سابىقسوۋېت ئىتتىپاقى ك گ گېنېرالى، 40-يىللاردا دۆلەت بىخەتەرلىككومىسسارلىقىنىڭ ( كېيىنكى ۋاقىتتىكى ك گ ب )سوۋېت ئىتتىپاقىدۈشمەنلىرىنى تازىلاش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ، گېنېراللېيتېنانت پاۋل سۇدپلاتوۋنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدەئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 1943-يىلى باﻫاردا ئۇنىڭ مۇئاۋىنى، يوسىفستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال مايور نائۇم ئەيتىنگون شىنجاڭغا مەخسۇس ئەۋەتىلگەن (23). دۆلەت بىخەتەرلىك ساﻫەسىنىڭ كۆزگەكۆرۈنگەن گېنېرال مايورى نائۇم ئەيتىنگون ستالىننىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقىبويىچە، مېكسىدا پاناﻫلىنىۋاتقان سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكىرەﻫبەرلىرىدىن بىرى، لېنىننىڭ قوللىغۇچىسى ، ئەمما ستالىننىڭ ﻫوقۇقتالىشىش بويىچە كونا رەقىبى لىۋ تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگەقوماندانلىق قىلغان شەخس بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭدۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈشتەك دۆلەت تېررورلۇق ﻫەرىكەتلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولۇشبىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب تارىخىدا مۇﻫىم ئورۇنغا ئېرىشكەن(24).
گېنېرال سۇدپلاتوۋ " نائۇم ئەيتىنگون 1943-يىلى شىنجاڭدىن ئىبارەت مەزكۇر سوۋېتئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش مۇﻫىم ئىستەراتېگىيىلىك جاينىڭ ئەڭ مۇﻫىمﻫەربىي-سىياسىي ئەﻫۋالى ﻫەققىدىكى رازۋېتكا دوكلاتىدىنمۇ كۆپ مۇﻫىمﻫېسابلىنىدىغان ئۇچۇرنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭرەئىسى يوسىف ستالىنغا ئېلىپ كەلدى." دەپ يازىدۇ (24).ئۇنداقتا، نائۇمئەيتىنگون ستالىنغا ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر دىيارى ﻫەققىدىكى مەزكۇرئىنتايىن مۇﻫىم ۋە مەخپىي ئۇچۇر زادى قانداق ئۇچۇر؟ بۇنىڭ ستالىننىڭ ئاتومپىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ دېگەن سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىتەبىئىي. گەرچە، ﻫازىرچە ئەيتىنگونننىڭ زادى قانداق قىممەتلىك ئۇچۇرنىستالىنغا بىۋاسىتە يەتكۈزگەنلىكى ﻫەققىدىكى ئېنىق تارىخىي ئارخىپ تېخىئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ﻫەقتە ﻫەر خىل پەرەزلەر مەۋجۇت. رۇستارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋ بۇ ئۇچۇرنىڭ سوۋېت گېئولوگىيە خادىملىرىنىڭشىنجاڭدا ئۇرۇن كانىنى بايقىغانلىقى ﻫەققىدىكى مەلۇمات ئىكەنلىكىنىجەزىملەشتۈرىدۇ (25). ئەمما، شۇنداق ئېﻬتىماللىقنى چەتكە قېقىشقابولمايدۇكى، ئۇنىڭ دوكلاتىدا بىرىنچىدىن سىياسىي جەﻫەتتە ئۆلكىگە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ سىڭىپ كىرگەنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانە قۇرۇش بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە باشقا جايلارنى ﻫەربىيئىستراتېگىيىلىك دائىرىگە كىرگۈزۈپ، بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپبارغانلىقى، جاڭ كەيشى ﻫۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى بۇ جايغائېلىپ كىرىش تاكتىكىسى قوللىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈل-كېسىلقوغلاپ چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا سېپىگە خاتىرجەمسىزلىك پەيداقىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي ئۇچۇر . ئىككىنچىدىن سوۋېتگېئولوگلىرىنىڭ تارباغاتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە ئالتاي تاغلىرىدائۇران زاپىسى بارلىقى ﻫەمدە ئىلى ۋە ئالتاي تاغلىق رايونلىرىدىن تىتان، ۋولفرام، ئالتۇن ۋە باشقا رەڭلىك مېتال زاپاسلىرى ، ئۈرۈمچى رايونىدىنبولسا مول نېفىت ۋە كۆمۈر زاپىسى بايقىغانلىقىدىن ئىبارەت ﻫەربىي سانائەتبىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن. ۋادىم ئوبۇخوۋ ، ستالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا نائۇم ئەيتىنگوننىڭ قوماندانلىقىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكئورگىنىنىڭ مەخسۇس قوغداش ئەترىتىنىڭ ﻫىمايىسى ئاستىدا سوۋېت گېئولوگىيەئالىملىرى بىلەن بىرگە يەنە گېئولوگىيە رازۋېتچىكلىرىنىمۇ ئۇيغۇرئېلىغا ئۇران ئىزدەشكە ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭدوكلاتىنىڭ ئەشۇ ئۇران قاتارلىق قىممەتلىك رادىئاكتىپلىق مېتالزاپاسلىرىنىڭ تېپىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. (26)
