نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-16 17:30:51 كۆرۈلۈش سانى : 2312
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
|
|
نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىش ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىكا ئەخلاق كۆز قارىشىغا خىلاپ. ئۇ شەخسكە، ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكە مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. بىرىنچىدىن، ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپىنچە ھودۇقۇش، قورقۇش قاتارلىق بىنورمال روھىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ كۈنى دائىم دەككە - دۈككە، تەشۋىش ئىچىدە ئۆتىدۇ، جۆرىسى ۋە بالىلىرى ئالدىدا ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇزۇن مۇددەت ھۇدۇقۇش، روھىي ئازاب چېكىش ۋە قورقۇش ئىچىدە ياشاش ئۇلاردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق بېسىم ئۇزۇنغىچە داۋاملاشسا، ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى، نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇقەررەر. ئۇنىڭدىن سىرت، نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت يەنە ئاسانلا يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ چۆرىلىرى ۋە پەرزەنتلىرى ھەقىقىي سۆيگۈدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھەتتا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ، ئېتىبارسىز قارىلىدۇ ۋە كەمسىتىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ جۆرىلىرىنىڭ قەلبى دەرد - ئەلەمگە توشۇپ كېتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئىچ پۇشۇقى، دەرد - ئەلەم، خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەت بۇنداق پاسسىپ، قاباھەتلىك كەيپىيات كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىش دائىم ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلەرنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ قالىدۇ. دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىش ۋەجىدىن يۈز بەرگەن قاتىللىق )ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، باشقىلار ئۆلتۈرۈۋېتىش( ياكى زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىگە دائىر دېلولارنىڭ تەكرار - تەكرار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلىشىش نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزۈپ قالماستىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى نابۇت قىلىدۇ، خانىۋەيران قىلىدۇ. | |
|