بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار پسىخىكىسى >> قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى بىزار قىلىدىغان 3 خىل گىپى

قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى بىزار قىلىدىغان 3 خىل گىپى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:14:21    كۆرۈلۈش سانى : 12270  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىختىيارىڭىز


يىگىت : بۈگۈن كەچتە نىمە تاماق يىسەك بولار؟
قىز: ئىختىيارىڭىز
يىگىت: ئۇنداقتا بىز لازىدا قورۇغان توخۇ قورۇمىسى يەيلى
قىز: بولمايدۇ، ئۇنى يىسە يۈزىگە يەللىك نەرسە چىقىپ كېتىدىكەن.
يىگىت: ئۇنداقتا قورداق يەيلى.
قىز: بولمايدۇ، تېخى تۈنۈگۈن قورداق يىگەن تۇرساق؟ بۈگۈن يەنە يەمدۇق؟
يىگىت: ئۇنداقتا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەپ كىلەيلى.
قىز: بولمايدۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىۋېتىدۇ.
يىگىت: ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە يەيمىز؟
قىز: ئىختىيارىڭىز.


2. نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ


يىگىت : ئۇنداقتا ھازىر بىز نىمە ئىش قىلساق بولار؟
قىز: نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
يىگىت : كىنو كۆرۈپ كىلەيلى بولمىسا، بىللە كىنو كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
قىز: كۆرگىدەك نىمىسى با، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ.
يىگىت : ئۇنداقتا بىز گولف توپ ئويناپ كېلەيلى.
قىز : مۇشۇ ئىسسىقتا گولف توپ ئوينامدۇق، ھېرىپ كەتمەمدۇ ئادەم؟
يىگىت : ئۇنداقتا كافىيخانىدىن بىرەرنى تېپىپ ، كافىي ئىچىپ كېلەيلى، قانداق؟
قىز : كافىي ئىچسە ئۇيقىغا زىيانلىق، ئىشقىلىپ مەن بارمايمەن.
يىگىت : ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە ئىش قىلىمىز؟
قىز: نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.

3. ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ


يىگىت : ئەمىسە بىز ئۆيگە قايتساق بولغۇدەك.
قىز : ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ.
يىگىت : ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرايلى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
قىز : كوچا ئاپتوۋۇزى ھەم مەينەت، ھەم قالايمىقانچىلىك ، بولدىلا...
يىگىت : ئۇنداقتا تاكسى توسايلى.
قىز : يېقىنلا يولغا تاكسى توسامدۇق؟
يىگىت : ئەمىسە پىيادە قايتايلى، ئايلانغاچ بىردەمدە بارىمىز.
قىز : ئاچ قورساق قانداق يول ماڭغىلى بولىدۇ؟
يىگىت : ئەمىسە سىز زادى قانداق قىلماقچى؟
قىز : ئۆزىڭىز بىرنىمە دەڭ.
يىگىت : ئەمىسە ئاۋال تاماق يەيلى.
قىز: ئىختىيارىڭىز.
يىگىت : نىمە يەيسىز؟
قىز : نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
خاتالاشمىسام ئوغۇللار مۇشۇ گەپلەرگە بەك ئۆچقۇ دەيمەن، ئەگەر ئۆچ ئەمەس دەيدىغانلار بولسا رەددىيە بەرسەڭلار بۇلدۇ


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلى...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللار...
●  خانىم ، سىزگە يەنە ...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆ...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭ...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىت...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ م...
●  قىزلارنىڭ مۇنداق گ...
●  ئەقىللىق قىز بولاي ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلىن بول...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى بى...
●  خانىم ، سىزگە يەنە بىر ن...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلە...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭگۈ يا...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىتىدىغ...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ مۇۋاپ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى