بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار ئەخلاقى >> قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟

قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-16 17:36:26    كۆرۈلۈش سانى : 6356  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
 يىگىتلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ "غايىلىرى" بولغىنىدەك، قىزلارنىڭمۇ يىگىت تاللاش شەرت- ئۆلچەملىرى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە قىزلار غايىسىدىكى يىگىتلەرگە ياتلىق بولغاندىن كىيىنمۇ بەرىبىر ۋايساش بىلەن ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

   پۇلدار يىگىتكە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: داڭلىق پىكاپ، ھەشەمەتلىك داچا، قىممەت باھالىق كىيىم- كېچەك، ئۈنچە- مەرۋايىت، جاۋاھىراتلارغا كۆمۈلۈپ ياشاش نىمە دىگەن پەيزى-- ھە؟! شۇنىسى يىگىتلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇھتاج. پۇلدار يىگىتلەر ئەلۋەتتە سودىگەر بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراپلا يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاجايىپ بايلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن بولىدۇ، مىنۇت- سىكۇنت ھېساپ- كىتاپ بىلەن ھەپىلەشكىنى ھەپىلەشكەن. ئۇلار ئالدىراشلىق ئىچىدە رەپىقىلىرىنى ئاسانلا ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار تېلېۋېزورغا، پەردارزخانىغا ياتلىق بولغاندەك تاقەتسىزلىك، زېرىكىشلىك ئىچىدە ياشايدۇ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش چىن مۇھەببەت بىلەن بىرلەشمىسە ھاياتنىڭ نىمە لەززىتى؟
   كېلىشكەن ئەرلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى : كېلىشكەن يىگىتلەر كۆڭلىدە بىرلا قىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسىمۇ، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئاپا-چاپاق بولۇپ ئۆتۈۋېرىدۇ، ئاخىرى بۇ نىكاھ پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
   بىكارچى يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئىشى بولمىغاندىن كىيىن دائىم سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ دائىملا ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسا، زېرىكىشلىك، بىزارلىق ھېس قىلىدىكەنسىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆپ پۇلى بولمايدۇ. سىز جاپا چېكىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولسىڭىز " ئېرىم ئالماسقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا تەككىچە دات باسقان تۆمۈرگە تەگسەمچۇ" دەپ پۇشايمان بىلەن ئۆتىسىز.
   شىرىن سۆزلۈك يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەر سۆزمەن بولۇپ، قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق يىگىتلەر ناھايىتى خەتەرلىك، ئېھتىيات قىلمىسىڭىز سىرتتا بىر نەچچە " رەڭلىك بايراق" نىمۇ كۆتۈرىۋالىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار ئازاپ ھەم نومۇستىن ئۆرتىنىدۇ.
   كەسپىي خادىمغا ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەر بىر قەدەر يۇقۇرى ساپاغا ئىگە. ئۇلار دائىم ئالدىراش يۈرىدۇ. ھەتتا كېچىلەردە خىزمەت قىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق، تۇرمۇش مۇشۇنداق ئۆتكەچكە، رومانتىكىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ ئېھتىيات قىلمىغاندا، كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان گەپ. 
   مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىزلار كىمگە ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋايسىماي قالمايدىكەن. شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، دۇنيادا سىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئىنسان يوق، ئادەم نۇقسانسىز يارىتىلغان ئەمەس.
نىكاھ---- نائىلاجلىق ، بۇ تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىزلار توي قىلغاند...
●  ئاياللارنىڭ سىرتقا...
●  تالاش- تارتىشلارنى ...
●  تېلفۇن بېرىش ۋە ئاد...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئ...
●  نىكاھتىن تاشقىرى م...
●  ئەرلەرنىڭ قەدىرلىش...
●  قانداق كىشىلەرنىڭ ...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئ...
●  بىز رېئاللىقتىن ئۆ...
●  قىزلار، ئەخلاق يول...
●  ئائىلە ئەخلاقى توغ...
●  ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىزلار توي قىلغاندىن كى...
●  ئاياللارنىڭ سىرتقا قارا...
●  تالاش- تارتىشلارنى ياخش...
●  تېلفۇن بېرىش ۋە ئادەمنى...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياغ ...
●  نىكاھتىن تاشقىرى مۇھەبب...
●  ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئ...
●  قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى...
●  ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياغ ...
●  بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى