گۈزەللىك ئىچكى گۈزەللىك، بىلەن تاشقى گۈزەللىكتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، خانىم - قىزلارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى بولسا ھايا، ئىپپەت، ئەخلاقلىقى بىلەن ئۆلچەنسە، تاشقى گۈزەللىك بولسا ، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى يۈز، تېرە، چاچ، چىش ۋە تىرناق قاتارلىق .... ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەن بۇ يەردە تاشقى گۈزەللىكتىكى ھۆسىن تۈزەشنى سۆزلىمەكچىمەن:
ھۆسىن تۈزەشنىڭ مەقسىتىگە قاراپ ئۇنى يۈزنى جۇڭيى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، داۋالاپ ھۆسىن تۈزەش، تولۇق ھۆسىن تۈزەش دەپ بىرقانچىگە بۆلۈنىدۇ.
مەن بۇ يەردە سىزگە چىراي گۈزەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەزىبىر بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرەي.
سىز چىرايىڭىزنىڭ قېرىشىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقالامسىز؟
1. سىزدە قۇۋۋەت يېتەرلىكمۇ؟
«قۇۋەت ئەزالاردىن كېلىدۇ، رەڭ قۇۋەتكە باقىدۇ». «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى تىبابەتچىلىك دەستۇرى» دا «ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە قۇۋۋەت يۈزگە چىقىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگگن. بۇنىڭدىن ئادەم بەدىنىدىكى كۈچ قۇۋۋەتنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان - تۇرمىغانلىقى چىرايىدىن بىلگىلى بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
روھى كۆتۈرەڭگۈ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان چىراينىڭ ساغلاملىققىلا ئەمەس، ھۆسىن گۈزەللىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2. يۈز تېرىڭىزنىڭ بەك ئاسان زەخىملىنىدىغىنى بىلەنسىز؟
توقۇلما ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ تېرىسى يۈزەكى تېرە، ھەقىقىي تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن. يۈزەكى تېرىدە ھەر خىل بەزلەر، ھەقىقىي تېرىدە زور مىقداردا كوللاگېن ۋە ئېلاستىكىلىق تالالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە تېرىمىز پارقىراق، سىلىق ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر تاشقى ئامىللارنىڭ زەخىمىسىگە ئۇچرىسا، تېرىدە تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ ۋە گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تېرىلەر ئىچىدە، ئادەم يۈزىنىڭ يۈزەكى تېرىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، تېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ چىراي قىسمىدا ئىپادىلىنىشى گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز سىرتقى دۇنيا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ. مانا بۇلار تەبىئىيلا يۈزنىڭ گۈزەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئورۇن ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.
3. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىراي قېرىيدۇ.
تېرە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە تېرە تۈزۈلۈشى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، يۇمران ۋە نازۇك بولىدۇ. ياشلىق مەزگىلىگە كەلگەندە، تېرە ئاستا - ئاستا تولۇق يېتىلىدۇ ۋە ئىقتىدار ھەم تۈزۈلۈش جەھەتتە مۇكەممەللىشىىپ، قىزىل، سىلىق ۋە پارقىراق كۆرۈنىدۇ. ياشلىق باھارىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تېرىدىكى بەزلەر يىگىلەپ، ئىچكى ئاجرالمىلار ئازىيىپ، ئىلاستىكىلىق ۋە كوللاگېن تالالار مولېكۇلىلىرى ئۈزۈلۈپ، پارچىلىنىپ، تېرە ئاستىدىكى مايلار ئاستا - ئاستا ئازىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرە قېرىشقا باشلايدۇ ۋە قۇرغاقلىشىپ ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، قورۇق پەيدا قىلىدۇ.
4. ناچار تۇرمۇش ئادىتىنىڭ قورۇق چۈشۈشنى تېزلىتىۋېتىدىغىنىنى بىلەمسىز؟
نورمال چىراي ھەرىكىتى چىراي مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يۈزدىكى قان ئايلىنىش ۋە مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈزدىكى نېرۋا، ماي توقۇلمىلىرى ۋە يۈزنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا ياشلىق باھارىمىزنى مەڭگۈ جۇلالىتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ناچار بولغان چىراي ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەتلەر چىرايىمىزدىكى توقۇلمىلارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ قېرىشنى تېزلىتىدۇ. مەسىلەن: بارمىقىنى شۈمۈش، تىرناق ۋە قەلەم چىشلەش، ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەر چىراي مۇسكۇللىرى تېرىسىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان چىشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
ئاغزىدا نەپەسلىنىش ۋە يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپتىلا چايناشلارمۇ چىراي مۇسكۇللىرىدا غەلىتىلىك پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈزدىكى قورۇقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمىسىنى تۈرۈش، ئاغزىنى دومسايتىش، ئەسنەش، كۆز قىسىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ يۈزدىكى قورۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى قېرىماي تۇرۇپلا چىرايىغا قورۇق چۈشۈشنىڭ سەۋەبىدۇر.
5. كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ھۆسىنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
مۇۋاپىق قۇياش نۇرى تېرىنى ساغلام ۋە چىرايلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ ھەقىقىي تېرىدىكى كوللاگېن ۋە ئىلاستىكىلىق تالالارغا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق رولى بار. كۈن نۇرىغا ئۇزاق ۋاقىت چۈشكەندە، ئىلاستىكىلىق كوللاگېن مولېكۇلالىرىنى پارچىلاپ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈچلۈك قۇياش نۇرى غىدىقلاپ بىزنى كۆز قىسىشقا مەجبۇرلايدۇ. كۆز قىسىش قورۇقنى چوڭقۇرلىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا، قۇياش نۇرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، كۈچلۈك كۈن نۇرىدا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم.