Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شۈنجاڭ ېۇيغۇر تۈركلۈرۈ تارۈخ تورۈ ?新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイ? ,Uygur Türklere Tarih Websitesi ,الۆغوريە التاريخ الموقى
  • تۆمۈر خەلۈپە
  • 2012-08-03 04:08:56:يوللانغان ۋاقتۈ
  • كۆرۈشۈلۈشۈ1366 :قۈتۈم
  • تۆمۈر خەلۈپە 1891– يۈلۈ تۇرپاندا ېۈشلەمچۈ (كارۈز چاپقۇچۈ) ېاېۈلۈسۈدە تۇغۇلغان. ېۇنۈڭ دادۈسۈ ھەددۈدۈن ېاشقان ېالۋاڭ – ياساق دەستۈدۈن ېاېۈلۈسۈدۈكۈ تۆت جاننۈ باقالماي، 1893– يۈلۈ ياز پەسلۈدە قۇمۇلنۈڭ قوراي يېزۈسۈغا كۆچۈپ بېرۈپ يەرلۈشۈدۇ. بۈراق قوراي يېزۈسۈ قۇمۇل ۋاڭۈغا قاراشلۈق بولغانلۈقۈ ېۈچۈن، بۇ يەردۈكۈ ېالۋاڭ – ياساق تېخۈمۇ ېېغۈر ېۈدۈ. شۇڭا، بۇ يەردۈمۇ كۈن ېۆتكۈزۈش تەس بولۇپ، 1905– يۈلۈ ېەمدۈلا 14 ياشقا كۈرگەن تۆمۈرنۈ ېېلۈپ ېۈرۈمچۈگە كېلۈدۇ – دە ، ياز كۈنلۈرۈ نەنمېن سۈرتۈدا كېسەك قۇيۈدۇ، قۈش كۈنلۈرۈ باداۋاندۈكۈ كانلاردا ياللۈنۈپ كۆمۈر قازۈدۇ. لېكۈن ېۈرۈمچۈدۈمۇ جان بېقۈش قېيۈن بولۇپ، ېاخۈرۈ قۇمۇلغا قايتۈپ بۈرۈپ، قۇمۇل بازۈرۈغا ېورۇنلۈشۈدۇ ۋە تۆمۈرنۈ ياغاچچۈلۈققا شاگۈرتلۈققا بۈرۈدۇ. زۈرەك ۋە ېەقۈللۈق تۆمۈر ېۇزاق ېۆتمەي ياغاچچۈلۈقنۈ ېوبدان ېۈگۈنۈۋالۈدۇ. ېۇنۈڭ دۇكۈنۈ بازاردا بولغانلۈقۈ ېۈچۈن، ھۆكۈمەت، ۋاڭ ېۈستۈدۈكۈ شۈكايەتلەرنۈ كۆپ ېاڭلاپ، ېۈزۈلگۈچۈ خەلقلەر بۈلەن ېەزگۈچۈ سۈنۈپ ېوتتۇرۈسۈدۈكۈ ېاساسۈ زۈدۈيەتنۈ چۈشۈنۈۋالۈدۇ.

    1907– يۈلۈ قۇمۇل دېھقانلۈرۈ رەجەپ ېاكا باشچۈلۈقۈدا قوزغۈلاڭ كۆتۈرگەن بولسۈمۇ، بۈراق قۇمۇل ۋاڭ تەرۈپۈدۈن پاجۈېەلۈك باستۇرۈلۈدۇ. بۇ ېۈش تۆمۈرنۈ سەگەكلەشتۈرۈدۇ. شۇڭا، ېۇ ھەرقېتۈم ۋاڭ ېوردۈسۈدۈكۈلەرنۈڭ ېادەم ېۇرغان ۋە ېادەم ېۆلتۈرگەن زوراۋانلۈقلۈرۈنۈ ېاڭلۈغاندا قاتتۈق غەزەپلۈنۈپ: «رەجەپ ېاكا ھايات بولغان بولسا، دېھقانلار ېۈچۈن چوقۇم ېۈنتۈقام ېالغان بولاتتۈ»دەيدۇ.