شۇقېتىمقى تەكشۈرۈشلەردە سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتايتەۋەسىدىكى كۆك توقاي رايونىدىن ئۇران ماددىلىرىنى تاپقانلىقىنى، ئۇرانقاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلار مەنبەلىرىنىڭ گەرچە تارباغاتاي-ساۋۇرتاغلىرىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى قىسىملىرىدىمۇ بارلىقى سېزىلگەنبولسىمۇ، لېكىن كۆك توقاي كان مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامغاجايلاشقانلىقى ۋە قېزىشقا ئاسان ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىكى ئەﻫتىماللىققايېقىن .
بىراق، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، 1943-يىلى، نائۇمئەيتىنگوننىڭ سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ ئالتايدا ئۇران كانلىرىنى بايقاپ، ئۇنى دەرﻫال قېزىشقا بولىدىغانلىق ﻫەققىدىكى ئۇچۇرى ستالىننى خۇش قىلغانبولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خۇشاللىقى غەزەپكە ئايلاندى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا، شېڭشىسەي ستالىندىن تولۇق يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى بارلىقتەسىرىگە ۋە پائالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئاشكارا ﻫالدا ستالىن بىلەندۈشمەنلەشتى ﻫەمدە ئۆزىنى گومىنداڭ مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىنىڭ قوينىغائېتىپ، تۇنجى قېتىم بۇ جايغا مەركەز قوشۇنلىرى يېتىپ كەلدى. شىنخەيئىنقىلابى يۈز بېرىپ، پەقەت 32 يىلىدىن كېيىنلا، جۇڭخۇئا مىنگو مەركىزىيﻫۆكۈمىتىنىڭ كۈچى يېتىشكە باشلىغان بۇ ئۆلكىگە ئاتوم بومبىسى ياساشئۈچۈن جىددىي ﻫەرىكەت قىلىۋاتقان يەنە بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ئامېرىكا قوشماشتاتلىرىنىڭ تەسىرىمۇ يېتىپ كەلدى (27). جاڭ كەيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭئارقا ئىشىكى يېنىغا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ تەسىرىنى ئېلىپ كىرىشتاكتىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چېگرىسى يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان ، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىگەتەتۈر تاناسىپ يېڭى سىياسىي ۋەزىيەت ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشپىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا تۇنجى قېتىم بايقىغان ئۇران كانىنىقېزىش پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
ئىككىنچى جاﻫان ئۇرۇشى ﻫەلقىلغۇچ باسقۇچقا كىرىۋاتقان ،سوۋېت ئىتتىپاقى ستالىنگراد ئۇرۇشىدا ئەمدىلاغەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبەقازىنىش ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق بولمىغان، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىككىنچىئۇرۇش سېپىنى تېخى ئاچمىغان ئەﻫۋال ئاستىدا ستالىن ئۆزىنىڭ 12 يىللىق " بۇفېر زونى"( تەسىر دائىرىسىدىكى رايون) دىن ئايرىلىپ قېلىشنى، ئۆز دۆلەتمەۋجۇتلۇقى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يادرو قورالى پىلانىغا كېرەك بولغانبىردىن بىر ئۇران مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، بۇمەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارى ئۇنىڭ بىردىن بىر تاپقان ئۇران مەنبەسى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىپايان زېمىنلىرىدا تېخى ئۇران كانلىرى بايقالمىغانئىدى. ئۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك؟ ئۇران بولمىسا، ئاتوم بومبىسىنىقانداق ياسايدۇ؟ ئەگەر ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ياكى گېرمانىيە بۇقورالغا ئېرىشىۋالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى، ستالىننىڭ تەقدىرى نېمەبولۇپ كېتىدۇ؟ ئالتايدا تاپقان ئۇرانلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەس، بەلكىئامېرىكا ئوڭچىۋاشقا ئېرىشىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ستالىن كرېمىلسارىيىدىكى ئازادە ئىشخانىسىدا غاڭزىسىنى شوراپ، ئۇياقتىن -بۇياققائېغىر قەدەملىرىنى ئاستا تاشلاپ، مېڭىپ يۈرۈپ، پىكىر يۈرگۈزدى. ئۇنداقتاقانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن ئۈنۈملۈك يول، ئۇيغۇر قاتارلىقيەرلىك خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى قوللاپ، شېڭ شىسەينى ئورنىدىنقالدۇرۇشتىن ئىبارەت.
