بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار پسىخىكىسى >> خانىم ، سىزگە يەنە بىر نەسىھەت

خانىم ، سىزگە يەنە بىر نەسىھەت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:13:01    كۆرۈلۈش سانى : 5886  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
نىكاھ تۇرمۇشىغا تېتىتقۇ سېلىپ تۇرۇش -- ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا بەىتلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچى . ھالبۇكى ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يۇقۇرىقى تېتىتقۇ جۈملىسىدىندۇر .

ئارتۇقچىلىقىڭىز بىلەن چاقناپ تۇرۇڭ

ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشلا ئېسىل تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . خىزمەتتىكى ئاياللار بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىپ كەسپتە نەتىجە قازىنالايدۇ . ھەر كۈنى خىزمەتكە بېرىش - كېلىش جەريانىدا ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ تۇرۇشى كېرەك . ئاياللار ئۈچۈن سېھرىي كۈچ ، جەلپكار بولۇش تولىمۇ مۇھىم . ئائىلە ئاياللىرى  كۈنلەپ - كۈنلەپ ئۆيدە بىكار يۈرۈپ قالىدۇ )ئۆي ئىشلىرىدىن بوشىغان چاغلىرىدا( ، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرمىغانلىقتىن ، ئۆزىگە  ئوڭايلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىۋالىدۇ  . ئۆزلىرىدە ئاسانلا زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىك ھېس قىلىشىدۇ -دە  ، سېھرىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋالىدۇ . شۇڭا ، ئەقىللىق ئاياللار بىكار چاغلىرىدا ئۆزىگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندا بىكار چاغلىرىنى مەنىلىك ھەم ئالدىراش ئۆتكۈزىدۇ . تېتىك ، روھلۇق بولۇپ كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ .  ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇشنى ، ئېرى بىلەن قانداق قىلغاندا ئىناق ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپرەك ئويلىنىپ تۇرۇشى كېرەك .

كۆپ خىل قىزىقىش يېتىلدۈرۈڭ

ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرىمەن دەپلا يۈرمەي ، ئۆزىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىشى ، ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش ، مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ياكى يوقلۇقىنى كۈزىتىپ بېقىشى كېرەك . ئەگەر بۇنداق ئىقتىدارى بولمىسا ، ئۆزى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بىرەر ئىش بولسا ، دەرھال قول سېلىپ پۈتكۈزۈشى كېرەك . ئەگەر ئارزۇسىدىكىدەك بىرەر ئىشنى ئويلاپ تاپالمىسا ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئارام ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشتىن بىرنى تاللاپ ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىلسا بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۆزىڭىزگە خاس قىزىقىش يېتىلدۈرۈپلا قالماي ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ ، دوست تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز ، ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ بېيىتالايسىز .
داڭلىق يازغۇچى شۇمېر بىلەن ئاتېر كېلىن ئۆزلىرىنىڭ "نىكاھ يېتەكچىسى" ناملىق ئەسىرىدە : " ئەر - خوتۇنلار توي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇزاق مەزگىل بىر - بىرىدىن ئايرىلماي ياشايدۇ . ئۇلار ھەممە ئىشنى بىللە قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ . ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرگەندە ، تۇرمۇشتا ئۆزكۈزۈش پەيدا قىلىپ ، ئەر - خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ..... "  دەپ يازغان


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلى...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللار...
●  خانىم ، سىزگە يەنە ...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆ...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭ...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىت...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ م...
●  قىزلارنىڭ مۇنداق گ...
●  ئەقىللىق قىز بولاي ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلىن بول...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى بى...
●  خانىم ، سىزگە يەنە بىر ن...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلە...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭگۈ يا...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىتىدىغ...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ مۇۋاپ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى