بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار ئەخلاقى >> قىزلار، ئەخلاق يولىدىن چەتنىمەڭلار

قىزلار، ئەخلاق يولىدىن چەتنىمەڭلار

يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-22 11:03:10    كۆرۈلۈش سانى : 547  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ۋەزىپەم ئامانلىق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن سىرت، كچېىلىك چارلاشقا چىقىپ ناھىيىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش. مانا بۈگۈنمۇ خىزمەتداشلىرىم بىلەن كېچىلىك چارلاشقا چىقتىم. بىز خىزمەت تەرتىپىمىز بويىچە ھەربىر كۆڭۈل ئېچى سورۇنىغا كىرى تەكشۈردۇق. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا سورۇن تەرتىپىنى ئوبدان باشقۇرۇشنى ئېيتىپ، بازار ئىچى،شۇنداقلا ئاھالىلەر رايونلىرىغا چارلاشقا كەتتۇق. سەھەر سائەت تۆتلەر بولغاندا، بازار مەركىزىنى چارلاۋاتقىنىمىزدا يېرىم ئوچۇق كىيىم كىيگەن، تاماكا چىشلىۋالغان17- 18 ياشلاردىكى بىر نەچچە قىزلارنىڭ ئالا - تاغىل ناخشىلارنى توۋلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىقنى ئېيتقىنىمىزدا، بەزىلىرى باشلىرىنى تۆۋەن سالغان بولسىمۇ، بەزىلىرى ھاراقنىڭ كۈچىدىن بولسا كېرەك، بىز بىلەن تاكاللاشتى. بىز ئۇلارغا تەربىيە ئىشلەپ ئۆيلىرىگە قايتۇرۋەتتۇق. چارلاشنى تۈگىتىپ ئۆيگە كېلىپ ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتتىم، ئەمما كۆز ئالدىمغا باياتىنقى كىچىك قىزلارنىڭ ھالىتى كېلىۋېلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. ئەمدىلا 17 - 18 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان قىزلار ئىكەن، مۇشۇنداقچە ئېيتقاندا تېخى مەكتەپ يېشىدىكى قىزلار. بىز ئادەتتە بۇنداق ھالەتنى  ئوغۇللاردا كۆپرەك ئۇچرىتاتتۇق، ئەمدىكى كۈنلەردە بۇ خىل ھالەت قىزلىرىمىزغا يۈزلىنىپ قاپتۇ، ئەجىبا بۇ قىزلارنىڭ كۈنى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەلپۈنۈشى، ئارزۇ-ئارمىنى يوقمىدۇ؟ ئۇلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە........ ئاخىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى خىيالىمغا ئۇلارنىڭ خارابلىق ئىچىدىكى كۈنلىرى كېلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ نىكاھ مەسلىسى، ئانا بولۇش مەسلىسى، ئاتا-ئانىسى، ئېرى، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى خۈنۈكلىشىپ كېتىۋاتاتتى... دۇنيادا ياخشى ئانا، ياخشى قىزلار يەنىلا كۆپ. يۇقىرىقى ئەھۋال پەقەت ئاز ساندىلا مەۋجۈت.بۇ قىزلار ھامان بىر كۈنى ئەيش- ئىشرەت، ئويۇ - تاماشىغا بېرىلىپ ئۆتكەن ئۆمرى ئۈچۈن ئېچىنىدۇ، ئەخلاق يولىدىن چەتنىگەنلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئاپتور( ئارشاڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدا)


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىزلار توي قىلغاند...
●  ئاياللارنىڭ سىرتقا...
●  تالاش- تارتىشلارنى ...
●  تېلفۇن بېرىش ۋە ئاد...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئ...
●  نىكاھتىن تاشقىرى م...
●  ئەرلەرنىڭ قەدىرلىش...
●  قانداق كىشىلەرنىڭ ...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئ...
●  بىز رېئاللىقتىن ئۆ...
●  قىزلار، ئەخلاق يول...
●  ئائىلە ئەخلاقى توغ...
●  ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىزلار توي قىلغاندىن كى...
●  ئاياللارنىڭ سىرتقا قارا...
●  تالاش- تارتىشلارنى ياخش...
●  تېلفۇن بېرىش ۋە ئادەمنى...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياغ ...
●  نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەبب...
●  ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئ...
●  قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياغ ...
●  بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى