بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : خانىم - قىزلار >> خانىم - قىزلار پسىخىكىسى >> « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى

« 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 15:03:35    كۆرۈلۈش سانى : 7918  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

« 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك

< 3- شەخس >نىڭ پەيدا بولۇشى ھەر قانداق بەختلىك ئائىلىگە چۈشكەن كۈيە ، ئۇ جامائەتنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىشى كېرەك . شۇنداق ئىكەن . ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ < 3- شەخس > دىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدۇ ؟
ئالدى بىلەن ئەر - خوتۇنلار نىكاھتىن كېيىنكى ھېسسىياتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك .
ساپ ، ھەقىقىي ھېسسىيات __ نىكاھنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى . بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشى ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ . بىر قىسىم كىشىلەر نىكاھتىن ئىلگىرىكى ھېسسىياتىنىڭ يېتىلىشىگە دىققەت قىلىدۇ - يۇ ، ئەمما نىكاھتىن كېيىنكى ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا سەل قارايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئائىلىۋى تۇرمۇشى بارغانچە ئاددى ئۆتۈشكە باشلايدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىدۇ ياكى يوقايدۇ . ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانماق قىيىن ، ئامما بۇنداق زىددىيەتلەرنى ئۆز ئارا ياخشى نىيەت ئاساسىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش لازىم . ئەگەر ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ھەم ئىشەنچ يېتەرلىك بولمىسا ، ئورتاق تىل كەمچىل بولسا، بۇنداق ئەھۋاللار تەبىئىي ھالدا ئەرنىڭ سىرتقى قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ھېسسىيات جەھەتتە < 3- شەخس > بىلەن ئورتاقلىشىش پىسىخىكىسى ئۈچۈن زېمىن تەييارلايدۇ . بۇ ئەمەلىيەتتە < 3- شەخس > ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىك بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ مەيلى نىكاھتىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكى ئەھۋالدا بولسۇن ، ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشكە ، قويۇقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش ھەم ئەھىيەت بېرىش ، بۇنىڭ بىلەن نىكاھنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ ، ئائىلىنى يەنىمۇ بەختلىك قىلىش لازىم . ئىقتىساد - ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ ئاساسى . ئىقتىسادىي مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئائىلىۋى زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى . شۇڭا، تۇرمۇشتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ، ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەم داۋام قىلىشىغا قارىتا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ . بەزى ئائىلىلەردە ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشنى يا ئەر ، يا ئايال ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ . چىقىم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، يەنە بىر تەرەپكە مەسلىھەت سالماي ئۆزى بىلگەنچە بىر تەرەپ قىلىۋېرىدۇ . ئەگەر مۇشۇنداق مەسىلىلەردە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمەي ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈۋەرسە، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاخىر بىر كۈنى زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، بۇ مەسىلىدە ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرمەسلىك ، بىر تەرەپ ئۆزۈم باشقۇرىمەن دەپ تۇرۇۋالماسلىق ، ئۆزىنىڭ دېگىنى توغرا بولغان ھالەتتىمۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ ، مەسلىھەتلىشىش ئاساسىدا ئىش بېجىرىش لازىم .
پەرزەنتلەر ئەر - خوتۇنلۇق ھېسسىياتىنىڭ جەۋھىرى ، ئەر بىلەن خوتۇننى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بەلۋاغ . پەرزەنتلەر ئەر - خوتۇنلارغا ئالاھىدە خوشاللىق بەخش ئېتەلەيدۇ ، شۇنداقلا يەنە ئائىلىگە نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.
ئىككىنچىدىن ، ئەر - خوتۇنلار يات جىنىسلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا، باردى - كەلدى قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ھامان ئوخشاش جىنىسلىقلاردىنمۇ ، يات جىنىسلىقلاردىنمۇ دوستلىرى بولىدۇ . بۇ ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تەبىئىي ئېھتىياجى . پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى ، ئاللىبۇرۇن نىكاھلىق بولۇپ بولغانلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يات جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتكە توغرا مۇئامىلە قىلالماي ، < - 3 شەخس > نىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . مۇھەببەت ، بولۇپمۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تار مەنىدىكى مۇھەببەت __ بىر تەرەپكىلا مەنسۇپ بولغان ئالاھىدە ھېسسىيات بولۇپ ، بۇنداق ھېسسىيات پەقەت توي قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان مۇھەببەتلەشكۈچىلەردە ياكى ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ . نىكاھنىڭ سىرتىدىكى مۇھەببەت مەسئۇلىيەتسزلىك بولۇپ ، ئىجتىمائىي ئەخلاق تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خاتا ھەرىكەتتۇر . ئۇنداق ئىكەن ، دوستلۇق __ نىكاھنىڭ سىرتىدىكى ئومۇملۇق تۈسىنى ئالغان ھېسسىياتقا ئىگە. ئۇ ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن پەيدا بولغان تۇيغۇ بولۇپ ، بىر خىل جىنىسلىقلار بىلەن يات جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەۋجۇت .
كىشىلەر يات جىنىسلىقلار بىلەن باردى - كەلدى قىلغاندا، جەمئىيەتتە خاتا ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك . ناۋادا دىققەت قىلماي ، باردى - كەلدى قىلىش دوستلۇق سېزىقىدىن ھالقىپ كېتىپ قالسا، بۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىق بولۇپ ، مۇقەررەر ھالدا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ . ئىجتىمائىي رىئاللىق ئىسپاتلىدىكى ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى توغرا ئاڭلىمىغاندا، مۇھەببەت بىلەن دوستلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتتا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ- دە ، بۇ خىل بۇزۇلۇش ئائىلىدە < يېرىق> پەيدا قىلىپ < 3- شەخس > ئۈچۈن پۈرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلى...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللار...
●  خانىم ، سىزگە يەنە ...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆ...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭ...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىت...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ م...
●  قىزلارنىڭ مۇنداق گ...
●  ئەقىللىق قىز بولاي ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  توي كۈنى گۈزەل كېلىن بول...
●  قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى بى...
●  خانىم ، سىزگە يەنە بىر ن...
●  ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلە...
●  ئەر-ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ...
●  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز...
●  « 3- شەخس» نىڭ ئالدىنى ...
●  گۈزەللىك سىزگە مەڭگۈ يا...
●  ھاياتىڭىزدا ئۇچرىتىدىغ...
●  مۇھەببەتلىشىشنىڭ مۇۋاپ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى