بۇ تىمىنى يېزىشنى ئويلىغىلى خېلى بولدى، بىراق ۋاقىت سەۋەبىدىن بۈگۈن يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئاساسى مەخسەت توردىكى ناخشىلىرىمىزغا ئىچىم بەك ئاغرىدى، قايسى كۈنى بىر ناخشا لازىم بۇلۇپ توردىن ئىزلەپ تېپىۋىدىم كۆڭلۈم شۇنداق غەش بولدى، نىمىشقا دەمسىز؟!
ناخشا باشلىنىشى بىلەن XXXMusic دىگەن چەتئەللىكنىڭ ئاۋازى چىقتى، تازا ئەۋجىگە چىققاندا يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ سەت زۇۋاندا
www.palani music cn دىگەن ئاۋاز قوشۇلدى، ئەمىلىيەتتە ئۇ تور بېكەت بىلەن ناخشىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، ياكى ئۇ شۇ تور بېكەتنىڭ تەشۋىقات ناخشىسى ئەمەس ئىدى، ئويلاپ قالدىم ئۇ ناخشىنى ئاڭلىغىچە قۇلىقىم شۇنداق قىينالدى، ئۇ ناخشا قانچىلىك قىينالغاندۇ؟
ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دەيدۇ «نىمە ناخىشىلارلا دەمسىز؟! بىزنىڭ ئېتوتلارنىڭ ئارىسغىمۇ
www.palani music cnدىگەن گپ قىسىلىۋالدى، ئەمدى بۇنىمۇ ئېتوت قىلمىسام بولمىدى» ، ھېلىقى ئېتوتىدا تېخى بىزنى توردىمۇ غەيۋەت قىلىدىغان بولدى دىسە ئۇلاپلا
www.palani music cn دىگەن پاراڭنىڭ قوشۇلۇپ قالغىنى بەك ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
قىسقىسى باشقىلارنىڭ تور بېكەت تەشۋىقات ناخشىلىرىدىكى ئېلان خارەكتىرلىك ئاۋازلىرىنى ئۇنداق دوراپ كەتمەيلى، تورداشلار سىلەرچىچۇ؟ ھەممە ناخشا ئېتوتلاردا شۇنداق ئاۋاز بولسا سىزچە بەك «پەيزى» تۇرامدىكەن؟
评论
نىمە ئۈچۈن ياخشى ئىشلار،ياخشى ئىدىيلەنى كىشىلەر ناھايىتى ئاز قوبول قىلىدۇ؟ناھايىتى ئاز ئوموملىشىدۇ؟بۇنىڭ ئەكسىچە ناچار ئىش ۋە ئىدىيلەرنىڭ يامرىشى ناھايىتى تېز بۇلىدۇ؟ئۇلارنى كىشىلەر نىمىشقا ناھايىتى ئاسان قوبول قىلىدۇ؟
بەلكىم ياخشى ئىش ۋە ئىدىيلەرنى يېڭىچە ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىق قىلىشىمىز كىرەكتۇ.
ئېلانىمىزنى چېكىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.