5. كرېمىلدىن چىققان سادا: شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك !
دېمەك ، 1943-يىلى شېڭ شىسەي موسكۋادىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى بىردىن-بىر مۇﻫىم تەسىر دائىرە ئاستىدىكىكولونىيىسىدىن ئايرىپ تاشلىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ﻫەر جەﻫەتتىنزەربە بولدى. ستالىن قاتارلىق سوۋېت رەﻫبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى ﻫەمدە بۇ يولدا ئاققۇزغان قانلىرىنى قۇربان قىلىشبەدىلىگە تىكلىگەن مەزكۇر "ئىشەنچىلىك قونچىقىدىن " دەككىسىنى يەپ، ئالدىن ئويلاپ باقمىغان ماددىي ۋە مەنىۋى زەربىلەرگە ئۇچرىدى. چۈنكى،1931-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇردىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاب يالقۇنلىرى نەتىجىسىدە 1933-يىلى، 12-نويابىركۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتى تەسىس قىلىندى. بۇۋاقىتتا پەقەت ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ﻫەممىسى قوزغىلاڭچىلارنىڭقولىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئەمما، 1933-يىلى، 4-ئاينىڭ 12-كۇنىدىكى سىياسىيئۆزگىرىشتە ئۆلكىنىڭ دۇبەنلىك ﻫوقۇقىنى قولغا ئالغان شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭقوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپقالغاندا، موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ﻫۆكۈمىتىنى ئەمەس بەلكىمىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللاش قارارى بويىچە "ئالتايسكىي" نامدىكى قىزىلئارمىيە قوشۇنلىرى چېگرىدىن كىرىپ، ماجوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدىﻫەمدە شېڭ شىسەي ﻫاكىمىيىتىنى مۇستەﻫكەملىدى.
ئەلۋەتتە، سوۋېتئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شېڭ شىسەينى قوللاشقارارىغا كېلىشىمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېترەﻫبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن مىلتارىستلارنى قوللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت بولغان(28). 3-ئىنتېرناتسىيونال قەتئىيتۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىلسوتسىيالىستىك ﻫاكىمىيەت بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش مەيدانىنىئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىيكومىتېتى ئاخىرقى ﻫېسابتا مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭﻫاكىمىيىتىنى مۇستەﻫكەملەش قارارىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.(29)
1934-يىلىدىنتارتىپ تاكى 1942-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شېڭ شىسەي سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ ﻫىمايىسى ﻫەمدە تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۆلكىنى ئۆز ئالدىغائىدارە قىلىپ، جۇڭخۇئا مىنگو مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ﻫۆكۈمرانلىقئورنىتىشى ۋە ﻫەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇشىنى چەكلىدى. شېڭ شىسەينى يۆلەپتۇرغۇزغان سوۋېت ئىتتىپاقى ﻫۆكۈمىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقاجەﻫەتلەردىن مەزكۇر ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە كونتروللۇقىئاستىدىكى نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەﻫرىمەن بولدىﻫەتتا 1940-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن تۈزگەن 50 يىللىق مەخپىي كونسېسسىيەكېلىشىمى ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك گېئولوگىيىلىكقىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە تاپقان ۋولفرام، نېفىت ﻫەمباشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭپاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىرىنى كۆرگەن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تامامەنتۈگەشتى دەپ ﻫېسابلاپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ مەركىزىيﻫۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. 