆزبىكىستاننىڭ مەڭگۈلۈك پۇقرالىقىغا ئۆتمەكچى بولسىڭىز چوقۇم مىللىتىڭىزنى ئۆزبىككە ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن سىز باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسگە ئۇچريسىز ۋەياكى بەلكىم كەسپىڭىز ۋە ئىشلىرىڭىزمۇ خەۋىپكە ئۇچرىشى مۇمكىن .... مانا مۇشۇنداق سىياسى ۋەزىيەت كۆپچىلىكنى ناھايىتى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويدى . ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبىك خەلقى ئارىسىدا مەيلى سىياسى جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مەدىنىيەت جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى چوڭ پەرىق ھاسىل بۇلۇپ ، مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا قىلدى .

جاھان تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، دەۋىر ئۈزلىكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ . نۇرغۇن مىللەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ ئاللىقاچان يوقالدى . ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقتا قېلىشى مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن سىناقلارغا ۋە زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمىدى .

ئاسىيا ئەڭ ئىچكى قىسمىدىكى ، دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان بۇ دىياردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبىكلەرنىڭ تەقدىرى بەلكىم ئۇنداق ئازاپلىق بۇلۇپ كەتمەس ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا يەككە يىگانە ئەمەس ، يالغۇز ئەمەس ... ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبىك خەلقى ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈپ ۋە ياردەم بىرىپ ، بىر-بىرنىڭ مەدىنىيىتىنى ئۆزلىرىگە ئەينەك قىلىپ ، يىتەرسىزلىكلىرىنى شۇ ئارقىلىق تولدۇرۇپ قولنى-قولغا تۇتۇپ بىرلىكتە ئالغا باسقۇسى .............................

ئاخىردا سۈيۈملۈك ئۇيغۇر دوسىتلاردىن سوراپ باقسام ئۇيغۇر ، ئۆزبىك بىر مىللەتمۇ ؟

 

يۇقارقىلار ئۆزبىك لىنىيىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى ..

تۆۋەندىكىسى مىنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم : مەن يۇقارقى مەزمۇنلارنى كۆرگۈنۈمدە ھەم ھاياجانلاندىم ھەم ئەجەپلەندىم . قەلبىم شۇ پەيىتتە ھەر قىسما تۇيغۇلارغا تولغان ئىدى .. مەن ئۆزۈممۇ ئۆزبىكچە ناخشىلارنى ياخشى كۆرەر ئىدىم ، زەن سېلىپ ئاڭلايتىم .... ئۇنىڭدىن باشقا تور رادىئۇسى ئارقىلىق تاشكەنىت رادىئۇ قانىلىنىڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىسى بۇلۇپ قالدىم(بۇنىڭدا دۆلىتىمىزگە ئالاقىدار مەزمۇنلار يوق ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارمۇ يوق ) .. ئىشقىلىپ ئۆزبىك مەدىنىيىتىگە قىززىقاتتىم .. ئۇلارنى ئاڭلىغاندا ئەلۋەتتە تىل جەھەتتە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق ئىدى .پۈتۈنلەي چۈشۈنەتتىم ..... ئەلۋەتتە مەن ئۆز مىللتىمنى سۆيگۈچى بىر ئىنسان ،ئۇيغۇر خەلقىمنى سۆيىمەن ، ئۇيغۇر ئانا تىلىمنى سۆيىمەن .. ئۇنى ھېچ بىر نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن ..... لىكىن ئۆزبىك تىلى ، ئۆزبىكچە ناخشىلار ، ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئەدەپ-ئەخلاققا دائىر كىتاپلار مىنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلدى ... چۈنكى مەن ئۇلاردىن ئۆز مىللتىمنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .... 

ئەلۋەتتە يۇقارقى تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئۆزبىك ئۇيغۇر بىر مىللەتمۇ دىگەن مەسىلىگە قارىتا مىنڭ شەخسىي كۆز قارىشىم ، ئەلۋەتتە مەن تارىختىن بىخەۋەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبىكلەرگە ئائىت تارىخى ماتىرياللارنىمۇ ئۇچرامىدىم ..لىكىن مىنىڭ قەلبىم ماڭا شۇنداق بىر نەرسىنى بىلدۈرگىسى كەلگەندەك تارىختا ...قەدىمدە بىرمىللەت ئىدى دىگەننى بىلدۈرگەندەكلا ... بىلمىدىم بۇنىڭغا باشقائۇيغۇر جامائىتى قانداق قارايدىكىن ..

ئىقتىسادىم ، ۋاقتىم ۋە سالامەتلىكىم يار بەرسە كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۆزبىكىستانغا چىقىپ شۇ جايلارنى كۆرۈپ كەلسەم دەپ ئويلايمەن ..لىكىن شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلانىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمدا چەكسىز ئازاپلىنىمەن ... ھەم ئويلىنىش ئىچىدە قالىمەن .................................................

يۇرتىمىزدىكى داڭلىق ناخشىچى ئۆزبىك مىللىتىن بولغان شامىل شاكىرنىڭ ناخشىلىرىنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز ، بىزلا ئەمەس پۈتكۈل جۇڭگۇ خەلقىمۇ ياخشى كۆرۈدۇ.. ئۆزبىك مىللىتىدىن بولغان مەرھۇم خارىس ئاشرۇپ ئاكا ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قان تەر ئاققۇزدى .. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ يېرىم سائەتلىك جۇڭگۇ ئاۋازى پىروگىراممىسى ، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 15مىنۇتلۇق پىروگىراممىسى ئۆزبىكىستان ئاسمىنىدا ياڭراۋاتىدۇ ... بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتكۈسى ۋە كۆۋلۈكلۈك رول ئوينىغۇسى ...

 

 

مەنبە : « بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇلۇبى »

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ئىمىن تۇرسۇن ھاجى
ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئاتىمىزنىڭ نامىزى
20-ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تارتىلغان سۆرەتلەر
20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تارىخى ۋەسقىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىرىيسىدىكى رولى
مىللى ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى
مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى