باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-21
ئاۋاتلىقى: 826 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
باكتېرىيىگە قارشى دورىلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
ئامپىتسىللىن، ئېرىترومىتسىن، خلورومىتسېتىن، تېتراتسىكىلىن،نىتروفۇرانتوئىن (呋喃妥因)، قاتارلىق دورىلار ئىچىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئورگانىزم ئانىلىق ھورموننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، %60 ى گىلۇكورونىڭ كىسلاتاسى (葡萄糖醛酸) نىڭ بىرىكمە ماددىسىغا ئايلىنىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە ئۈچەيدىن ئۆتكەندە، باكتېرىيە گلۇكورونىڭ كىسلاتاسىنىڭ بىرىكمە ماددىسىنى پارچىلايدۇ-دە، قىسمەن ئانىلىق ھورمون ئاجىرىلىپ چىقىپ، ئورگانىزم تەرىپىدىن قايتا قوبۇل قىلىنىدۇ. بىراق يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ئۈچەيدىكى نورمال باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشى تورمۇزلىنىپ، ھىدرولازا (水解酶) نىڭ ئاجىرىلىشى ئازلاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ستېروئىدلىق ھورمانلارنىڭ (甾体激素) جىگەر ۋە ئۈچەيدىكى نورمال ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، قاندىكى ستېروئىدلىق ھورمۇننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچىلدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى نورمال رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوڭۇشسىز بولۇپ قالىدۇ.