ئالاقىلىشىڭ ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ 

70702246: توپىQQ ئەجداد

ئىسلامىيەت ئەجدادلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىمىز دۆلەتلەر دۇنيا تارىخى سۆرەتلەر ئىلكىتابلار باش بەت
ھەدىس تۆھپىكارلار دېتاللار مەدىنىيىتىمىز   مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى فىلىملار يېڭلىقلار مۇنبــەر
پىــكىـرلـەر ئۇلىنىشلار شئېرىيەت كىتابلار   ئۇيغۇر دىيارىمىز خەلىقئارا خەۋەرلەر پىكىر خـــەۋەر
ئەجداد تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!

پىكىر تەكلىپ ئىلكىتاپلار مىللەتلەر تارىخى سۆرەتلەر تارىخى فىلىملەر تارىخ بەتلىرى مۇنبەر

قو ۋ ۇ ق

ئۇيغۇر

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيىسى
بۇ تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭز . بۇ بېسىپ ئۇلانما تورىغا تەشۋىق قىلىڭ

خەۋەر يوللىغۇچى: admin    خەۋەر كۆرۈلىشى:    يوللانغان ۋاقتى: 2011-1-22

 

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. <ئۇيغۇر> دېگەن نام دەسلەپتە ئېتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: “<تۈرك> دېگەن ئېتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ” دېگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. 16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: “ئۇيغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام” دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىن ئۆزىنىڭ <جەمئۇل تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دېگەن كىتابىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ “<ئۇيغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دەپ نام بېرىلگەن” دەيدۇ. بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، يېتەرلىك ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما <ئۇيغۇر> دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، <ئۇيغۇر> دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جۇڭگويىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلې 铁勒 ۋىيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئېتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.

مىلادىيە 840-يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى بىلەن تەدرىجىي يوسۇندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇدۇن خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقلىرى بارلىققا كەلدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىي تىللىق بەزى مىللەتلەر شۇ جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ رايونى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يۈەن سۇلالىسى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. بۇ جەرياندا شىنجاڭدىكى مىللەتلەريېڭىباشتىن يۇغۇرۇلۇش- بىرىكىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە، بولۇپمۇ خىزىر خوجا (1389− 1399-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خانلىقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۇرپان رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى؛ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىدىن قۇمۇلنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى(جۈملىدىن قۇمۇل) دىكى كەڭ رايون ھەر قايسى مىللەتلەر تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان ئورتاق ماكان بولۇپ قالدى، يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تۈرك رونىك يېزىقىنى ئىشلىتەتتى، ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. 11- 13-ئەسىرلەردە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇردى. بۇ ئىككى خانلىقتىكى تۈركلەر سىياسىي جەھەتتىمۇ، سان جەھەتتىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى، شۇڭا تۈرك تىلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى جايلار ئورتاق قوللىنىدىغان تىل بولۇپ قالدى. قاراخانىيلار خانلىقى ئۇدۇننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇدۇن ئاھالىسى قوللىنىپ كەلگەن ئۇدۇن ساك تىلى بىلەن باشقا مىللەتلەر قوللىنىپ كەلگەن سوغدى تىلىنىڭ ئورنىنى پەيدىنپەي تۈرك تىلى ئىگىلىدى. ئۇلارنىڭ يېزىقنىڭ ئورنىنىمۇ ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقى ئالدى. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تۈرك تىلى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بىرلىككە كېلىش يۈزلىنىشى شەكىللەندى. ئەمما يېزىق بىرلىككە كەلمەي يەنىلا كۆپ خىل يېزىق ئىشلىتىلدى. مەسىلەن: قۇمۇل، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاندى؛ تۇرپاننىڭ غەربى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر پارس، ئەرەب، چاغاتاي يېزىقلىرىنى قوللاندى. چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى قاراخانىيلار يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن يېزىق بولۇپ، موڭغۇل ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردا ئومۇملاشقانىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ياركەنت خانلىقى تۇرپان، قۇمۇللارنى ئارقا-ئارقىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق يېزىقلاردىن بولۇپ كەلگەن چاغاتاي يېزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي يوسۇندا ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى چاغاتاي يېزىقى(كونا ئۇيغۇر يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غا بىرلىككە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى شەرتلەرنىڭ بىرى بولغان ئورتاق تىل-يېزىقىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بارلىققا كەلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلار يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا يوللىرىغا جايلاشقان بولۇپ مىڭ نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. بوستانلىق خانلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىپلىرى ۋە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇزاق مەزگىللىك بىرلىككە كېلىش جەريانىدا ئۇلارمۇ پەيدىنپەي ئورتاقلىققا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ شەكىللىنىشى، بىرلىككە كەلگەن پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى، مەركىزىي بازارلارنىڭ قۇرۇلۇشى، فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى بىلەن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىجتىمائىيىتى ۋە ئورتاق ئىقتىسادىمۇ ئاساسەن شەكىللىنىپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاساس بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرت يەنىلا ئۇنىڭ نىسبىي مۇقىم بولغان ئورتاق دىنىي مەدەنىيىتىدىن ھەمدە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئورتاق پسىخىكىلىق ھالەتتىن يەنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى، ئورتاق مىجەز-خاراكتېرى ۋە ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورتاق رايون، ئورتاق تىل-يېزىق ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەگەر ئورتاق مەدەنىيەت، پسىخىكىلىق ھالەت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولمىغان بولسا، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللىنەلمەيتى. مىلادىيە 10-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى ئۇدۇننى بويسۇندۇردى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىسلاملىشىش جەريانى باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن قاراقىتان، يۈەن سۇلالىلىرى شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ھۆكۈمرانلار خىلمۇخىل دىنىي قوشۇۋىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. 1271-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنى بويلاپ شەرققە سەپەر قىلغان ئىتالىيىلىك ماركوپولونىڭ بايانىچە، ئەينى دەۋردە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن، چەرچەن، پىچان (لوپ ئايمىقى) ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى، قەشقەر، ياركەنتتىكى قىسمەن ئاھالىلەرلا خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورى مەزھىپىگە ئېتىقات قىلاتتى. كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى، قۇمۇللۇقلار يەنىلا بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى①. شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، خانلىقنىڭ ئاساسچىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلدى②. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 1353-1354-يىللىرى 160 مىڭ موڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كوللېكتىپ ئېتىقات قىلدۇرغان. 1388-يىلى خىزىر خوجا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىگە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەرشىدىن خوجىنىڭ كۇچاغا كېلىپ دىن تارقىتىشىنى قوللىدى. بۇتخانىلارنى مەسچىتكە ئۆزگەرتتى. 1392-1393-يىللاردا خىزىر خوجا ئىسلام يولىدا غازات قىلىش نامى بىلەن تۇرپان رايونىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ قوشۇۋىلىپ، يەرلىك ئاھالىنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىدا ئىسلام دىنى ئاندىن يەرلىك ئاھالە ئېتىقاد قىلىدىغان دىن بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلىشى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيىتىگە كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ نۇرغۇن رايونلارنىڭ بۇددا دىنىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت يىلتىزىنى پەيدىنپەي ۋەيران قىلىپلا قالماي، تىل-يېزىق، تارىخىي رىۋايەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئۆرپ-ئادەت، پسىخىكىلىق خۇسۇسىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش ئىسلام مەدەنىيىتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساسىي بەلگە قىلغان، بىرلىككە كەلگەن بىر خىل يېڭى مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىدۇر. دەل مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن يېڭى ئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق پسىخىكىسى ۋە تونۇشى شەكىللەندى. يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى رەسمىي شەكىللەندى.

