سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇرلىرىمىزمۇ ... _cat}

    2009.02

    11

    خەتكۈچ:سەردار دىن

    1.    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مۇھەممەد (س ئە ۋ)ئۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق...

    تۆت ئىزباسار خەلىپە


    2.    ئەبۇبەكرى:  مۇرتەدلەرگە ئۇرۇش ئاچقان، قۇرئاننى تۇنجى بولۇپ جەملىگەن. شام، ئىراق تەرەپلەرگە قوشۇن ئەۋەتكەن، لېكىن خەلىپىلىكى ئىككى يىللا داۋاملاشقان.

    3.   ئۆمەر بىننى خەتتاب: ئەبۇبەكرىدىن كېيىن خەلىپە بولغان، پارىسلارنى قادىسىييە جېڭىدا تەلتۆكۈس مەغلۇب قىلغان. پەلەستىن، مىسىرلانى فەتىھ قىلغان، ئۇ يەنە زاكات نىزامىنى تۇرغۇزۇپ، دىۋانلارنى رەتلەپ، ھىجرىيە تارىخىنى قوللانغان، شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ، ۋىلايەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇنىڭدا قازىلارنى تۇرغۇزغان.

    4.    ئوسمان بىننى ئەففان: ئۇ ئۆمەردىن كېيىن خەلىپە بولغان، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ئۈزلۈكسز كېڭەيگەن، مىسىر ۋە شىمالى ئافرىقىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ قوشۇنى جەيھۇن دەرياسىغىچە بېرىپ، ما ۋەرائۇن نەھر ئابدۇللا بىننى ئەبى ئامىرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، زەيد بىننى سابىتنى ئۆزى جەملىگەن قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى يېزىشقا بۇيرىغان. ئۇنى يەھۇدىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

    5.   ئەلى بىننى ئەبى تالىپ: ئوسماندىن كېيىن خەلىپە بولغان، مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، پىتنە تۇغدۇرغان، شۇ دەۋردە خاۋارىجلار بۆلۈنۈپ چىققان، ئۇنى خاۋارىچ ئابدۇراھمان بىننى مەلجەم قەتل قىلغان.


    مەشھۇر قوماندانلار


    6.   خالىد بىننى ۋەلىد: ئۇنىڭ قوماندانلىق تالانتى مۇئتە غازىتىدا نامايان بولغان  ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ «سۇغۇرۇلغان ئاللاھنىڭ قىلىچى»-(سەيفۇللاھىل مەسلۇل) دەپ ئاتىغان، ئۇ مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان، ئەبۇ بەكرى ئۇنى ئىراققا جەڭگە ئەۋەتكەن، شامدا ۋىزانتىيىلىكلەر ئۈستىدىن يەرمۇك جېڭىدا نۇسرەت قازانغان، ھىمىستە ۋاپات بولغان.
    7.    ئەبۇ ئۇبەيدە بىننى جەرراھ: دەمەشىق، ھىمىس، ئانتاكىيە، ھەلەبنى بويسۇندۇرغان.

    8.   سەئد بىننى ئەبى ۋەققاس: پارىس زېمىنى فەتىھ قىلىپ، كۇۋفەگىچە بارغان.

    9.    ئۇقبە بىننى نافىئ ئەلفىھرى: ئۇنىڭ غەلىبىسى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە يېتىپ بارغان.

    10.    مۇسا بىننى نەسىر: شىمالى ئافرىقىدىكى فەتىھنىڭ داۋامىنى قىلغان، تارىق بىننى زىياد ئۇنى ئاندىلوسىيە-ئىسپانىيىنى فەتىھ قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئۇ بەرىينە تاغلىرىغىچە بارغان.

    11.   قۇتەيبە بىننى مۇسلىم باھىلى: ئۇنىڭ فەتىھلىرى شەرقتىكى جۇڭگو چېگرىلىرىغىچە بارغان.

    12.    مۇھەممەد بىننى قاسىم سەقەفىي: ئاللاھ ئۇنىڭ قولى بىلەن سەنەد شەھەرلىرىنى ھىدايەت قىلغان.

    13.    سالاھىددىن ئەييۇبى: ھەتىين جېڭىدا ئەھلى سەلىبچىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، بەيتۇل مۇقەددەس-يېروسالىمنى ھۈر قىلغان.

    14.   زاھىر .........

    15.    مۇھەممەد فاتىھ: كونىستانتىنپولنى ئىشغال قىلغان.


    فىقھى ساھەسىدە


    16.    ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە؛

    17.    ئىمام مالىك؛

    18.    ئىمام شافىئىي؛


    19.    ئەھمەد بىننى ھەنبەل-بۇ تۆتى ئەھلى سۈننە ۋەل جەمائەنىڭ مەزھەپلىرىنىڭ ئاساسچىلىرى.


    بۇلاردىن باشقا كېيىنكى دەۋردىكى فىقھىشۇناسلار:

    20.    ئىبىن ھەزىم؛


    21.   شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييە؛


    22.    شاگىرىتى ئىبنى قەييۇم...بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇ ساھەدە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.

    23.   مۇھەممەد بىننى ئەبدۇل ۋەھھاب: بۇ كىشىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى-ئەسلى پىرىنسىپلىرىغا قايتىشنى تەشەببۇس قىلغان فىقھىشۇناس ئالىم.