    بۈر كۈنۈ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ېوردۈسۈدۈكۈلەر تەرۈپۈدۈن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ېۇرۇپ، چالا ېۆلۈك قۈلۈپ قويۇلغان بۈر دېھقاننۈ ېۇستۈسۈنۈڭ ېۆيۈگە ېېلۈپ بېرۈپ داۋالاپ ساقايتۈدۇ، ېۇنۈڭ بۇ ياخشۈ خۈسلۈتۈ پۈتۈن قۇمۇل يېزۈلۈرۈغا تارقۈلۈدۇ. دېھقانلار «بۇ قالتۈس باتۇر بالۈكەن – ھە، بۇ ۋاقۈتقۈچۈمۇ ۋاڭ جازالۈغان كۈشۈنۈ قۇمۇلدا ھېچ كۈشۈ قۇتۇلدۇرالۈغان ېەمەس.........» دېيۈشۈپ، تۆمۈر ھەققۈدە تەرۈپلەر قۈلۈشۈدۇ.

    دېھقاننۈڭ يارۈلۈرۈ ساقۈيۈپ ېاېۈلۈسۈگە قايتۈش ۋاقتۈدا ېۇنۈ ېۇزۈتۈپ ماڭغان تۆمۈر: «سۈز ېوبدان ساقۈيۈڭ، بۈزمۇ رەجەپ ېاكۈدەك ۋاڭ ېوردۈسۈنۈ تاقۈۋۈتۈمۈز، خۇدا نۇسرەت ېاتا قۈلسا، ۋاڭنۈ قۇمۇلدۈن قوغلۈۋۈتۈمۈز......» دەيدۇ. تۆمۈرنۈڭ بۇ سۆزلۈرۈدۈن دېھقانلار ۋە ېۇنۈڭ ېۇستۈسۈ ناھايۈتۈ رازۈ بولۈدۇ. تۆمۈرنۈڭ قولۈدۈن ېۈش كېلۈدۈغانلۈقۈ (ۋەقە تۈرۈيدۈغانلۈقۈ)نۈ ېويلاپ، شۇ كۈنۈدۈن باشلاپ ېۇنۈ ېاسرايدۇ. شۇنداقتۈمۇ تۆمۈرنۈڭ ھېلۈقۈ دېھقاننۈ قۇتۇلدۇرغانلۈقۈ توغرۈسۈدۈكۈ خەۋەر ېوردۈغا ېاڭلۈنۈدۇ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپۈنۈ تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.

    1910– يۈلۈ، تۆمۈر خەلۈپە ېۈككۈنجۈ قېتۈم ېۆزۈ يالغۇز ېۈرۈمچۈگە كېلۈدۇ، بۇ چاغدا ېۇنۈڭ ېاتا – ېانۈسۈ ېۆلۈپ كەتكەنۈدۈ. مۇشۇ مەزگۈللەردە شۈنجاڭنۈڭ سەييارە سۈلاۋچۈسۈ ليەنكۈي ېورنۈنۈ يۈەن داخۇاغا ېۆتكۈزۈپ بەرگەنۈدۈ. يۈەن داخۇا شۈنخەي ېۈنقۈلابۈنۈڭ ېوت يالقۇنۈنۈڭ پۈتۈن شۈنجاڭغا تۇتۈشۈپ كېتۈشنۈ توسۇش ېۈچۈن، ېۈچكۈرۈسۈدۈن ياڭزېنشۈننۈ چاقۈرتۈپ كېلۈپ ېۇنۈڭغا خۇيزۇلاردۈن چۈرۈك تۇتۇپ بەش باتالۈيون تەشكۈللەشكە بۇيرۇيدۇ.

    بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزۈيەتكە ېۈنتايۈن دۈققەت قۈلۈدۇ، ېۈچكۈرۈدۈكۈ ېۈنقۈلاۋۈ پارتۈيە ېەھۋالۈنۈ، جۇمھۇرۈيەت ېورنۈتۈلۈدۈغانلۈقۈنۈ ېاڭلايدۇ. ېۇ ېېپۈ كەلسە ھەرۈكەت قۈلۈش ېۈچۈن قۇمۇلغا قايتۈدۇ. تۆمۈر خەلپە ېۈرۈمچۈدە كۆرگەن ۋە ېاڭلۈغانلۈرۈنۈ ېۇستۈسۈغا بۈر – بۈرلەپ سۆزلەپ بېرۈدۇ ۋە ېاخۈرقۈ ھېسابتا ېۆلۈپ كەتسۈمۇ رەجەپ ېاكۈسۈنۈڭ ېۈنتۈقامۈنۈ ېالماي قويمايدۈغانلۈقۈۈ توغرۈسۈدا قەسەم ېۈچۈدۇ. ېۇ شۇنۈڭدۈن باشلاپ ېۈنقۈلاپ يولۈدا ېۈزدۈنۈدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە ېۈلۈدۈكۈ شۈنخەي ېۈنقۈلابۈنۈڭ غەلبە قۈلۈپ ېۈرۈمچۈگە قاراپ يۈرۈش قۈلغانلۈقۈ توغرۈسۈدا ېېنۈق خەۋەر ېاڭلۈغاندۈن كېيۈن، قۇمۇل دېھقانلۈرۈغا ېۈچكۈرۈ ېۆلكە ۋە ېۈلۈ ېۈنقۈلاۋۈنۈ تەشۋۈق قۈلۈدۇ ۋە ېاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنۈڭ كۈنۈ ېاز قالدۈ» دەيدۇ. تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلۈقۈ دېھقان ھەممۈلا يەردە تۆمۈر خەلپۈنۈ تەرۈپلەپ تەشۋۈقات ېېلۈپ بارۈدۇ، جۈملۈدۈن ېۇنۈڭ خەلق ېۈچۈدۈكۈ ېابرويۈ ېۆسۈدۇ قۇمۇل دېھقانلۈرۈ زور ېۈمۈت بۈلەن ۋاڭنۈڭ ېاغدۇرۈلۈشۈنۈ كۈتمەكتە ېۈدۈ.

    1912– يۈلۈ 1– ېايدا، يۈەن داخۇا ېۆلكە مەركۈزۈگە قاراپ كېتۈۋاتقان ېۈلۈ خەلق قوشۇنۈنۈ توسۇش مەقسۈتۈدە، قۇمۇل ۋاڭۈغا 500 ېەسكەر ېەۋەتۈش مەقسۈتۈدە بۇيرۇق بېرۈدۇ. قۇمۇل ۋاڭۈ خەلققە ېۆزۈنۈ كۆرسۈتۈش مەخسۈتۈدە: «يۈەن داخۇا ماڭا ېۈشۈنۈدۇ، مېنۈڭ ۋاڭلۈقۈم مەڭگۈ ساقلۈنۈدۇ، كۈمكۈ ۋاڭ ېاغدۇرۈلۈدۇ دەيدۈكەن، كاللۈسۈ ېېلۈنۈدۇ!» دەپ خەلققە تەھدۈت سالۈدۇ ھەمدە ېۆزۈ ېۈچۈن تەھدۈت دەپ ھېساپلۈغان ېادەملەرنۈ ېەسكەرلۈككە ېالۈدۇ، تۆمۈر خەلپە ېۆزلۈكۈدۈن ېەسكەر بولۈدۇ.

    يېڭۈدۈن ېەسكەرلۈككە ېېلۈنغان 500 كۈشۈ قۇمۇلدۈن يولغا چۈقۈدۇ. تۆمۈر خەلپە يول بويۈ قوزغۈلاڭ قۈلۈش توغرۈسۈدا تەشۋۈقات ېېلۈپ بارۈدۇ ۋە ېۆزلۈرۈنۈ ېېلۈپ ماڭغان خەنزۇ باشلۈقنۈ پالتا بۈلەن چېپۈپ ېۆلتۈرۈدۇ. 500 ېەسكەر تۆمۈر خەلپۈنۈ قولدۈن قولغا ېېلۈپ كۆتۈرۈدۇ ۋە ېۇنۈ سەردار قۈلۈپ بەلگۈلەيدۇ. بۇ قوشۇن كەينۈگە قايتۈپ، چاقماق تۈزلۈكۈدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كۈرۈدۇ، دېھقانلار ېۇلارغا كېلۈپ قوشۇلۈدۇ. شۇنۈڭ بۈلەن ېۈنقۈلاپ باشلۈنۈدۇ. شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بۈلەن شەھەر ېامبۈلۈ بەي ۋېنچاۋ يۈەن داخۇادۈن ياردەم سورايدۇ ......

    1912– يۈلۈ 3– ېاينۈڭ 11– كۈنۈ، چۈڭ سۇلالۈسۈنۈڭ ېاخۈرقۈ خانۈ شۇەنتۇڭ ېۆزۈنۈڭ تەخۈتتۈن چۈشكەنلۈكۈ توغرۈسۈدا پۈتۈن مەملۈكەتكە جاكارلايدۇ. 3– ېاينۈڭ 27– كۈنۈ، يۈەن داخۇامۇ شۈنجاڭنۈڭ سەييارە سۈلاۋچۈسۈلۈقۈدۈن ېۈستېپا بېرۈدۇ. ېۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېڭشۈننۈ شۈنجاڭغا تۇتۇق قۈلۈپ تەيۈنلەيدۇ. تۆمۈر خەلۈپە باشچۈلۈقۈدۈكۈ قوزغۈلاڭچۈلار بۇ خەۋەردۈن ھەقۈقەتەن خوشاللۈنۈدۇ، جۈملۈدۈن «شاھ مەھسۇت ېوردۈدۈن چۈقۈپ كەتسۇن! دېھقانلار ېۈستۈدۈكۈ ېالۋاڭ – ياساقلار بۈكار قۈلۈنسۇن!» دېگەن خۈتابلار بۈلەن شاھ مەھسۇتنۈ قۈستايدۇ.

    ياڭ زېڭشۈن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربۈي قوشۇن باشلۈقۈ يې شۈڭفۇغا قۇمۇل قوزغۈلاڭچۈلۈرۈنۈ باستۇرۇش توغرۈسۈدا بۇيرۇق بېرۈدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە بار كۆلدۈكۈ ھەربۈي قوشۇننۈڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قۈلغانلۈقۈنۈ ېاڭلاپ، دۈشمەنگە تاقابۈل تۇرۈدۇ. يې شۈڭفۇ قوشۇننۈ باشلاپ نەنسەن ېېغۈزۈغا كەلگەندە ېوق تېگۈپ ېۆلۈدۇ، قۈسۈملۈرۈ تەسلۈم بولۈدۇ، نۇرغۇن قورال غەنۈمەت ېېلۈنۈدۇ ۋە قوزغۈلاڭچۈلار سانۈ 2000 دۈن ېاشۈدۇ.

    1912– يۈلۈ 6– ېاينۈڭ 5– كۈنۈ، يۈەن داخۇا ېۈچكۈرۈگە قايتماقچۈ بولغۈنۈدا، ياڭ زېڭشۈن ېۇنۈڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بۈرلۈشۈپ قوزغۈلاڭنۈ باستۇرۇش بۇيرۇقۈ بېرۈدۇ.

    يۈەن داخۇا بۈلەن چيەن گۇاڭخەي بۈرلۈشۈپ قوزغۈلاڭچۈلارغا ھۇجۇم قۈلۈدۇ. تۆمۈر خەلۈپە بۇ ېۇرۇشتۈمۇ كۆپلۈگەن قورال غەنۈمەت ېالۈدۇ (يۈەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6– ېاينۈڭ 15– كۈنۈ يېڭۈلۈپ، ېۈچكۈرۈگە كېتۈدۇ).

    جۈددۈ ېۇرۇش ھازۈرلۈقۈدا تۇرغان ياڭ زېڭشۈن بۇنۈڭدۈن خەۋەر تاپقاندۈن كېيۈن، پۈلانۈنۈ ېۆزگەرتۈپ ھۈيلە – مۈكۈر پۈلانلايدۇ. ېۇ ېوردۈدۈكۈ ېۇيغۇر تۈلۈنۈ بۈلۈدۈغان ھاكۈمدۈن تۆۋەنرەك ېەمەلدار جاڭ سەيتۈڭنۈ تۆمۈر خەلپە بۈلەن سۆھبەت قۈلۈشقا ېەۋەتۈدۇ. ېون كۈن ېېلۈپ بېرۈلغان سۆھبەت نەتۈجۈسۈز بولۇپ، جاڭ سەيتۈڭ قايتۈدۇ.

