سەۋدادىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى~داۋاسى مۇشۇ يەردە
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-03 11:59:24 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئۆپكىدىكى ماددىلارنىڭ سۇيۇقلۇق قىسمى تارقىلىپ، قاتتىق قىسمى قېپقالىدۇ. بۇنىڭغا سەۋدا ماددىسى ياكى قويۇق بەلغەم كۆپرەك سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى: ئاساسەن نەپەس قىيىنلىشىش )نەپەس ئېلىش قىيىن بولىدۇ(، قۇرۇق بولۇش، ھارارەت بولماسلىق، كېسەلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ئىبارەت.
قەدىمكى زامان تېۋىپلىرى زاتىلنىڭ بۇ قىسمىدا ئۆپكىدە خۇددى بۆرەكتىكى تاشقا ئوخشاش تاش ھاسىل بولغانلىقى توغرىسىدا يېزىپ قالدۇرغان. تاش ھاسىل بولغاندىن كېيىن يۆتەل پەسىيىپ قالىدۇ.
داۋاسى: ئىچىنى يۇمشاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. زىغىر لوئابى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بادام يېغى، قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆكرەك قىسمىغا چېپىش لازىم. سانا، ئىتئۈزۈمى، پۇنۇس، ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرەنجىبىن قاتارلىق دورىلاردىن تەركىب تاپقان قايناتما بېرىلىدۇ ۋە ياۋا پىياز شىرنىسىنى يەتتە گرامدىن كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن بېرىلىدۇ. ياۋا پىياز شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى: ئون گرام ياۋا پىياز )ئەنسىل( نى پىشۇرۇپ، گۈلسەۋسەن يىلتىزىدىن يەتتە گرام، كۈدە ئۇرۇقى، زۇپادىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككى ھەسسە ھەسەل بىلەن تەييارلىنىدۇ.
|
|