1. سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ. چۈنكى ئۇ سىزدىن يىراقلاشقاندا ئۈلگۈرەلمەي قالسىز .
2. ئىشەنىچلىك دوستنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىڭ . چۈنكى كىشىلىك ھاياتتا بۇنداق دوستقا ئېرىىشىش ئاسان ئەمەس.
3. ئېسىلزادىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇماڭ . چۈنكى ئۇ ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .
4. بۇرۇن سىزنى سۆيگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇماڭ . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاپ چۈشۈنىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھېساپلىنىدۇ .
5. بۇرۇن سىزگە ئۆچلۈك قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلىڭ. چۈنكى ئۇ سىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغۇچى ھېساپلىنىدۇ .
6. بۇرۇن سىزگە ئاسىيلىق قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ياخشى پىكىرلىشىڭ . چۈنكى ئۇ بولمىغان بولسا سىز بۈگۈنكى بۇ دۇنيانى چۈشەنمىگەن بۇلاتتىڭىز .
7. بۇرۇن سىز يۇشۇرۇنچە ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا بەخت تىلەڭ . چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەندە ، ئۇنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلغان .
8. تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىلغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىنى سىز بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ گۈزەل ئەسلىمىرىڭىزنىڭ بىر قىسمى.
9. بۇرۇن ئوتتۇراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىڭ . چۈنكى ، ئېھتىمال سىزنىڭ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىڭىز بۇلۇشى مۇمكىن.
10. ھاياتىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئادىمىزنىڭ سىزنى ھەقىقى سۆيگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىڭ . چۈنكى ، سىلەر ھازىر بەخت ۋە ھەقىقى سۆيگۈگە ئېرىشتىڭلاردە.