    ياڭ زېڭشۈن كۆپ ېويلۈنۈش ېارقۈلۈق، تۆمۈر خەلۈپۈنۈڭ ېەڭ يېقۈنلۈرۈدۈن بولغان مۇھەممەتجان ھاپۈز دېگەن كۈشۈدۈن تۆمۈر خەلۈپۈگە خەت ېەۋەتۈدۇ. بۇ خەتتە مۇنداق دېيۈلگەنۈدۈ: «مەن سۈزنۈڭ ېۈسيان كۆتۈرۈشۈڭۈزنۈڭ قۇمۇل ۋاڭۈغا قارشۈ تۇرۇش ېۈكەنلۈكۈنۈ، ھۆكۈمەت بۈلەن قارشۈلاشماقچۈ ېەمەسلۈكۈڭۈزنۈ ېوبدان چۈشۈنۈمەن، سۈلەرنۈڭ ھەركۈتۈڭلارغا نۈسبەتەن مېنۈڭ باشتۈن – ېاخۈر زۈيانكەشلۈك قۈلۈش نۈيۈتۈم يوق ....» دېيۈلگەن.

    دەل شۇ كۈنۈ ياڭ زېڭشۈن قۇمۇل ېامبۈلۈ بەي ۋۈنچاۋغا يازغان بۈر پارچە مەخپۈي خېتۈدە: «تەكشۈرۈشلەرگە قارۈغاندا، تۆمۈر قارا نۈيەت ېادەم ېۈكەن، ېاسۈيلۈق قۈلۈش ېۈچۈن ېۆزلۈكسۈز شۇغۇللۈنۈۋاتۈدۇ ... پېقۈر تۇتۇق كەلگۈسۈدۈكۈ بالايۈ ېاپەتنۈڭ ېالدۈنۈ ېېلۈش ېۈچۈن ېۇنۈ قەتېۈت باستۇرۇش نۈيۈتۈگە كەلدۈم ....» (ياڭ زېڭشۈن: «ېۈستۈغبار ھۇجرۈسۈدا يېزۈلغان خاتۈرۈلەر» 2– توپلام)

    تۆمۈر خەلۈپە مۇھەممەتجان ھاپۈزدۈن: «سۈز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ېۈشۈنەمسۈز؟ ياڭ تۇتۇقنۈڭ ماڭا زۈيانكەشلۈك قۈلۈش نۈيۈتۈ بولمۈسا، نېمە ېۈچۈن كۆپ قېتۈم ېەسكەر ېەۋەتۈپ بۈزنۈ يوقۈتۈشقا ېۇرۇنۈدۇ؟ ياڭ تۇتۇق مۈنگونۈڭ تۇتۇقۈ تۇرۇپ، نېمە ېۈچۈن چۈڭ سۇلالۈسۈ خانلۈقۈ قۇمۇل ۋاڭۈغا بەلگۈلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمۈنۈ ېەمەلدۈن قالدۇرمايدۇ ؟...» قاتارلۈق 10 نەچچە سۇېال قويۈدۇ. مۇھەممەتجان ھاپۈز جاۋاپ بېرەلمەي قايتۈدۇ.

    بۇ ھۈيلۈسۈنۈ ېەمەلگە ېاشۇرالمۈغان ياڭ زېڭشۈن خۇيزۇ باتالۈيونۈنۈڭ كوماندۈرۈ لۈ شۇفۇ، ېۈچكۈ ېۈشلار كابېنتۈنۈڭ باشلۈقۈ ۋاڭ جايۈ گەنسۇ – شۈنجاڭ تەپتۈش خادۈمۈ يۈەن ساڭ قاتارلۈقلارنۈ 1913– يۈلۈ 3– ېايدا سۆھبەتكە ېەۋەتۈدۇ.