    تەپىسىر ساھەسىدە



    ئىسلامنىڭ دەسلەپلى مەزگىللىرىدە:

    24.    ئەلى بىننى ئەبى تالىپ؛


    25.    ئابدۇللا بىننى ئابباس؛


    26.    ئابدۇللا بىننى ئۆمەر؛


    27.    ئۇبەي بىننى كەئب؛

    28.    زەيد بىننى سابىت؛تابىئىنلار زامانىسىدا:

    29.   سەئىيد بىننى جۇبەير؛


    30.    جابىر بىننى يەزىىيد جۇئفى؛

    31.    ئەتا بىننى ئەبى رىباھ؛

    32.    ئىكرەمە:

    33.   تاۋۇس بىننى كەيسان يەمانى؛

    34.   سۇفيان بىننى ئۇيەينە؛

    35.    ۋەكىيئ بىننى جەررايھ؛

    36 .    ئىسھاق؛
    ئەڭ مەشھۇر تەپسىرلەردىن:
    مۇھەممەد بىننى جەرير تەبەرىينىڭ «تەفسىيرۇل كەبىير» كىتابى، ئاندىن ئىبنى ماجەنىڭ تەپسىرى، نىيشاپۇرىينىڭ تەپسىرى، ئىبىن كەسىرنىڭ تەپسىرى قاتارلىقلار.


    ھەدىس ۋە سۈننەت ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەر


    37.ئەبۇ ھۇرەيرە؛38.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا؛
    39.ئابدۇللا بىننى ئۆمەر؛
    40.ئەنەس بىننى مالىك؛
    41.ئابدۇللا بىننى ئابباس-مۇھىم ھەدىس كىتابلىرى:سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، مۇئەتتا، مۇسنەد ئەھمەد، سۇنەن ئەبى داۋۇت، سۇنەن ئىبنى ماجە، سۇنەن تىرمىزى قاتارلىقلار.


    ئەرەب تىلى ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەر
    42.ئەبۇ ئەسئەد دۇئەلى؛
    43. خەلىيل بىننى ئەھمەد؛
    44. سىيبىۋەي.
    ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلەر
    45.ھەسسان بىننى سابىت-رەسۇلۇللا زامانىسىدا؛
    46.جەرىير؛
    47.فەرەزدەق؛48.ئەختەل-بۇلار ئۇمەييەلەر زامانسىدا؛
    49.ئەبۇ تەممام؛
    50.بۇختەرى؛51.ئەبۇلئەلا مەئەررى؛
    52.ئىبنى رۇمى؛
    53.مۇتەنەببى-بۇلار ئابباسىيلار زامانىسىدا؛
    نەسىرى ئەسەرلەر ساھەسىدە.
    54: ئابدۇللا بىننى يەھيا؛:
    55.ئابدۇللا بىننى مۇقەففە؛
    56.جاھىز.
    ئىجتىمائىي بىلىم ساھەسىدە


    57.مۇھەممەد بىننى ئىسھاق، كىتابى:«رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالى».
    58.بىلازىرى، كىتابى:«شەھەرلەرنىڭ فەتىھ قىلىنىشى».
    59.تەبەرى، كىتابى:«مىللەتلەر ۋە شاھلارنىڭ تارىخى».
    60. ئەبۇلفىدائ، كىتابى:«تارىخ قوللانمىسى».
    61.مەسئۇدى، كىتابى....
    62.ئىبىن ئەسىر، كىتابى:«كامىل تارىخنامە».
    63.ئىبىن خەلدۇن،«ئەرەب، پارىس، بەربەر خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالاتلىرى».

    جۇغراپىيە ساھەسىدە


    64. ياقۇت ھەمەۋىي«شەھەرلەر تەزكىرىسى»نى يازغان.
    65.خارەزىمى«زېمىننىڭ يەرشەكلى» نى يازغان. ئۇ ھەم تۇنجى جەمىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەلسەپىسىنى ياراتقۇچىلاردىن سانىلىدۇ.


    تەبىئىي پەنلەردە



    66.جابىر بىننى ھەييان، خېمىك.
    67.مۇسا بىننى شاكىر،
    68.بىيرۇنى،
    69.ئابباس بىننى فەرناس، بۇلار مىخانىك.
    70. ئەلكېندى،
    71.ھەسەن بىننى ھەيسەم،
    72.بىيرونى، بۇلار فىزىك.
    73،خارەزىمى، ئالگېبىراچى،
    74.ھەسەن بىننى ھەيسەم،
    75. مۇھەممەد باغدادى گېئومىتىرىگە ماھىر.
    76. نەسرۇددىن تۇسى، بۇمۇ ماتىماتىك.
    77.مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم،
    78.ئەبى رەيھان بىيرۇنى،ئۆمەر ھەييام-بۇلار ئاسترونۇم.


    تىبابەت ساھەسىدە


    79.ئىبىن سىينا.
    80.رازى ... قاتارلىقلار... ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئىلىم-مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ئۆز تۆھپىلىرىنى ئىنسانىيەتكە تەقدىم ئەتكەن

     

    مەنبە bbs.hislet.com     

          
    ئەسلىدە بۇ تېمىنى كۈچۈرۈپ كەلمىسەم بۇلاتتى لىكىن
    بۇنداق سەردار باشلامچىلارنى دىيارىمىزدىكى تېخىمۇكۆپ مىللىتىزمىز
    بىلسىكەن دەيمەن ۋە ھەم ئىش ئىزلىرىنى داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرساق دەيمەن
    تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەردارمەن سىزنىڭ بلوگڭىزنى كۆردۇم ناھايتى ياخشى بوپتۇ تېخمۇ تىرشىڭ !! بىلمىگەن جايلار بول بلوگىمغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى تور مۇڭداشقۇمغا سۆزقالدۇرۇڭ مەن ياردەم قىلمەن ماۋۇ ئىنكاس رامكىسنى ئوڭشاپ قويدۇم خوش ئاللاغا ئامانەت.
  • رەھمەت سىزگە دوستۇم ، بىلىۋالدىم ، ئاۋۇ ئۇستىدىكى رەسىملەر كۆرۈنمەپتۇ
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز. مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!
    http://www.yukselblog.cn/bloglar/