ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئۆپكە كېسەللىكى >> غەيرىي ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىنىڭ داۋاسى مۇشۇ يەردە

غەيرىي ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىنىڭ داۋاسى مۇشۇ يەردە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 10:51:10    كۆرۈلۈش سانى : 1  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
[align=center][color=#FF00CC][size=7] غەيرىي ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغى.[/size][/color][/align] بۇ خىلدىكى كۆكرەك پەردە ياللۇغى سەۋەبلىرىگە قاراپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: 1( قوۋۇرغىلارنى سىرتقى تەرەپتىن ئوراپ تۇرغۇچى سۆڭەك پەردىلىرىنىڭ ياللۇغى: تاشقى زەربە )يىقىلىش، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار( بىلەن كۆكرەك سىرتقى پەردىسىگە ئىششىق ھاسىل قىلىدۇ. ئورۇنلاشقان جاي جەھەتتىن ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەنسىمۇ، ئالامەتلەر جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما، خەتىرى ئاز. ئالامىتى:  سانجىقسىمان ئاغرىيدۇ، تومۇر ھەرىكىتى ۋە قىزىتمىلار بەزىدە ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن بەزىدە بولمايدۇ. ئاغرىپ تۇرغان جايدا پۇلتىيىپ تۇرغان ئىششىق روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. باسقاندا قاتتىق ئاغرىيدۇ، يۆتەل بولىدۇ، بەلغەم بولمايدۇ. داۋالاشتا ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىدەك داۋالىنىدۇ. بولۇپمۇ سىرتتىن چاپقۇچى دورىلارنىڭ مەنپەئەتى كۆپرەك. 2( قويۇق يەللەرنىڭ قوۋۇرغا ئارىلىق گۆشلىرىگە چۈشۈشىدىن بولغان ساختا كۆكرەك پەردە ياللۇغى: قوۋۇرغا ئارىلىقلىرى قاتتىق ئاغرىپ نەپەس ئېلىشقا تەسىر قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كۆكرەك پەردە ياللۇغىنى بەزى تېۋىپلار ھەقىقىي دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىششىقنىڭ كۆرۈنمەسلىكى بىلەن بىرىنچى تۈردىكى ساختا كۆكرەك پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالاھىدە، ئېغىر بولغان ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ھەقىقىي كۆكرەك پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن. داۋاسى:  بەلغەم ماددىسىنى تازىلاش، سىرتتىن ئىسسىق دورىلارنى سۈرۈش لازىم. مەسىلەن: پىرسىياۋشان، بۇغداي كېپىكى، ئاق لەيلىگۈلى، بۇغا مۈڭگۈزى، بىنەپشە قاتارلىقلارنى بابۇنە يېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىرتتىن چېپىش لازىم ھەم ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. كۆكرەك پەردە ياللۇغىنىڭ يەنە بىر تۈرى بوغۇلۇش خاراكتېرلىك كۆكرەك پەردە ياللۇغى )زاتىلجەنبە خەنناقى( دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا ياللۇغلىنىش ئاساسەن كۆكرەك پەردىسىنىڭ تۆۋەندىكى قىسمى يەنى كىرگىت پەردە قىسمىدا بولۇپ، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ نەپەس ئالغاندا ئاغرىش بەكمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، كېسەل نەپەس ئالماي خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ھال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتسە، كېسەل بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ. بۇنى داۋالاشتا بىرىنچى تۈردىكى كۆكرەك پەردە ياللۇغىنىڭ بىرىنچى خىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

8. كۆكرەك بوشلۇقىغا ...
كىرگىت پەردە ياللۇ...
غەيرىي ھەقىقىي كۆك...
سەۋدادىن بولغان ئۆ...
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ د...
قان تۈكۈرەمسىز، ئۇ...
ئۆپكە مىزاجىنىڭ قۇ...
ئۆپكە ياللۇغى
ئۆپكە سىلى
ئۆپكە ۋە كىرگىت پەر...
نەزلە ماددىسى مېڭى...
يۆتەل بولسىڭىز ساق...
دىمىڭىز سىقىلاندۇ،...
كۆكرەك پەردە ياللۇ...
يۇتۇش قىيىنلىشىش
كىچىك تىل بوشىشىپ ك...
ئېغىزدىن شۆلگەي ئې...
قىزىلئۆڭگەچ يارىسى
ئۆپكە مەنبەلىك يۈر...
ئۆپكە سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

8. كۆكرەك بوشلۇقىغا يىرى...
كىرگىت پەردە ياللۇغى
غەيرىي ھەقىقىي كۆكرەك پ...
سەۋدادىن بولغان ئۆپكە ي...
ئۆپكە ياللۇغىنىڭ داۋاسى...
قان تۈكۈرەمسىز، ئۇنداقت...
ئۆپكە مىزاجىنىڭ قۇرۇق ئ...
ئۆپكە ياللۇغى
ئۆپكە سىلى
ئۆپكە ۋە كىرگىت پەردىدە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316