    لۈ شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ، دۈنۈ بۈلۈمنۈ ېۈشقا سېلۈپ، ېۈسلام مۆتۈۋەرلۈرۈ قۈياپۈتۈگە كۈرۈۋۈلۈپ، تۆمۈر خەلۈپە تۇرغان ېۆيگە كۈرۈش بۈلەن تەكبۈر ېېيتۈپ، قۇرېان كەرۈم ۋە پەيغەمبەر ېەلەيھۈسسالامنۈڭ ھەدۈسلۈرۈنۈڭ مەنۈسۈنۈ يېشۈپ، نەقۈل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭ زېڭشۈن ېەۋەتكەن ېالاقۈنۈ ېوقۇيدۇ. ياڭ زېڭشۈننۈڭ خېتۈدە مۇنداق دېيۈلگەنۈدۈ: «بۈرۈنجۈ، قۇمۇل ۋاڭنۈڭ دېھقانلارنۈڭ ېۈستۈگە قويغان ھەرېايدۈكۈ يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمۈ ېۈككۈ كۈنگە قۈسقارتۈلۈدۇ. ېۈككۈنجۈ، قوزغۈلاڭچۈلار قوشۇنۈ ھۆكۈمەتنۈڭ ېاتلۈق باتالۈيونۈغا ېۆزگەرتۈلۈپ، تۆمۈر باتالۈيون كوماندۈرۈلۈق ۋەزۈپۈسۈنۈ ېۆتەيدۇ ۋە ېۆلكە مەركۈزۈگە بېرۈپ ېورۇنلۈشۈدۇ. ېۈچۈنچۈ، قوشۇندۈن قايتۈپ دېھقانچۈلۈق قۈلۈشنۈ خالايدۈغان قوزغۈلاڭچۈلارنۈڭ ھەممۈسۈ ېەسلۈ يۇرتۈغا بېرۈپ دېھقانچۈلۈق قۈلۈشقا ېورۇنلاشتۇرۈلۈدۇ ....» لۈ شۇفۇ بۇ خەتنۈ ېوقۇپ بولغاندۈن كېيۈن، بۈر ېايەت ېوقۇپ دۇېاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبۈر باشلايدۇ. ېۈسلام دۈنۈ قاېۈدۈسۈ بويۈچە تۆمۈر خەلۈپە تەكبۈرگە قوشۇلۇش ۋە دۇېاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولۈدۇ.

    بۇنۈڭ بۈلەن تۆمۈر خەلپە ياڭ زېڭشۈن قويغان يۇقۈرۈقۈ ېۈچ شەرتنۈ شەرتسۈز قوبۇل قۈلغان بولۇپ قالۈدۇ.

    بۇ پۇرسەتتۈن پايدۈلانغان ياڭ زېڭشۈن ناھايۈتۈ ېۇستۈلۈق بۈلەن قۇۋلۇق – شۇملۇق ېۈشلۈتۈپ، قۇمۇلدۈكۈ ھەرقايسۈ تەبۈقۈدۈكۈ زاتلار ۋە خەلقلەرنۈ ېارقا – ېارقۈدۈن تاغقا چۈقۈرۈپ تۆمۈر خەلپۈنۈ تەبرۈكلەيدۇ ۋە قاېۈدە بويۈچە «خەلۈپە» دەپ ېاتايدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە قۈسۈمنۈ باشلاپ ېۈرۈمچۈگە كېلۈدۇ بۇ پاجۈېەنۈڭ باشلۈنۈشۈ ېۈدۈ. ېۇ چاغدا ېۈرۈمچۈنۈڭ شەرقۈي كۈچۈك دەرۋازۈسۈ سۈرتۈدا بۈر – بۈرۈگە تۇتۈشۈپ تۇرۈدۈغان ېېگۈز گازارما بار ېۈدۈ. بۈرۈ، شەرقۈي گازارما بولۇپ، شور بۇلاققا، يەنە بۈرۈ غەربۈي گازارما بولۇپ، دۇڭمۈنغا يېقۈن ېۈدۈ.

