1.ئىلگىرىكىدەك ئۇ سىزدىن «مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟»دەپ سورىمايدۇ.چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇنىڭ كۇڭلى سىرتتا بولغاچقا ،سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۇش -كۆرمەسلىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ .بەرىبىر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ .
2.ئۇ يىڭى سىتىۋالغان كىيىمنى سىزگە كۆرسىتىش ئۇچۇن ئىلگىركىدەك سىزدىن«جىنىم يارىشىپتىمۇ>:دەپ سورىمايدۇ .چۇنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ سىرتتىكى ئاشىقىنىڭ ئۇنىڭ كىيىم -كېچەكلىرىگە بەرگەن باھاسى ئەڭ مۇھىم .
3 .ئۇ سىزگە ئىلگىرىكىدەك كۆپ گەپ قىلمىپ بەرمەيدۇ،ھەتتا سىز بىلەن جىدەللىشىشكىمۇ رايى بارمايدۇ.چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇتۇن خىيالى سىرتتا بۇلىدۇ
4.سىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەندە ،ئۇ ئىگىركىدەك ئالدىڭىزدا ياش تۆكمەيدۇ.ھەتتا ياش تۆكۇشنىمۇ خالكىمايدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇچۇن ئاشىقى بىلەن ئۆتكەن ھە ر بىر مىنوت شۇنچىلىك قەدىرلىك بۇلۇپ ،سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىلىرىڭىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5 .سىز ئۇنىڭ بىلەن بازارغا چىققاندا،ئۇ ئىلگىركىدەك سىز نى قولتۇقلاپ ماڭمايدۇ.چۇنكى بۇ ئۇىڭ ئۇچۇن ئىنتايىن ئەھمىيەتىسز.تاشنى تاياققا تاڭغاندەك تۇيىلىدۇ.
6. ئۇنىڭ يانغۇنى سىز ئۇچۇن 24سائەت ئېتىك تۇرىدۇ،سزنىڭ ئۇنى سېغىنىپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىڭىزمۇ جاۋاپسىز قالىدۇ.چۇنكى بۇ چاغدا ئۇ سىز ئۇنى سىغىنغاندەك سىزنى سېغىنىشنى سۈيۇشنى خالىمايدۇ.
7. ئۇ دائىم دېگۇدەك يالغۇزلۇقنى خالايدۇ. سىزنىڭ ئونىڭغا ھەمراھ بولۇپ سىرتقا چىقىشىڭىزنى ،پاراڭلىشىشىڭىزنى خالىمايدۇ.چۇنكى ئۇنىڭ ئۇچۇن يالغۇزلۇق سىرتتىكى ئاشىقى بىلەن ئۆتكەن مىنوتلىرىنى ئەسلەيدىغان ئەڭ ياخشى پەيت.
8.سىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىلگىركىدەك سىز گە بولغان مۇھەببەتنى ،مىھرىبانلىقنى تاپالمايسىز!سزنىڭ ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغىنىڭىز سوغوق نەزەرلا خالاس.
9. يانغۇنىڭىز قاچاندا سايرىشىدىن قەتئىنەزەر ،ئۇ سىزندىن:«ئۇ كىم؟»دەپ سورىمايدۇ .سىز يولدا باشقا ئاياللار بىلەن قولتۇقلىشىپ،چاقچاقلىشىپ ماڭسىڭىزمۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۇن بەرىبىر.چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزگە بولغان ھېسسىياتى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بۇلىدۇ.
10.شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، سىز نەچچە يۈەن مائاش ئېلىپ بىر ئۆينى بىر ئۆينى قامدىغان ۋاقتتا، ئۇنىڭ سىزنى كۆيگەنلىكى،سىز نەچچە مىڭ يۈەنلەپ مائاش ئالغان چاغدا سىزنى تاشلاپ كەتكىنىمۇ راست.چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەت ئەمەس ،بەلكى پۇل ھەممىدىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىللىگەن بۇلىدۇ.
يۇقىرىقىلار ئۆي -ئۇچاقلىق بولغان ھەرقانداق بىر ئەر ئۇچۇن ئەسكەرتىش.سىز ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولمان مېھر-مۇھەببىتىنى مەڭگۇ ساقلاپ قالماقچى بۇلىدىكەنسىز،ئۇنى پۇل بىلەن ئەمەس ،ھەقىقى چىن مۇھەببىتىڭىز بىلەن تۇتۇپ تۇرۇڭ.چۈنكى ئاياللار چىن سۆيگۇگە ،ھەقىقىي كۆيۇنۇشكە ئەڭ مۇھتاج