ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياغ كىيىشى ۋە ئۇنىڭغا خاس خاراكتېرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-16 17:27:24 كۆرۈلۈش سانى : 550
& بىر خىل پاسۇندىكى ئاياغلارنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن ئەرلەر؛ بۇ خىل ئەرلەر ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرىدىغان خاراكتېردىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستى كۆپ، دوستىغا ئىنتايىن سادىق كېلىدۇ.
& ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئاياغ كىيىدىغان ئەرلەر؛ بۇنداق ئەرلەر مۇتەسسىپ خاراكتېرلىك بولۇپ، تارتىنچاق، ئىزىلەڭگۈ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئاجىزراق، لېكىن ئىش قىلغاندا ناھايىتى ئەستايىدىل، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئىشلەيدۇ، نەتىجە قازىنىش پۇرسىتىگە كۆپ ئېرىشىدۇ.
& پاسون تاللاپ كەتمەيدىغان ئەرلەر؛ بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قولى ئۇچۇق، ئەمما قولى قىسقا بولسىمۇ، نەزىرى ئۈستۈن كېلىدۇ. بۇنداق ئەرلەرنىڭ تورمۇشى تەرتىپلىك ئەمەس، بەتخەج، خام خىيال قىلىشقا ئامىراق كېلىدۇ.
& قارا رەڭلىك ئاياغنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر؛ بۇ خىل ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، ئايال زاتىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ.
& مودا قوغلۇشۇپ ئاياغ كىيىدىغان ئەرلەر؛ بۇنداق ئەرلەر ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئېنىق بىلىدىغان، تەشەببۇسكار، نەزەر دائىرسى كەڭ، تەلەپچان، كەسكىن، تۇرمۇشنى تەرتپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماھىر ئەرلەردۇر. |
|