    تۆمۈر خەلۈپە قۈسۈمۈنۈ شەرقۈي گازارمۈغا ېورۇنلاشتۇرۈدۇ. غەربۈي گازارمۈغا ياڭ زېڭشۈن ېۆزۈنۈڭ سادۈق ېادۈمۈ بولغان ما فۇشۈڭ (ماتۈتەي) باتالۈيونۈنۈ ېورۇنلاشتۇرۈدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە ېۈرۈمچۈگە كەلگەندۈن كېيۈن، ياڭ زېڭشۈن ېەندۈشە قۈلۈپ بۈېارام بولۈدۇ. شۇنۈڭ بۈلەن ېۈمكانۈيەتنۈڭ بارۈچە ېۇنۈ ېۇجۇقتۇرۇش غەرۈزۈدە تۆمۈر خەلۈپۈنۈڭ تۇڭچۈسۈنۈ سېتۈۋېلۈپ، تۆمۈر خەلۈپۈنۈ نازارەت قۈلسا، يەنە بۈر تەرەپتۈن، مافۇشۈڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرۈسۈدا بۇيرۇق بېرۈدۇ. مافۇشۈڭ 1913– يۈلۈ 9– ېاينۈڭ 6– كۈنۈ روزۈ ھېيتنۈ تەبرۈكلەشكە تەييارلۈق كۆرۈش باھانۈسۈ بۈلەن تۆمۈر خەلۈپۈنۈ غەربۈي گازارمۈغا ېالداپ ېېلۈپ كېلۈدۇ ۋە قولغا ېالۈدۇ. تۆمۈر خەلۈپۈنۈڭ قوشۇنۈنۈ ېۆز گازارمۈسۈدا قورالسۈزلاندۇرۈدۇ. ېۇنۈ تۈرمۈدە قېيۈن – قۈستاققا ېالۈدۇ. خاېۈن ېۈلگۈرۈكۈ سۆھبەتلۈرۈنۈ پاش قۈلۈدۇ ياڭ زېڭشۈن قاقاقلاپ كۈلگۈنۈچە تۆمۈر خەلۈپۈگە: «گۇناھ مەندە ېەمەس، مانا بۇ ېۆز ېادۈمۈڭۈز، مەن سۈزنۈڭ باتۇرلۇقۈڭۈز ۋە ېەقۈل – پاراسۈتۈڭۈزگە ېۈشۈنۈمەن. سۈزگە كەلگەن ېۆلۈمنۈ تەڭرۈ ېالدۈدۈمۇ مەندۈن كۆرمۈگەيسۈز ېۆلۈم ېالدۈدا مەن سۈزنۈڭ قاتۈلۈڭۈزنۈ ېۆلتۈرۈپ، سۈز ېۈچۈن ېۈنتۈقام ېېلۈپ بۈرۈمەن» دەيدۇ – دە، خاېۈن تۇڭچۈنۈ ېۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈدۇ.

    خاېۈن نالە – پەريات قۈلغاندا، «ېۆز مۈللۈتۈگە ۋاپا كەلمۈگەن سەن ېۈتتۈن ماڭا ۋاپا كېلەتتۈمۇ ؟...» دەيدۇ ياڭ زېڭشۈن ېۇنۈڭغا.

    مافۇشۈڭ تۆمۈر خەلۈپۈنۈ ېېتۈپ ېۆلتۈرۈدۇ. ېەتۈسۈ ېوردۈغا تەكلۈپ قۈلۈنغان ېوردا ېەمەلدارلۈرۈ ۋە جاماېەت ېەربابلۈرۈ تۆمۈر خەلۈپۈگە ھەربۈي تۈزۈم بويۈچە ېۆلۈم جازاسۈ بېرۈلگەنلۈكۈنۈ ېېلان قۈلۈدۇ. پېشقەدەم يۈڭجاڭ روزۈ ھاجۈ ياڭ زېڭشۈنغا قاتتۈق نارازۈلۈق بۈلدۈرۈدۇ. ياڭ زېڭشۈن بۇ ېۈشنۈ مافۇشۈڭغا دۆڭگەپ قويۈدۇ.

    خەلق ېاممۈسۈ داغدۇغۈلۈق ماتەم مۇراسۈمۈ ېۆتكۈزۈپ، تۆمۈر خەلۈپۈنۈڭ جەسۈتۈنۈ خاڭچۈڭدۈكۈ قەبرۈستانلۈقنۈڭ ھازۈرقۈ خاڭچۈڭ مەسچۈتۈدۈن 50 قەدەملەر ېۈچكۈرۈدۈكۈ بۈر جايغا دەپنە قۈلۈدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە ۋاپاتۈدۈن كېيۈن، ېۇنۈڭ قولۈدۈكۈ 300 نەپەر جەڭچۈنۈ قورالسۈزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ېاپۈرۈپ قويۈمۈز، دېگەن باھانە بۈلەن ېېلۈپ مېڭۈپ گۇچۇڭدۈكۈ چۋەنزۈگەي دېگەن يەردۈن ېۆتكەندە، ېالدۈن تەييارلاپ قويغان قۈسۈملۈرۈ ېارقۈلۈق قۈرغۈن قۈلۈپ تۈگۈتۈدۇ.

