ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 14:12:10 كۆرۈلۈش سانى : 20074
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق نۇرغۇن ئىشلىرى بولىدۇ . ئۇنداق ئىشلارنى ئەر بىلەن ئايال بىرلىكتە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .ئەمما ، بەزى ئائىلىلەردە ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ھامان ئايالنىڭ زىممىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ . ئەر بولسا ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق يۈرۈۋېرىدۇ ، بۇنداق ئەرگە قارىتا ئايال زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئادەتتە شۇنداق ئەرلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇكى ، ئايالى تاماق ئەتسە ، كىر - قات يۇسا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەم قىلماي قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ، ھەتتا ئايالنىڭ ئىشلەپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىپمۇ قويمىغان ، ئايالى كۈن بويى خىزمەت ھەم ئۆينىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرسە، ئېرى ئەتتىگىنى چىقىپ كەتكىنىچە يېرىم كېچە بولۇپ قالسىمۇ سايىسى كۆرۈنمىگەن . بۇنداق ئەھۋاللار ھەپتە - ھەپتىلەپ ، ئاي - ئايلاپ داۋام قىلىۋەرگەچكە ، ئايالىنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماي ، ئېرىنىڭ ھورۇنلىقىدىن ۋايسىغان ، ئاچچىقلانغان ، شۇنداقلا بۇنداق ياشاۋېرىشتىن ناھايىتى خورلۇق ھېس قىلىپ ، ئېرىگىمۇ ئىش تەقسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۈستىدىن نازارەت قىلغان . بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىقى تۈپۈيلى قېيىداپ تاماق ئەتمەي ئۆزىمۇ ، ئېرىمۇ ئاچ قۇرساق ئىشقا ماڭىدۇ . ئېرىنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى < مەندىن كۆڭلى قاپتۇ > دەپ چۈشۈنىپ سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئارقىسىدىن پايلاپ كۆزىتىدۇ ، ھەتتا جاھاننى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ ، جارقىرىشىدۇ . ئېنىقكى ، ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى توغرا ئەمەس . ئەمما ، ئايال بولغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشىنىڭ ئۆزى مەسىلىنى ھەل قىلالماي قالماستىن ، بەلكى ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئايال بولغۇچى كۆز ئالدىدىكى ئەنە شۇنداق ئىشلارغا قارىتا ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا توغرا ئۇسۇل قوللىنىپ ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك . پۈتۈن زېھنىنى كەسپكىلا مەركەزلەشتۈرۈش ، كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى . نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئۆز كەسپى بىلەن بولۇپ كەتكەچكە ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بولالمەيدۇ . < ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ۋاقىت جەدۋىلى > دە ئائىلە ئىشلىرى تىلغا ئېلىنمىغانلىقتىن ، ئائىلە ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ . بەزى ئەرلەردە مەنمەنلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغاچقا ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ ، ئائىلە ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالسا ئەرلەرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ ، باشقا ئەرلەر ئالدىدا ھەم ئايالى ئالدىدا گېپى گەپ بولماي قالىدىغاندەك ئويلاردا بولىدۇ . بەزى ئەرلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەم بەرگۈسى بولسىمۇ ، ئائىلە ئىشلىرىغا سەللا يېقىنلىشىپ قالسام كېيىن ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ماڭا قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، ئۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ . ئەنە شۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپۈيلى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەرلەرگە قارىتا خوتۇن بولغۇچىلار چوقۇم ئۇنداق قىلىشنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . كەسپچانلىقى كۈچلۈك ئەرگە قارىتا ئايال بولغۇچى ئېرىنى توغرا چۈشىنىشى ، قوللىشى كېرەك . چۈنكى ، كەسپچانلىقى كۈچلۈك ، ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى يۇقىرى بولۇش ھەرگىز كەمچىلىك ھېسابلانمايدۇ . كۆپلىگەن زىيالىيلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ، ئائىلىسىگە قايتىپ كىتاب كۆرىدۇ ، ئۆگىنىش قىلىدۇ . بۇنداق ئادەتنى ئايال بولغۇچى ھەرگىز < ئېرىم ھورۇن ، ئائىلىنىڭ ئىشىدىن قېچىپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ > دەپ قارىماسلىقى لازىم . ئەمەلىيەتتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئارام ئالماي ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىنمۇ ئېغىر بولۇپ ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ ، ئەرلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ، ئىزدىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئارقا تىرەك بولۇپ ، ئەمەلىي ياردىمى ئارقىلىق قوللىشى كېرەك . ئۆزىنىڭ ئەرلىكىدىن ئورۇنسىز ماختىنىدىغان مەنمەنچى ئەرلەرگە قارىتا ، ئايال بولغۇچى ئالدى بىلەن ئەرنىڭ كاللىسىدىكى فىئوداللىق خاتا ئىدىيىنى تازىلاپ ، ئەر - خوتۇنلار باراۋەر بولۇش مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى ، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى قەدىرلەشنى ھەم ئائىلىنىڭ بەختىنى قوغدىشىنى چىقىش قىلىپ ، ئەرنىڭ ئۇنداق مەنمەنچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر روھى بىلەن كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقىمۇ توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ماھىيىتى < ئەرلەر ئەزىز ، ئاياللار خار > دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشۈندۈرۈشى كېرەك . ھورۇن ئەرلەرگە قارىتا ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ ، ئائىلە ئىشلىرىنى ئورتاق قىلغاندا، تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بەزى قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇتۇش لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئايال بولغۇچى يەنە ئېرىگە ئائىلە ئىشلىرىنى ئورتاق قىلغاندا، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقنى ، جورىسى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغان ، كۆيۈنىدىغان ئەر ھەرگىز جورىسى ھارغىنىغا قارىماي ئالدىراش ئىش قىلىۋاتسا ياندا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ، ناۋادا شۇنداق قىلسا ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - شەپقەتتىن ، مۇھەببەتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى ، ئائىلىنىڭ بىر قىسىم ئىشلىرىنى ئەرگە ئېنىق تەقسىم قىلىپ بېرىپ ، ئەردە پەيدىنپەي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . يۇقىرىقىدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن باش تارتىدىغان ئەرلەرگە قارىتا ، شۇ ئەرنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىك ئۇسولنى قوللىنىش كېرەككى ، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىشنى ئوڭلايمەن دەپ ، چاتاقنىڭ چوڭىنى چىقىرىپ قويماسلىقى ، كەپنى سىلىق ، خۇش چىراي كەيپىياتتا قىلىشى ، شۇنداقلا مۇۋاپىق ئۇسولنى قوللىنىپ بەختلىك ئائىلە قۇرۇش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك .
مەنبە:«ئاياللار ۋە بەختلىك ئائىلە» دىن ئېلىندى. |
|