• ئۆزبېكىستاننىڭ مىللەت نامى ۋە مەنبەسى - [مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە]

    2008-09-27

    «ئۆزبېك» سۆزى ئەڭ دەسلەپ 14- ئەسىردىكى موڭغۇل دۆلىتىگە قاراشلىق تۆت چوڭ خانلىقنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان سۇلتان مۇھەممەتتىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن. ئۆزبېكخان «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»دا  月即别ياكى 月祖伯دەپ ئاتالغان. ئۆزبېكخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە(1312~1345)، خانلىقى بىر مەھەل ئىنتايىن گۈللەنگەن، ئۆزبېكخاننىڭ نامىمۇ كەڭ تارقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئۆزبېك خانلىقى دەپ ئاتىغان، خانلىقتىكى ئارمىيە-خەلقنى ئۆزبېك خەلقى دەپ ئاتىغان. 15-ئەسىردە، ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى توپىلاڭ سەۋەبىدىن يىمىرىلدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئاق ئوردا خانلىقى تەدرىجىي كۈچىيىپ، غەربىي سىبىرىيە ۋە قازاق ئوتلىقىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىدى. ئاق ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىكى تۈرك تىلى ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى قارا-قۇيۇقلا ئۆزبېكلەر دەپ ئاتالدى.
        تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن قۇيۇق ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۆزئارا بېرىش-كېلىش جەريانىدا، بىرقىسىم كىشىلەر ئارقا-ئارقىلاپ شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە بۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزبېك ئاھالىسىغا ئايلانغان. ئۆزبېكلەرنىڭ شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىش تارىخى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، بۇ ئىككى ئورۇندىكى ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىسى قىلىش، ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن پاناھلىنىش، تەبىئىي ئاپەتتىن قېچىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئۆزئارا كۆچۈش كۆپ بولغان.
        14-ئەسىردە، ئۆزبېكخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى غەنىبەگخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقى يۇەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن قۇيۇق سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە سودا ئالاقىسى قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى قەدىمكى كارۋان يولىنى بويلاپ مېڭىپ، ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇردى، بۇ ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك سودا پائالىيىتى قوزغالدى. جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى ئەڭ بازىرى ئىتتىك تاۋار بولۇپ، ئەينى چاغدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ پايتەختى بېركېسارايدا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر جۇڭگونىڭ يىپەكلىرىنى توشۇپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقىسىم تاۋارلار يەنە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى. ۋەھالەنكى، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغاتاي خانلىقىنىڭ يۇەن سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي، ئقتىسادىي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قۇيۇق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى، سودا كارۋانلىرى ھەمىشە ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ سودا قىلدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى ئورۇن ئوتتۇرىسىدىكى سودا پائالىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق بەزى سودىگەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى ۋە ئىچكى جايلىرىغا تۇتىشىدىغان سودا يولىدا ئۇزۇن يىللار تېنەپ يۈردى. تۆمۈر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەمەرقەند، بۇخارا، ئۇرگەنچ، تاشكەنت، ئەنجان، فەرغانە قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىنىڭ سودا ئىشلىرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. جۇڭگونىڭ يىپەكلىرى ۋە رەۋەن دورىلىرى ئۇ جايلاردىكى بازارلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلىدى. سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ شەرقىي قوۋۇقى ئەينى چاغدا «چىن قوۋۇقى» دەپ نام ئالغان بولۇپ، ھەر يىلى جۇڭگودىن كەلگەن سودا كارۋانلىرى ماللىرىنى مۇشۇ قوۋۇق ئارقىلىق شەھەرگە ئېلىپ كىرەتتى.
        15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شايبانخاننىڭ باشچىلىقىدا ئاق ئوردا خاندانلىقىنىڭ زور تۈركۈمدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىرى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك رايونىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى تۆمۈر خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بۇخارا، سەمەرقەنت، خىۋا، ئۇرگەنچ، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. كېيىن، ئۆزبېك كۆچمەن چارۋىچىلىرى كۆچمەنلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، نەتىجىدە تەبىئىي ھالدا شۇ جايلاردا ئەسلىي بار بولغان ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇشقا باشلىدى.