16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئاساسەن ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان موڭغۇل ئەۋلادلىرى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ بارا-بارا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. 1609-1610-يىللىرى ياركەنت خانلىقىنىڭ خانى مەھمۇدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئەھمەدخان تەخت ۋارىسى بولدى، جەمەت ئىچىدە نىزا يۈز بېرىپ، خانلىق زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئىسلام دىنىدىكى خوجىلارنىڭ كۈچى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ، ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپ شەكىللەندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-تالاش توختىماي داۋام قىلدى. 1680-يىلى ياركەنت خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرگەن جۇڭغارلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. غالدان ياركەنت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئوردا ئەزالىرىدىن بولغان ئابدۇرېشىتنى يۆلەپ خان قىلىپ تىكلەپ، ئۆزىگە گۇماشتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلدى ھەمدە يەرلىك دېھقانلارنى بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن ئىلىغا مەجبۇرىي كۆچۈردى، ئۇلار تارانچى (تېرىقچى دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالدى. ياپونىيە ئالىمى ساگۇچى تورۇنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا بوز يەر ئاچقان تارانچىلار نەچچە مىڭ تۈتۈن، نەچچە تۈمەن كىشىگە يەتكەن③. مانا بۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىغا كۆپلەپ كۆچۈشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنچىتقاندا، ئىلىدا بوز يەر ئاچقان تارانچىلارنىڭ تولىسى جەنۇبىي شىنجاڭغا قېچىپ كەلدى. 1760~ 1765-يىلغىچە چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنىڭ كونا ئۆرنىكىنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئىلىغا كۆچۈردى، بۇلار يەنىلا تارانچى دەپ ئاتالدى. شۇ چاغدا ئۇلار جەمئىي 11 تۈركۈمدە 6383 تۈتۈن كۆچۈرۈلدى④. چيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «خان بېكىتكەن غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ 33-جىلددا «ئىلىدىكى مۇسۇلمانلار (چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىلاتتى) 6406 تۈتۈن، 20مىڭ 536 نوپۇسقا يەتكەنىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلاردىن نەچچە تۈمەن ئادەمنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ئەتراپىغا كۆچۈشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھالەت ئۆزگەردى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىقتىساد ئەسلىگە كەلگەن ۋە راۋاجلانغان بولغاچقا، شىنجاڭ يېڭى ئېچىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇنىڭ مۇھىم بەلگىسى شۇ بولدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ھەسسىلەپ ئاشتى. شەھەر-بازار ۋە مەھەللە- قورۇقلار ئارا تورلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، بۇ ھال سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 1782-يىلىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (ئىلىدا بوز يەر ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەخمىنەن 66مىڭ 871 تۈتۈن، 262مىڭ 78 ئادەم ئىدى⑤. 1828-يىلىغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ تەخمىنەن 650مىڭغا يەتتى⑥. 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يەنە زور دەرىجىدە كۆپەيدى. 1887-يىلى ليۇ جىنتاڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس رويخېتىنى تۈزۈپ چىقتى، ھەر خىل نوپۇسنىڭ تۈرگە ئايرىلغان سانى گۇاڭشۈ زامانىدا تۈزۈلگەن « بۈيۈك چىڭ قامۇسى » غا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى- باركۆل، ئاقسۇ، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى مۇسۇلمان (ئۇيغۇر) لارنىڭ نوپۇسىلا 240مىڭ 618 تۈتۈن، 1مىليون 132مىڭ 251 ئادەم بولۇپ، 1828- يىللاردىكى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئىككى ھەسسىدەك ئېشىپ كەتتى. بولۇپمۇ 1892-يىلى تاۋ مو گەنسۇ- شىنجاڭ مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن «جايلارنى بوزيەر ئېچىشقا دالالەت قىلىش»⑦ سىياسىتىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېرى ئاز، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى شىمالىي شىنجاڭغا ۋە باشقا ئادەم شالاڭ، بوز يەر كۆپ جايلارغا بېرىپ ماكانلىشىپ بوز يەر ئېچىشقا دالالەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ داۋاملىق شىمالىي شىنجاڭغا كۆچۈشى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. كېيىنچە بۇنداق ئاھالە كۆچۈرۈش تېخىمۇ كۆپەيدى. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلارغىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر باردى. بۇ تەدبىرنىڭ ئەھمىيىتى شۇ بولدىكى، ئۇ بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ جايلىشىشىنى ئۆزگەرتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن دېھقانلارنى يەنە تەدرىجىي يوسۇندا تۈركۈملەپ شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈش، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1مىليون 575مىڭ 90گە يەتتى⑧. مىنگو دەۋرىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى تېز كۆپەيدى، تارقىلىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 1942-يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 3مىليون 730مىڭ 51گە يەتكەن⑨. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2مىليوندىن ئاشىدۇ. شېڭ شىسەي شىنجاڭنى باشقۇرۇۋاتقان چاغدا يەنى 1934-يىلى ئېچىلغان خەلق مەجلىسىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نامى رەسمىي بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر نامى خەنزۇچە 维吾尔 دەپ بېكىتىلىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان 缠回,缠头 دېگەندەك ناملار بىكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر نامى بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە. يىغىندا يەنە تارانچى مىللىتى دېگەن ناممۇ بېكىتىلدى. بۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي شىنجاڭغا كۆچكەن قىسمى ئىدى، بۇ نام 1949-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تارانچىلار ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.


 بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://anana05.blogbus.com/logs/90154202.html

 

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋەزىيىتى
روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئىمتىھان ئالدى
كانادادا كونسىرۋالاردىن ياسالغان ئىجادىيەتلەر گۈزەل -سەنئەت كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا
سىزنىڭ ۋە مېنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا
ئافغانىستان مىللى قەھىرمانى -لەيلا
ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بارى توپ ئۇردى !
مىرئەخمەتجاننى ئاياكىس كۇلۇبى سىناق مەشىققە تەكلىپ قىلدى
ھېكمەتلەر
ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى
نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت
ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
《تۈركىي تىللار دىۋانى》 نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا
تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى
شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ياپۇنىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلىپ تېرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قەسەم قىلدى
ئىمىن تۇرسۇن ھاجى
ئالىمىمىز ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئاتىمىزنىڭ نامىزى
20-ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تارتىلغان سۆرەتلەر
20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تارىخى ۋەسقىلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىرىيسىدىكى رولى
مىللى ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى
مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بولغان 12 يىل
 

 

دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلىكتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى راۋاجلاندۇرايلى