1943-يىلى، 3-ئايغا كەلگەندە پۈتۈنلەينىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاشكارا ﻫالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگەكەلگەن ﻫەر كەسىپتىكى بارلىق خادىملارنى ﻫەتتا قۇمۇلدىكى 8-پولك نامدىكىقىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى، ئۈرۈمچى تۇدوڭخابادىكىئايروپىلان ياساش زاۋۇتىنى ﻫەم مايتاغدىكى نېفىتلىكنى تاقاشنى تەلەپقىلىپ، بۇنى ئىشقا ئاشۇردى (30). قىسقىسى، شېڭ شىسەي ستالىننىڭئاگاﻫلاندۇرۇشلىرى ﻫەتتا مولوتوۋنىڭ مۇئاۋىنى دېكانازوفنى ئەۋەتىپ، مەخسۇس شېڭ شىسەي بىلەن سۆﻫبەت ئۆتكۈزۇپ، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغاقارشىلىق ﻫەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاشكارا قوپال سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ ﻫەربىي -سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە قاتتىقزەربە بېرىشتىن يانمىدى . بۇ ۋاقىتتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيتەرىپىدىن ئۇچرىغان بۇ زەربىلەرنى ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىدىن چۈشىنىشمۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر يىللىرىداسوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇﻫىم ئەﻫمىيەتلىك ﻫېسابلىنىدىغان شىنجاڭدىنئالىدىغان نېفىت قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە باشقا يەرلىك مەﻫسۇلاتلار مەنبەسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى. يەنەبىرى، يەنى ئەڭ مۇﻫىم ئامىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1943-يىلىغا كەلگەندەئاتوم قورالى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىقمېتاللارنى قېزىش پىلانىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋېتىلىشىدىنئىبارەتتۇر. مەزكۇر ئىككى نۇقتا، بولۇپمۇ ئۇران قېزىپ، ئاتوم بومبىسىياساش ستالىنغا ئەڭ كېرەك بولۇپ، سوۋېت گېئولوگلىرى مەخپىي تۈردە ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن تاپقان ئۇران كېنىنى قېزىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغاتوسقۇنلۇق قىلىۋاتقان توسالغۇلارنى يوقىتىپ، قىممەتلىك يەر ئاستىبايلىقىنى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدىغان ﻫەتتا ئۇنىقوللايدىغان بىر سىياسىي ئاتموسفېرا ۋە ياكى سىياسىي گەۋدە مەۋجۇت بولۇپتۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى.
گەرچە، شېڭ شىسەي ۋە جاڭ كەيشى بىلەن بىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان قوپال چارىلارنى ئەمەلگەئاشۇرسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۆلكىدە ئەمدىلا كونسۇلخانىسىنى ئېچىپ، ئۆزپائالىيەتلىرىنى باشلىغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقاقاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۆلكىدە جىددىيۋەزىيەت شەكىللىنىشىنى ﻫەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا قارشىلىشىشنىڭ كۈچىيىپكېتىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقىبولسۇن ، ﻫەر ئىككىلىسىنىڭلا بىر-بىرىگە ﻫاجىتى بار بولۇپ، ئۇلار فاشىزىمغاقارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچىلارغا ئايلانغان. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكىياپونغا قارشى ئۇرۇشلىرىغا يېنىكلىك پەيدا قىلىشىنى ئارزۇ قىلسا، سوۋېتﻫۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ تېزراق ئىككىنچى فرونت ئېچىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغاچىقىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، بۇ ئارقىلىق سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر ئارمىيىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىن تېزرەك قوغلاپچىقىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا شېڭشىسەينىڭ تېزراق ﻫوقۇقتىن قېلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى ( 31).
