ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئۆپكە كېسەللىكى >> كىرگىت پەردە ياللۇغى

كىرگىت پەردە ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:15:55    كۆرۈلۈش سانى : 1  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
كىرگىت پەردىنىڭ كۆكرەك پەردە ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە ياكى كۆكرەك پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇستەقىل ھالدا ياللۇغلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، قەدىمكى تېبابەتتە يەنىلا كۆكرەك پەردە ياللۇغى )زاتىلجەنبە( قاتارىدا ھېسابلىنىپ كەلگەن. كىرگىت پەردە )ھىجابى ھاجىزە( نىڭ نەپەس ئەزالىرى بىلەن قورساقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆندىلەڭ تۇرغۇچى پەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوخشاشمىغان كۆزقاراشلار بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ھۆكۈمالار بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئالامىتى:  يۇقىرىقى قورساق قىسمى ۋە يېتىم قوۋۇرغىلار ئارىلىقلىرىدا قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ. كېيىنچە ئوڭ تەرەپ جىگەر ئەتراپىدا سانجىقسىمان ئاغرىق بىلىنىدۇ. يۆتەل كېسەلنى بەك ئازابلايدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، قۇرۇق ھۆ ئاغرىشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ ھوشىدىن كەتكۈزىدۇ. قورساق ئەتراپىنى تۇتۇپ كۆرگەندە قىزىق سېزىلىدۇ، ئومۇمەن ھارارەتمۇ بولىدۇ. يۆتەل بەلغەمسىز بولۇپ، كېسەل ئەس - ھوشىنى يوقىتىدۇ. بۇ ھال مېڭىگە تەسىر يەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، مېڭە پەردە ياللۇغى )سەرسام( بىلەن ئوخشىتىپ بەرسام دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. داۋاسى:  پاچاق ئەتراپىغا ھىجامەت قويۇش بىلەن يەرلىك ئورۇنغا ماددىلارنى پىشۇرغۇچى ۋە تارقاتقۇچى )مۇھلىل( سۈرتۈش لازىم. مەسىلەن: بابۇنە، بىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئارپا ئۇنى، پۇرچاق، زىغىرلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، بىرئاز قىزىتىپ ئاغرىق جايغا قويۇلىدۇ. تەرەتنى راۋان قىلىش ئۈچۈن كۆكرەك پەردە ياللۇغىدا كۆرسىتىلگەن ھۆقنە ۋە باشقا چارىلار قىلىنىدۇ. 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

8. كۆكرەك بوشلۇقىغا ...
كىرگىت پەردە ياللۇ...
غەيرىي ھەقىقىي كۆك...
سەۋدادىن بولغان ئۆ...
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ د...
قان تۈكۈرەمسىز، ئۇ...
ئۆپكە مىزاجىنىڭ قۇ...
ئۆپكە ياللۇغى
ئۆپكە سىلى
ئۆپكە ۋە كىرگىت پەر...
نەزلە ماددىسى مېڭى...
يۆتەل بولسىڭىز ساق...
دىمىڭىز سىقىلاندۇ،...
كۆكرەك پەردە ياللۇ...
يۇتۇش قىيىنلىشىش
كىچىك تىل بوشىشىپ ك...
ئېغىزدىن شۆلگەي ئې...
قىزىلئۆڭگەچ يارىسى
ئۆپكە مەنبەلىك يۈر...
ئۆپكە سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

8. كۆكرەك بوشلۇقىغا يىرى...
كىرگىت پەردە ياللۇغى
غەيرىي ھەقىقىي كۆكرەك پ...
سەۋدادىن بولغان ئۆپكە ي...
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ داۋاسى...
قان تۈكۈرەمسىز، ئۇنداقت...
ئۆپكە مىزاجىنىڭ قۇرۇق ئ...
ئۆپكە ياللۇغى
ئۆپكە سىلى
ئۆپكە ۋە كىرگىت پەردىدە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316