ئۆپكە ياللۇغى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-27 13:19:09 كۆرۈلۈش سانى : 0
بۇ، ئۆپكىنىڭ ياللۇغلىنىشلىق زەھەرلىنىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
سەۋەبى: مېڭىدىن ئىسسىق ياكى سوغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ ياكى زۇكام، نەزلە ماددىسى بىلەن تۈرلۈك زەھەرلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئۆپكىگە قۇيۇلۇشى؛ بوغما ياكى گال ئەتراپىدىكى باشقا جاراھەتلەرنىڭ يىرىڭلىق ئاجرالمىلىرىنىڭ ئۆپكىگە چۈشۈشى؛ ئۆپكىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىنىڭ ياللۇغى )زاتىلجەنبە( ياكى )كىرگىت گۆش( پەردىنىڭ ياللۇغلىنىشلىرىدا يىرىڭ ۋە ئىششىق ئۆپكىگە ئۆتۈش؛ ئۆپكىنىڭ ئۆزىدە سۇ يىغىلىپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇزۇلۇپ، ئۆپكىدە ياللۇغلىنىش ھاسىل قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۆپكە ياللۇغىنىڭ مۇھىم سەۋەبى قان ۋە ئارتۇقچە بەلغەم بولۇپ، سەپرا تۈپەيلىدىن كەمرەك كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە نەزلىدىن كېيىن قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئۆپكىنىڭ زەھەرلىنىشى يۈرەككە تەسىر قىلىدۇ. ئۆپكىدىكى خىلىتلارنىڭ تارقىلىشى قىيىن بىر مەسىلە. ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبلىرىگە قاراپ تۆۋەندىكىچە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى.
ئالامىتى: قىزىتمىسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى بولۇشى بىلەن ئاغرىق كۆكرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق، كېيىنچە قاتتىق ئاغرىش سېزىدۇ. يۈز ۋە كۆزلىرى قىزارغان، بولۇپمۇ ئىككى ئېڭەك قىسمى روشەن قىزارغان ھالدا بولىدۇ. ئېغىر كېسەللەرنىڭ قاپاقلىرى ئىششىغاندەك كۆرۈنىدۇ. تەشنالىق كۆپ بولۇپ، تىلى قېلىن گەز باغلايدۇ. تومۇرى دولقۇنسىمان سالىدۇ. بىمارنى يۆتەل بەكمۇ ئازابلايدۇ، سوغۇقتىن راھەتلىنىدۇ، كۆڭلى سوغۇق نەرسىلەرنى تارتىدۇ. ئەگەر ياللۇغلىنىش ئۆپكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا بولسا نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىر بولىدۇ. يەنە بۇلاردىن باشقا، خىلىتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈرلۈك ئالامەتلەرمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ياللۇغلىنىش ئۆپكىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدا بولسا، كېسەل كۆكرەك ئارقا قىسمى، تاغاق ئارىلىقىنىڭ ئاغرىشىدىن زارلىنىدۇ.
ئۆپكىدىكى ياللۇغ ئومۇمەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال بىلەن ئۆزگىرىدۇ:
1( ماددا پىشىدۇ ۋە بەلغەم ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. بەلغەم ئاز ۋە ئۇنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتى سەۋەبچى ماددىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، نەتىجىدە ياللۇغلىنىشتىن قايتىپ، باشقا بەلگىلىرى يەڭگىللىشىپ، بەلغەم ئاسان چىقىدىغان بولىدۇ.
2( يىرىڭ يىغىپ ئەھۋال ئېغىرلىشىدۇ، ياللۇغلانغان جاي تېشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېغىزىدىن بېلىق پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق بولسا يىرىڭ بەلغەم بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆپكە ماددىلاردىن تازىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا يىرىڭ باشقا ئەزالارغا تارقاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە باشقا كېسەللىك قوشۇلىدۇ. يىرىڭ يىغىلىشقا باشلىغاندا كېسەلنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ماددا پىشقاندا قىزىتما پەسىيىدۇ، ئاغرىشمۇ بولمايدۇ. لېكىن كۆكرەك قىسمىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر تېشىلسە يەنە ھارارەت قايتىدىن باشلىنىپ، ئاغرىق تىترەيدۇ.
3( ماددىلارنىڭ سۇيۇق قىسمى تارقاپ كېتىپ، قويۇق قىسمى قېتىپ قالىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ. بۇ چاغدا باشقا ئالامەتلىرى يېنىكلەشكەندەك سېزىلىدۇ. ئەمما نەپەس قىيىنلىشىش ئەۋج ئېلىپ، قۇرۇق يۆتەل ۋە كۆكرەكتە ئېغىرلىق ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ تېشىلىشى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇنداقلارنى داۋالاشتا ئۆپكىدىكى بۇ خىل قالدۇقنى چىقىرىشقا دىققەت قىلىش لازىم.
داۋاسى: قان ئېلىش ۋە تەبىئەتنى يۇمشاتقۇچى سۈرگىلەرنى بېرىش، ھۆقنە قىلىش لازىم.