مانامۇشۇنداق بىر قانچە خىل ئامىل ۋە ئېﻬتىياجدىن چىقىش قىلغان ستالىنئۆزىنىڭ قايتا-قايتا نەسىﻬەتىنى ئاڭلىمىغان ( 32) شېڭ شىسەينى ئورنىدىنيوقىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ﻫاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزىئۈچۈن پايدىلىق يېڭى سىياسىي ئاتموسفېرا يارىتىش قارارىغا كەلدى . ئاخىرىبۇ قارار 1943-يىلى 16-ماي كۈنى قوبۇل قىلىندى. شۇ كۈنى كرېمىل سارىيىداسوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بۇيورىسىمەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسى ﻫەققىدە يىغىن چاقىردى. يىغىنغا ستالىن، سوۋېتئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لاۋرېنتىن بېرىيا، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كوسىگىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسىمىخائىل سۇسلوۋ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجلىك رەﻫبەرلەر قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا تۆۋەندىكىدەك قارار قوبۇل قىلىندى؛
"شېڭ شىسەي يۈزسىز ۋە سەمىمىيەتسىز ئادەم ، گەرچە سوۋېت دۆلىتى كۆپ يىللاردىن بۇيانكۆپ ياردەملەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ ياردەملەرنى قەدىرلىمەيلاقالماستىن بەلكى، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانئىشلارنى قىلدى. بۇ سەۋەبتىن شېڭ شىسەينى ئۆلكە ﻫاكىمىيىتىدىنقالدۇرىدىغان زۆرۈر چارىلارنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭتېررىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر شۇنىڭدەك سوۋېت گراجدانلىقىدىكىيەرلىك مىللەت كىشىلىرىدىن "مىللى گۈللىنىش گۇرۇپپىسى" قۇرۇشنى باشلاش . بۇلاردىن باشقا يەنە قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا شىنجاڭئاﻫالىسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم بولغان تەشۋىقاتاچىلارنىﻫەم بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ كوماندىرلىرىنى تەييارلايدىغان بىر قانچەمەكتەپلەرنى قۇرۇش " (33).
بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىيكومىتېتى سىياسىي بيۇروسى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىقئىنقىلابى قوزغاش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانيۇقىرى دەرىجىلىك رەﻫبەرلەردىن بىر ئالاﻫىدە گۇرۇپپا قۇرغان ﻫەمدە كونكرېتئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1943-يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا سسسر خەلق ئىچكىئىشلار كومىسساراياتى بېرىيانىڭ رەﻫبەرلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىك، رازۋېتكائورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى ﻫەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياجۇمﻬۇرىيەتلىرىدىكى يەرلىك ئىچكى ئىشلار، چېگرا قوغداش ﻫەم رازۋېتكاباشلىقلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق شەﻫەرلەردىكى سوۋېت كونسۇللىرى ﻫەمدە كونسۇلخانىغائورۇنلاشتۇرۇلغان رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىغىنچاقىرىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ﻫەرىكەتنىڭ كونكرېتچارە-تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ( 34). يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە سسسرخەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىغا تەۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئارقا سەپنىقوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل قوشۇنلىرىنىڭ كوماندىرى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ئېگناروۋ ۋە ئۇنىڭ كەسىپدېشى، خەلق ئىچكى ئىشلار كوممىسسارىياتىنىڭ (ن كۋ د) 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت ئالېكساندىر لاڭفاڭيېتەكچىلىكىدە بىر ﻫەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. مەزكۇر ئىككى گېنېرالنىڭيېتەكچىلىكىدە "ئالاﻫىدە ﻫەركەت گۇرۇپپىسى" تەسىس قىلىندى شۇنىڭدەك پىلانبويىچە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ئىتتىپاقداشجۇمﻬۇرىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا كونكرېت ۋەزىپىلەر بېرىلدى (35) ۋە ئالمۇتا، تاشكەنت ۋە بىشكەك قاتارلىق شەﻫەرلەردە قوراللىق ﻫەرىكەتقىلىدىغانلار ئۈچۈن كۇرسى ئېچىلىپ، مەخسۇس ئادەملەر تەربىيىلەندى. شۇنىڭبىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەر، ئالتاي، غۇلجا، چۆچەكقاتارلىق شەﻫەرلەردە تۇرىدىغان كونسۇلخانىلىرىدىكى ئالاﻫىدە خادىملارغا قەيەردە ئىنقىلاپ قوزغىسا، مۇۋاپىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاشۋەزىپىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ﻫەر قايسى جايلاردىكى كونسۇلخاناخادىملىرى موسكۋاغا دوكلاتلار يوللاپ، سوۋېت رەﻫبەرلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىقﻫەرىكەتنى باشلايدىغان ئورۇننى بېكىتىشىدە مۇﻫىم رول ئوينىدى . مەسىلەن، ئالتايدىكى سوۋېت كونسۇلى مىخايلوۋنىڭ دوكلاتىدا " ئوسمان باشچىلىقىدىكىقازاقلارنىڭ گۇرۇپپىسى قولايلىق شارائىت ئاستىدا ئالتايدا قازاقلارنىڭ يېڭىقوزغىلىڭىنى تەييارلاش ۋە ئېلىپ بېرىشتا ﻫەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ" دەپكۆرسىتىلگەندىن سىرت يەنە "ئوسماننىڭ گۇرۇپپىسىدىن باشقا ئالتايدىكىمىللىي ئازادلىق كۈرەشنىڭ راۋاجلىنىشى جەريانىدىكى، ياخشى ۋەزىيەتشارائىتىدا ۋىلايەتنىڭ زور كوپ ساندىكى ئاﻫالىسى ئۇنىڭغا قاتنىشىشى مۇمكىن" (36) دەپ ﻫۆكۈم قىلىنغان.
قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلى شېستېرىكوۋبولسا، ئازادلىق ﻫەرىكىتىنىڭ مەركىزىنىڭ جەنۇپ بولسا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، دوكلات سۇنغان. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، گەرچەخەلقنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە قاتتىق ئۆچمەنلىكى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭئىچكى كۈچىگە تايىنىپ، ئاكتىپ مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتى ئېلىپ بارغىلىبولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى " بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەك بولغان ماددىيئىمكانىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقلىقى، ﻫەر قانداق بىر مىللىي ئازادلىقﻫەرىكىتىنى تەشكىللەش مۇمكىنچىلىكى ﻫەم مىللىي ئازادلىق كۈرەشنىبىرلەشتۈرىدىغان ۋە رەﻫبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك ، ئابرويلۇق شەخسنىڭيوقلىقى" نى شەرﻫىلىگەن (37). ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە، شىمالدىكى بارلىقسوۋېت كونسۇللىرى مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى باشلاشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنىكۆرسىتىشكەن. ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچەداۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكىتىنى باشلاش ﻫەمدە ئۇنىقوللاش ۋە ياردەم بېرىشى ئەنە شۇ 1943-يىلى 16-مايدىكى سىياسىي بۇيورىنىڭقارارىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىرەﻫبەرلىك قاتلىمى ئۆزلىرىنىڭ بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۆلكەئاﻫالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى جايلاشقان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي دېگۈدەكئۇيغۇرلار ئورۇنلاشقان تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، جۈملىدىن قەشقەرنى مەركەزقىلىشنى تاللىماي، ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن ۋە كۆپ مىللەتلىكﻫەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاﻫالىلارجايلاشقان، خېلى كۆپ ساندا رۇسلار ئولتۇراقلاشقان ئىلى، تارباغاتاينى، بولۇپمۇ ئىلىنى تاللىۋالدى. ئەمما، قەشقەر ،ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىقتەرەپلەردىكى كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى ۋە 1937-يىلىدىكىمىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، خوجانىياز ﻫاجىم، سابىت داموللا قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ﻫاياتىدىن ئايرىلىشى، مىڭلىغانبىگۇناﻫ ئادەملەرنىڭ تۈرمىلەرگە چۈشۈپ، خانىۋەيران بولغانلىقىنى ئۇنتۇپقالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئىشەنچ يوق ۋە ياكىكەمچىل ئىدى. بىراق، ئىلى تەرەپتە بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەسلىكخاﻫىشى ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالنى قوزغىلاڭمەركىزى قىلىپ بېكىتىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل شۇكى، غۇلجا ۋەچۆچەك ، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا شېڭ شىسەيگە قارشى يەر ئاستى ۋەقوراللىق پائالىيەتلەر ﻫەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشلەرئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك خادىملىرىبۇ رايوندىكى ئىچكى ۋەزىيەت، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ﻫەم باشقا ئەﻫۋاللارنىيېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. ئۇچ ۋىلايەت ﻫۆكۈمىتى ﻫەربىي ئىشلار بۆلۈمىدەكاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن سابىق كاپىتان ماخمۇت پارماشوپنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇنىئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا غۇلجا ياشلىرى 1943-يىلىنىڭ بېشىدىلا بىرقانچە يەر ئاستى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئابدۇللا زاكىروپ قاتارلىقلار بىلەن زىچ ئالاقىدابولغان(38). ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى " ئازادلىق تەشكىلاتى" دىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، غۇلجىنىڭئۇيغۇر، تاتار ياشلىرى ئارىسىدا دۈشمەنگە قارشى كەيپىياتلار كۈچىيىپكەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئازادلىق يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى. 1942-يىلىنىڭ ئاخىرى، 1943-يىلىنىڭ بېشىدا چۆچەكتىكى ئابلىمىت ﻫاجىيوپ، مەتنىياز قارىم قاتارلىق ئۇيغۇرلار شېڭ شىسەيگە قارشى پائالىيەتلەرنىباشلىغان(39). ئالتايدا بولسا، 1940-يىلىدىن تارتىپ قازاقلارنىڭ قوراللىقﻫەرىكەتلىرى داۋاملاشقان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلقكومىسسارىياتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە گېنېرال ۋلادىمىر ئېگناروۋ بىلەنگېنېرال ئالېكساندىر لاڭفاڭ باشچىلىقىدىكى ئالاﻫىدە " ﻫەرىكەت گۇرۇپپىسى" نىڭ خادىملىرى غۇلجا، قورغاس، چۆچەك ۋە باشقا جايلاردا پائالىيەتلىرىنىباشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سالاﻫىيىتىبىلەن يۈرگەن ﻫاكىم جاپپار يارۇللابېكوپ، رۇسلاردىن سوۋېت كونسۇلىداباشىن، مۇئاۋىن كونسول بورىسوۋ ( ئەسلى ئىسمى ئىگنات ستېپانكو)، 20-يىللاردا غۇلجىغا كېلىپ ماكانلاشقان ئاق گۋاردىيەچى رۇسلاردىن، كېيىنكىمىللىي ئارمىيە شىتاب باشلىقى، مازﻫاروۋ، كەڭ ساي تاش يول ئىدارىسىنىڭباشلىقى، كېيىنكى مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى فاتىي لېسكىن ﻫەمدە كېيىنكىئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى پاۋل ماسكالىيېۋ، مالىيە مىنىستىرىمەسلىﻬەتچىسى گرىبېنكىن، تۇڭگانلاردىن مەنسۇر لومىيېۋ قاتارلىق ئونلىغانرۇسلار، تاتارلار، ئۇيغۇرلار ، ئۆزبېك ۋە تۇڭگانلار ﻫەم باشقىلار مەزكۇر "ئالاﻫىدە ﻫەرىكەت گۇرۇپپىسى" نىڭ تاپشۇرۇقلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ باردى (40).
ئەنە شۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بۇيورىسىنىڭ قارارىغا بىنائەنئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى موڭغۇلىيە تەرەپنىئىشقا سېلىپ، ئوسمان بىلەن ﻫەمكارلىق ئورناتتى. ﻫەتتا، موڭغۇلىيە رەﻫبىرىچويبالسان 1943-يىلىنىڭ بېشىدا مەخپىي تۈردە ئالتايغا كېلىپ، ئوسمان ئىسلامبىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ياردەمبېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوسمان ئىسلام موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىنزور مىقداردا قورال-ياراق ياردەم ئالدى ﻫەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ﻫەمدەموڭغۇلىيە ۋەكىللىرى ئۇنىڭ ﻫەرىكەتلىرىگە ﻫەربىي-سىياسىي مەسلىﻬەتچىلىكقىلدى.( 41)
1944-يىلى 4-ئايدا غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا 12 كىشىدىن تەركىپ تېپىپ قۇرۇلغان " ئازادلىق تەشكىلاتى" مۇ ئەنە شۇ داباشىن، مۇئاۋىن كونسۇل بورىسوۋ ۋە ﻫاكىم جاپپار يارۇللابېكوۋنىڭ پائالىيەتلىرىبىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەلىخان تۆرە قاتارلىق ئازادلىق تەشكىلاتىئەزالىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارىسىدا بىر قانچە قېتىمسۆﻫبەت بولغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ، كېيىنكى ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمەت باشكاتىبى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىۋەكىللىرىگە ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭبۇرۇن خوجا نىياز ﻫاجىمنى