ئۆپكە ياللۇغىنىڭ داۋاسى مۇشۇ يەردە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 13:15:44 كۆرۈلۈش سانى : 0
بەلغەم ماددىسىدىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى.
ھارارەت ۋە رەڭگىنىڭ قىزىللىقى بولمايدۇ. نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىر بولۇپ، كۆپ مىقداردا يېپىشقاق بەلغەم چىقىرىدۇ. ئۆپكىدىن خىرقىراش تاۋۇشلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئەمما ياللۇغلىنىشنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ئارىلاپ قىزىتما پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.
داۋاسى: تەبىئەتنى يۇمشاتقۇچى مەتبۇخى مۇلەييىن )تەرەتنى يۇمشاتقۇچى قايناتما( )تەركىبى: سەرپىستان، چىلان 25 دانىدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە ئون گرامدىن، بابۇنە يەتتە گرام، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىن يېرىم كىلوگرامدىن >سوقۇلمايدۇ< ئېلىپ، سوقمايدىغان دورىلارنى يېرىم چوڭ چىنە قايناق سۇغا چىلاپ، تۆت سائەتچە دۈملەپ قويغاندىن كېيىن سىقىپ سۈزۈۋېلىپ، قالغان دورىلارنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، سۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياللۇغلىنىش قايتۇرغۇچى دورىلار كۆكرەك سىرتىدىن سۈرتۈلىدۇ. زۇپا شەربىتى Ⅱ ) تەركىبى: ئارپىبەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى 17 گرامدىن، زۇپا، پىرسىياۋشيان 23 گرامدىن، ئەنجۈر، چىلان، سەرپىستان ھەربىرى 02 دانىدىن، ئۇرۇقسىز چوڭ ئۈزۈم 99 گرام، شۇمشا ئۇرۇقى، گۈلسەۋسەن، پاراسيون ئون گرامدىن، قەنت 660 گرام، گۈلقەنىتتىن 330 گرام >ئەگەر مۆتىلدىرەك قىلىش لازىم بولسا نېلۇپەر، كۆكنار ئۇرۇقىدىن ئون گرامدىن ئېلىنىدۇ. >گۈلقەنت ئورنىغا تەرەنجىبىن سالسا بولىدۇ< ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ، ئۈچ چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ سىقىۋېتىپ، ئۈستىگە قەنت سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. كېيىن گۈلقەنت سېلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە ئاش قوشۇقىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
|
|