تالاش- تارتىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-16 17:33:36 كۆرۈلۈش سانى : 1002
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قايسى بىر ئەدىپنىڭ مۇنۇ گىپى يادىمدا: نىكاھ دېگەن ئۈچ كۈلۈمسىرىۋېلىش، ئۈچ يىل جەڭگى - جىدەل قىلىش، 30 يىل لەۋ چىشلەپ ئۆتۈش. بەرھەق، قازان- چۆمۈچنىڭ بىر- بىرىگە تېگىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ياخشى نىكاھ ھەرگىزمۇ تىپتىنىچ، ئۆلۈك كۆل سۈيى ئەمەس. ئۆي دېگەندە ھامان ئۇنداق ياكى مۇنداق جېدەل – ماجرالار بولۇپ تۇرىدۇ. يا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيمىز ياكى بالا ئارسىغا كىرىپ قالىمىز ياكى ئۆيدىكى بەزىبىر ئىشلارغا چېچىلىمىز. تالاش- تارتىش قىلىمىز. لېكىن، مۇنداق تالاش- تارتىشلار ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنمىسا ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا بۇتناش، قېيداش، يامانلاپ كېتىش ياكى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى چېقىش، ئاخىرقى ھىساپتا نىكاھقا دەز كىتىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. روھىيتى ساغلام بولغان كىشىلەر تالاش- تارتىش بىلەن نىكاھقا دەز كېتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. « تالاغا چىققاندا ھاۋا رايىغا باق، ئۆيگە كىرگەندە چىرايىغا » دېگىنىدەك، ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىسا، بىر ئېغىز گەپتىن قىلىڭ، با مەسلىھەت ئىش قىلىڭ، گەپنى بۇيرۇق ئاھاڭىدا، ۋارقىراش- جارقىراش بىلەن ئەمەس، سىلىق ئاھاڭدا دېسىڭىز، زىددىيەت يوغىناپ كەتمەيدۇ، ئون نەچچە يىللىق نىكاھ تۇرمۇشۇمدا ئېرىمىنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەن بىر ئالاھىدىلىكىم قۇلىقىمىنىڭ يۇمشاقلىقى، ئىزچىل تۈردە جىدەل چىقىش ئېھتىمالى بولغان تالاش- تارتىشلاردا دەررۇ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىم . تالاش- تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بىر سەنئەت، ئانچە- مۇنچە تالاش- تارتىشلار بىر خىل تاتلىق ھېسسىيات، كەيپىياتنى بوشىتىلىۋېىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن تالاش- تارتىش جەريانىدا ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز دىلنى ئاغرىتىدىغان گەپلەر چىقىپ كەتمىسۇن. مەسىلەن: « سەن ئاشۇنچىلىك بولالمايسەن »، « ساڭا تېگىپ كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن»، « مەن نېمە دېگەن شور پىشانە»، « بۇ ئۆمرۈمدە ساڭا تېگىپ خوۋلۇق كۆرۈپ باقمىدىم...» دېگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا تالاش- تارتىش چېكىگە يەتكەندە، ئىدراكىڭىزنى يوقىتىدىغان، پۇت- قولىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئۇرۇشمىسىڭىزمۇ ئۆيدە « يېپىق قازان يېپىق » پېتى تۈگىتىڭ. بەزى خوتۇنلارنىڭ كوچىغا چىقىپ ئېرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن خەلقىئالەمگە ئېرىنى سازايى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ تولىمۇ نۇمۇسسىز ئىش. تالاش- تارتىشتىن كىيىن ئۇنتۇپ كېتىشنى، قايتا تىلغا ئالماسلىقنى بىلىشىڭىز ھەم مۇشۇ قېتمقى تالاش- تارتىشتىن ئۆزىڭىزنى تونۇۋېلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا، ئەگەر چوڭ جەھەتتە غورۇرىڭىز دەپسەندە قىلىنمايدىغانلا ئىش بولسا، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى « دۈشمەن» سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئەر . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق قۇربان بەرسىڭىز مىنىڭچە ئەرزىيدۇ. ناۋادا جەڭگى- جىدەل، تالاش- تارتىشتا يېڭىۋالسىڭىزمۇ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئېرىڭىزنىڭ قەلبىدە بىر تۈگۈن بولۇپ قالىدۇ، خالاس. بۇنداق تۈگۈن چوڭىيىۋەرسە، ئاخىر چوقۇم يارا ئېغىز ئالغاندەك بىر يەردىن پارتىلاپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا سىز جەڭنى ئاياقلاشتۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىڭىز. ئائىلىۋى مەسىلىلەردە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئىناقلىق ۋە كېڭىشىپ ئىش كۆرۈش بولمىسا، بۇنداق ئائىلە ئازاپ ۋە مۇشاققەت ئۇۋىسىغا ئايلىنۇر، بۇنداق ئائىلىدىن لەززەت كېتۇر، راھەت يوقىلۇر، بالىلارنىڭ تىنىچلىقى بۇزۇلۇر، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا بىر- بىرىگە دۈشمەنلك پەيدا بولۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىلەردە ئۇرۇش –جىدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاياللىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. |
|