ئۇيغۇرلار (Uyghur: ئۇيغۇرý, Uyghur?; simplified Chinese: 维吾尔; traditional Chinese: 維吾爾; pinyin: Wéiwْ'ěr; IPA: [ʔʊjˈʁʊː][2]) - ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئېتنوگرافىيىسى ئورخۇن-يەنسەي ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولغان، ھازىر جۇڭگو جوڭگۇ شىنجاڭدا ئاساسىي گەۋدىسى ياشايدىغان،قەدىمىي ئۇرخۇن مەدەنىيىتى، كىروران مەدەنىيىتى قاتارلىق بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەقدارى بولغان بۈزرۈك مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى. ئۇيغۇر خەلقى جۇڭخۈا مىللەتلىرىنىڭ ۋە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ،ئۇيغۇر مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۈيۈك تارىخىنى ياراتقان. ئەمگەكچان، تىنچلىق پەرۋەر، كەمتەر، سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل كىشىلەردۇر. ئۇيغۇر تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىللىرى، ئۇيغۇر قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە.ئۆزبېك تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل. تارقىلىشى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،قازاقىستان، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان،ئافغانىستان، پاكىستان،ئېران، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 8مىليون500مىڭ. ..... دىنىي ئېتىقادى-ئىسلام دىنىي(سۈنئىي مەزھەپ).
بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://anana05.blogbus.com/logs/90152307.html
|