        16-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللرىدە، ئۆزبېكلەر خىۋا خانلىقى ۋە بۇخارا خانلىقىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيادا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى دۆلەتنى قۇردى. 17-ئەسىرگە كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ  ئىقتىسادى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى، تاشقى سودىسى تېخمۇ گۈللەندى، ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ يەركەن شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا ئالاقىسىنى باغلايدىغان مۇھىم سودا شەھىرى ئىدى. نۇرغۇن ئۆزبېك سودىگەرلىرى بۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ، ماللىرىنى ساتقان ۋە مال سېتىۋالغان، يەنە بەزىلىرى ئۆزئارا شېرىكلىشىپ، ئاقسۇ، تۇرپان ئارقىلىق گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن رايونىغا بېرىپ، ماللىرىنى ئىچكى جايلارغا يۆتكەپ ساتقان، ئاندىن جۇڭگو تاۋارلىرىنى  يېتەرلىك ئېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتقان.
        قەدىمقى زاماندا دۆلىتىمىزگە كېلىپ سودا قىلغان ۋە باشقا پائالىيەتلەر(مەسىلەن دىن تارقىتىش) بىلەن شۇغۇللانغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۆزبېكلەردىن دۆلىتىمىزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ناھايىتى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش پائالىيىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان. 18-ئەىسىرنىڭ باشلىرى ئۆزبېكلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان قوقان خانلىقى فەرغانە ئويمانلىقىدا قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدە ئوخشاشلا ئۆزبېكلەر قۇرغان خىۋا خانلىقى ۋە  بۇخارا خانلىقى بار ئىدى، شەرقىي تەرىپى دۆلىتىمىزنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىدىكى بوستانلىقلارغا تۇتىشىپ تۇراتتى. 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، چىڭ سۇلالىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قوقان خانلىقى قاتارلىق ئۈچ ئۆزبېك خانلىقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. قوقان خانلىقى بىلەن 60~70-يىل دوستانە ئۆتتى. قوقان خانلىقىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكىي قۇرۇقلۇق سودىسىغا تايىناتتى. ئۇلارنىڭ سودىگەرلىرى ھەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىن زور تۈركۈمدە چاي، رەۋەن، يىپەك قاتارلىق جۇڭگو تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئەنجان، تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، شىمالدىكى قىرغىز، قازاق كۆچمەن چارۋىچىلىرى رايونلىرىغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ھەتتا پېرسىيە قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت، چارۋا مال، تېرە قاتارلىق ماللىرىنى ئېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا توشۇيتتى. ئۇلار ماللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەرلىك ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە ساتقاندىن تاشقىرى، يەنە بىر قىسمىنى مەركەزلىك ھالدا خەنزۇ سودىگەرلىرىگە ساتاتتى. خەنزۇ سودىگەرلىرى ئۇنى ئىچكى جايلارغا توشۇيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار خەنزۇ سودىگەرلىرى ئىچكى جايلاردىن ئېلىپ چىققان ماللارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كېتەتتى. مانا مۇشۇنداق، ئۇلار ئۇزۇن يىللارغىچە تۆگە، ئات، قېچىرلىرىنى ھەيدەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ ئېگىز ھەم تىك تاغلىرى ئارىسىدا توختىماي قاتنىدى.
        چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، شىنجاڭغا كېلىپ سودا قىلغان ئۆزبېكلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولدى. ئەينى چاغدا، قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كىشىلەرنى يەر نامى بىلەن ئاتاش ئادىتى بويىچە، ئۇلار قوقانلار، بۇخارالار، سەمەرقەنتلەر دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەنجانلار» دىگەن ئاتالغۇ ئەڭ كەڭ قوللىنىلدى. ئوخشاش بىر لىنىيدە ئۇزاق مۇددەت بېرىپ-كېلىپ تۇرغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەدرىجىي ھالدا نۇرغۇنلىغان تۇرالغۇلار شەكىللەندى. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان ئۆزبېكلەر ئارقا-ئارقىلاپ شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ، مال-مۈلۈك سېتىۋالدى؛ بەزىلىرى يەرلىك قىز چوكانلار بىلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار جۇڭگو ئاھالىسىگە ئايلاندى. دەسلەپتە، ئۇلار ئاساسلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولتۇراقلاشتى، كېيىن تەدرىجىي ھالدا شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا كېڭەيدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى، ئۈرۈمچى، چۆچەك، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق جايلانىڭ ھەممىسىدە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆزبېكلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سودىگەرلەردىن باشقا، يەنە شىنجاڭغا تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دېھقان، چارۋىچى، قول ھۈنەرۋەن ۋە نامراتلارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن زىيالىي ۋە دىنىي ئۆلۈمالارمۇ بار ئىدى. چىڭ سۇلالىسى ۋەسىقىلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، داۋگۇاڭنىڭ 8-يىلى(1828)، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، يەركەن، خۇتەن، قەشقەر، يېڭىسار قاتارلىق  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەردە جەمئىي 3602 ئائىلىلىڭ ئۆزبېك ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى يالغۇز ئىلى رايونىدىلا 1460 ئائىلىلىڭ ئۆزبېك ئولتۇراقلاشقان.
        2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 15 مىڭ 100 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ٪0.08 تىنى تەشكىل قىلغان.
    مەدەنىيەت مىراسلىرى

        ئۆزبېكلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۆزبېكلەر شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت خەلقىدىن قىزغىن ئۆگەندى، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى بېيىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا مىللەتلەرمۇ ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
        ئۆزبېك يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىككى خىلدىن ئارتۇق تىل-يېزىقنى بىلىدۇ. شۇڭا بەزى يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ياكى بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى، ئەمما كۆپلىگەن ۋەزىنلىك شېئىر ۋە درامما ئەسەرلىرىنى قوليازما شەكلىدە تارقاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن ئۆزبېكچە ئەدەبىي ئەسەرلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلاردىن بىرقەدەر كەڭ تارقالغانلىرى ماقال-تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆز، رىۋايەت، ھېكايە، خەلق ناخشىسى، تارىخىي داستان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
        ئۆزبېكلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۆزبېك خەلقى ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە ئىجاد قىلىش ۋە ئاغزاكى تارقىتىش ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ساقلاپ قالدى. بۇ خەلق ئەدەبىياتلىرى ئۆزىنىڭ مول، تولۇق سەنئەت تۈرى، ئۆزگىكچە جەلىپكار ئىدىيىۋى، بەدىئىي قىممىتى ۋە قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ئۆزبېك خەلقى كۈچلۈك ياقتۇرىدىغان سەنئەت شەكلىگە ئايلاندى. يازغۇچىلار ئەدەبىياتى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنمۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يەنىلا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئىچىدە ھەم ئەپسانە، رىۋايەت، ھېكايىلەر بار، ھەم شېئىرىي شەكىلدىكى داستان، باللادا، خەلق ناخشىلىرى بار بۇلۇپ، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەرخىل.
        ئۆزبېكلەر ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. ئۇلار «ياخشى ھېكمەتلىك سۆز خۇددى ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈككە ئوخشايدۇ» دەپ قارايدۇ، ماقال-تەمسىلنى «ئەجدادلارنىڭ ۋەسىيىتى، ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرى» دەپ قارايدۇ. ئۇزاق مەزگىللەردىن بۇيان، ئۆزبېكلەر نۇرغۇنلىغان جانلىق، ئوبرازلىق، ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياراتتى.
        ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ماقال-تەمسىللەر ئىجادىيەت ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلدى. بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەپچىل قوللىنىلغان خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.
        ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەت ۋە خەلق چۆچەكلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرى «ئەپەندى لەتىپىلىرى» ۋە «ئالدىركوسو چاقچاقلىرى» ھېسابلىنىدۇ. «ئەپەندى» سۆزى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تىلىغا ئورتاق سۆز بولۇپ، ئۇ ئادەم ئىسمى ئەمەس، بەلكى «مۇئەللىم» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەتلەردىكى ئەپەندىنىڭ ئەسلىي ئىسمى «نەسىردىن» بولۇپ، ئۇ ئەقىل-پاراسەت، قىزىقچىلىق، ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى. ئۇنىڭ لەتىپىلىرى ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. ئۇ بىرقانچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئاغزاكى تارقىلىپ، ئۈزلۈكسىز پىششىقلىنىپ، تولۇقلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، قۇيۇق ئۆزبېك، ئۇيغۇر خەلق مىللىي ئۇسلۇبىغا ئىگە «ئەپەندى لەتىپىلىرى»گە ئايلاندى. پادىشاھ، ۋەزىر، ئاخۇن، قازى، باي-غوجا، بەگ قاتارلىق فېئودال يۇقىرى قاتلام سىنىپىغا قارشى كۈرەشلەردە، ئەپەندى لەتىپىلىرىگە ئەقىل-پاراسەت، قىزىقچىلىق ۋە ھۆكۈمران سىنىپلارغا بولغان مەسخىرە سىڭدۈرۈلگەن.
        يازغۇچىلار ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي شەكلى جەھەتتە، مەسىلەن، ۋەزىنلىك شېئىرلاردا ئۇرغۇ، تون، قاپىيە قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، شېئىرنىڭ جۈملىلىرى راۋان ھەم جاراڭلىقلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبېك خەلقى  ئۇنى ھازىرغىچە نوتىغا سېلىپ ئېيتىپ كەلمەكتە.
        2005-يىلى شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنى قوغداش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

    مەنبە: شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتىتى http://www.xjyw.gov.cn/Web/Article.aspx?ArticleId=722

    收藏到:Del.icio.us