    تۆمۈر خەلۈپە ېۆلتۈرۈلۈپ 18 يۈل ېۆتكەندۈن كېيۈن، خوجۈنۈياز ھاجۈ باشچۈلۈقۈدۈكۈ قۇمۇل دېھقانلار قوزغۈلۈڭۈ پارتۈلايدۇ، قوزغۈلاڭ يالقۇنۈ تېزلا پۈتۈن شۈنجاڭنۈ قاپلايدۇ.

    ******************************************

    تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقى بوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە «تار بوغاز» دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقا يېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇيېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 كۈلۇمېتۈر كېلىدۇ.

    1870 – يىلى ياقۇپبەگ كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىق ھالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پانالىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سۈۋۈر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۈۋۈر دېگەن كىشى يۇقۇرۈ ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭ چوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2– قىزى رابىخاننى يۇقۇرى ئاقيەردىكى ئورۇق سۈۋۈرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ. يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇغ ئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ – جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقۇرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.

    سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر «يۈسۈپ تۇڭگان» دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15– 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر – ئايال تەڭلا قازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنى چوڭ گۇنا ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاشچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇ تاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى – سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇ بوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن.

    تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقا كىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىك قىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۈۋۈر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپ قورايغا كۆچۈپ كەتكەن.

    تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈي باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇن تەييارلاپ ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1– تۈركۈمدىكى ئەسكەركلەر بەششار ۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2– تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەننىدى. بۇ ئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ يولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلازقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغان بۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.

    تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇ ھەربىنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قالىدۇ. «تۇترۇقسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت» دېگەندەك، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچى لومەنچىڭدىكى 3– ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913– يىلى 9– ئاينىڭ 5– كۈنى قولغا ئېلىنىپ كەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى (نەنمىن)غا ئېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەر دەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامان قالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدا قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭ پىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر «قاراقچىلاردىن مۇداپىيىلىنىش» دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشاغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇ چېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

    شامەخسۇت ۋاڭ: تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك، دەپ جار سالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 – 8 يىل تەربىيىلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈم قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق – يۈلۈك بېرىپ قاچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىت جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پانالانغاچ دىنىي بىلىم ئالىدۇ. ئۇ شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980 – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار.

    بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر «ساي پارچا» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تېرىلغۇ تەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنى كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا «تۆمۈر خەلىپە» نامى بىلەن ئاتىشىپ كەلمەكتە.

    قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي – تۆكۈن، نەغمە – ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرەرلاپ كەلمەكتە. مەسىلەن:

    *

    قوراي يولى ھەيۋەتلىك،

    ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك.

    مۇرادىغا يەتمىگەن،

    تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك.

    *

    جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ،

    ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،

    تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،

    چەندارىن دېگەن چوقۇر

    *

    تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.

    مەنبە: «شۈنجاڭ يېقۈنقۈ زامان تارۈخۈدۈكۈ مەشھۇر شەخۈسلەر» ناملۈق كۈتاب.

    مەنبە: «شۈنجاڭ تەزكۈرسۈ» ژورنۈلۈنۈڭ 1999 – يۈللۈق 4 – سانۈدۈن، ېاپتورۈ: ېوسمان تۆمۈر

  • كۈيۈنكۈسۈ : موللا بۈلال نازۈمۈ
  • ېالدۈنقۈسۈ : مەھمۇد قەشقۈرۈ
  •  

        ېۈسمۈڭۈز      :     ېېلخەت      :  
    • ېۈنكاس مەزمۇنۈ:
    • جەمېۈ ېۇچۇر:1
    • 1/1
    • باش بەت
    • ېالدۈنقۈ بەت
    • 1
    • كۈيۈنكۈ بەت
    • ېاخۈرقۈ بەت

     

    ېەجداد تارۈخ تورۈ بۈلەن ھەمكارلۈق ېورناتقان بۈكەتلەر

    بۈكەتنۈڭ بارلۈق ھوقۇقۈ ?a href="">ېەجداد تارۈخ تورۈ?غا مەنسۇپ،قالايمۈقان كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ! كۆچۈرۈشتۈن كۈلۈپ چۈققان ېاقۈۋەتكە ېۆزۈ مەسېۇل بولۈدۇ.

    TEL:-----QQ:669219764-----E-mail:yarkn@126-----备案?新ICP备11003746号-1