ئالداپ، ئۇنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگەنلىكى، شېڭ دۇبەنگە ياردەملىشىپ، 1933-1937-يىلىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغانلىقىنىسۆزلىگىنىدە، سوۋېت ۋەكىللىرى " بىز بۇرۇن خاتا قىلغان، شېڭ شىسەينىڭماﻫىيىتىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ، شېڭ شىسەينى ۋەگومىنداڭنى يوقىتىشىڭلارغا ﻫەمدە قىزىل موڭغۇلىيىدەك بولۇشىڭلارغا ياردەمبېرىمىز، بۇ قېتىم سىلەر چوقۇم ئازاد بولۇسىلەر، قىزىل موڭغۇلىيىدەكبولۇسىلەر" (42) دەپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاكتىپ پائالىيەتباشلىغان ئىكەن. ئەنە شۇ كرېمىلدا ئېلىنغان قارار بويىچە، ئالمۇتائەتراپىدا مەخسۇس سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ بىلەن بىرگە تەربىيىلەنگەن فاتىخباتۇر قاتارلىق ئون نەچە كىشى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئوقىنىئاتتى(43).ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت تەرەپفاتىخ باتۇرغىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ۋەدە بەرگەن ئىكەن.
ئومۇمەن، سوۋېتئىتتىپاقى نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، غۇلجا شەﻫىرى، سۈيدۈڭ، كۈرەنىئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا ﻫەر خىل سەۋىيىدە قاتناشتى. 1944-يىلى ،12-نويابىردا شەرقىي تۈركىستان جۇمﻬۇرىيىت ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، بىر ﻫەپتىلەردىن كېيىن، قورغاستا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئالاﻫىدە ﻫەرىكەتگۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى گېنېرال ئېگناروۋ ۋە گېنېرال لاڭفاڭ غۇلجىغا يېتىپكېلىپ، بۇ ﻫۆكۈمەتنىڭ ﻫەربىي-سىياسىي مەسلىﻬەتچىلىكىنى تاپشۇرىۋالدى. ئۇلارنىڭ شەرتلىك نامى "2-دوم " بولۇپ، ئۇلار جۇمﻬۇرىيەتنىڭ كۈندىلىكﻫەربىي-سىياسىي، دۆلەت قۇرۇلۇش ﻫەم باشقا بارلىق ئىشلىرىغا مەسلىﻬەتچىلىكقىلدى(44). سابىق باش كاتىپ ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراﻫىمى " ئازادبولساقلا، دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتۇلساقلا مەيلى، دەپ بىز بۇ ئىماملارنىڭئاغزىغا قاراپ ئولتۇردۇق، چۈنكى، بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىلىرىگە بەكئىشىنىپ كەتكەن ئىكەنمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا بىزنى ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ يېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورۇشىنى نەدىن بىلەيلۇق؟" دەپﻫەسرەتلىك خىتاب قىلغان ئىدى.( 45)
سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇستالىننىڭ قاتنىشىشى بىلەن كرېمىلدا ئېلىنغان قارار بويىچە ئىنقىلابنىڭبىرىنچى كۈنىدىن تاكى 1949-يىلى 10-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ﻫۆكۈمىتى ئۆزبايرىقىنى بەش يۇلتۇزلۇق بايراققا ئالماشتۇرغانغا قەدەر بولغان ئالتە يىلئىچىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى ﻫەربىي-سىياسى ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەﻫەتلەردىن قوللاپ ﻫەم ياردەم بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ، مىللىي ئارمىيىگە كۆرسەتكەن ياردەملىرى غايەت زور بولۇپ، مىللىيئارمىيىنىڭ تەشكىللىنىشى، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، گومىنداڭنىيوقىتىشىدا مۇﻫىم ياردەم كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا 500 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر 2000 دىن ئارتۇق جەڭچى ئەۋەتىلىپ(46) ، مىللىي ئارمىيە سەپلىرىدە ئۇرۇشقاقاتناشتى ﻫەمدە ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىك ۋەزىپىلىرىنى، ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەشخىزمەتلىرىنى ئاتقۇردى.