قان ئېلىشتا ئەگەر كېسەللىك نەزلىدىن بولسا قىيپال تومۇرىدىن، قاندىن بولسا سافىن، كېيىن باسلىقتىن ئېلىنىدۇ. قان ئالىدىغان تومۇرلارنى تاللاشتا تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە تاللاش كېرەك. )1( كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئۈچىنچى كۈنلىرى قان ئالغاندا زەھەرلەنگەن ئۆپكىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تومۇرلاردىن ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئوڭ تەرەپ ئۆپكە ياللۇغلانغاندا سول تەرەپتىن ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى كۈنىدىن كېيىن قان ئېلىشقا توغرا كەلگەندە زەھەرلەنگەن ئۆپكە تەرىپىدىن ئېلىنىدۇ. ئۆپكىنىڭ قايسى تەرەپتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن شۇ تەرەپ كۆكرەكنىڭ ئېغىرلىق سېزىشى، شۇ تەرەپ يۈز قىسىمىنىڭ قىزىرىپ تۇرۇشى، ئاغرىق ياتقاندا شۇ تەرەپ ئېغىز بۇرجىكىدىن شۆلگەي ئېقىپ تۇرۇشلار ئاساس قىلىنىدۇ ياكى ئاغرىق قايسى تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا بەلغەم كۆپ چىقسا، ياللۇغلىنىش ئۆپكىنىڭ شۇ تەرىپىدە ھەم بېسىپ كۆرگەندە ئاغرىق كۈچەيگەن تەرىپىدە ياللۇغلىنىش بولىدۇ.
سۈرگە بېرىش مەسىلىسىدە جالىنۇس ھېكىمنىڭ پىكرىچە، ھارارەت يۇقىرى بولسا قان ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىش كېرەك. بۇ تېۋىپنىڭ كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ قارار قىلىشىغا باغلىق مەسىلە. بېرىلىدىغان سۈرگە يۇمشاتقۇچى قايناتمىلار بولۇشى كېرەك ۋە تۆۋەندىكى دورىلار بىلەن ھۆقنە قىلىنىدۇ: مەتبۇخى مۇلەييىن )تەركىبى: سەرپىستان، چىلان 25 دانىدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە ئون گرامدىن، بابۇنە يەتتە گرام، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىندىن يېرىم كىلوگرامدىن >سوقۇلمايدۇ< ئېلىپ، سوقمايدىغان دورىلارنى يېرىم چوڭ چىنە قايناق سۇغا چىلاپ، تۆت سائەتچە دۈملەپ قويغاندىن كېيىن سىقىپ سۈزۈۋېلىپ، قالغان دورىلارنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، سۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىنەپشە، ئىتئۈزۈمى، ئاق لەيلىگۈلى ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، سەرپىستان، چىلان 20 دانىدىن، ئەينۇلا بەش دانە، زاراڭزا چېچىكى 22 گرام، قىزىلگۈل، قارا شېكەر، قىزىلچا 50 گرامدىن، گۈل يېغىدىن ئون گرام )سېرىقماي بولسىمۇ بولىدۇ( ئېلىپ، ھۆقنە سۇيۇقلۇقى تەييارلاش چارىلىرى بويىچە تەييارلىنىدۇ ھۆقنە قىلىنىدۇ. بۇلارنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق سەندەل، ئارپا ئۇنى، سېمىزئوت سۈيىنى بىرئاز بىنەپشە يېغى بىلەن كۆكرەككە سۈرتۈش ۋە بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، ئاق لەيلى، بىنەپشىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، بابۇنە يېغى بىلەن كۆكرەكنىڭ كۆپ ئاغرىغان جايىغا سۈركەش لازىم. بۇ ئىششىقنى يۇمشىتىش ۋە ياندۇرۇش تەسىر بېرىدۇ. نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىر بولسا، ئىسپىغۇل لوئابىنى بىرئاز قەنت سېلىپ بېرىش ياكى كۆكرەك ئەتراپلىرىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئانار شەربىتى )تەركىبى: تاتلىق ئانار دانىسى بىر ھەسسە، ئاچچىق ئانار دانىسى يېرىم ھەسسە، شېكەردىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، ئانار دانىلىرىنى پاكىز نەرسە بىلەن سىقىپ، سۈزۈپ، شېكەرنى سېلىپ، ئوتنى سۇس قالاپ ھوشيارلىق بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ، >ئوتنى كۈچلۈك قالاپ، شەربەت كۆيۈپ قارىداپ كېتىشتىن ساقلىنىش شەرت<. كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ(، نېلۇپەر شەربىتى ۋە باشقا ئەرەقلەرنى بېرىش بىلەن بەك چۈچۈمەل بولمىغان سىركەنجىۋىل بېرىش كۆكرەكنى ماددىلاردىن تازىلاش، ھارارەتنى پەسەيتىش ۋە تەشنالىقنى قاندۇرۇش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر كاپۇر، ئارپا، كاسىنە سۈيى، تەرخەمەك، قوغۇن، تاۋۇز، قاپاقلارنىڭ سۈيى ۋە ئىسپىغۇل لوئابى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئوسۇڭ سۈيى ۋە ئانار سۇلىرىنى ئېھتىياجىغا لايىق ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
شەربىتى خەشخاش قاتارلىق تۇتقۇچى شەربەتلەر بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. |
|