ئۆپكە مىزاجىنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىققا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن بولغان يۆتەل
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 12:59:23 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئاچلىق ۋە تەشنالىق ۋاقىتلىرىدا ئېغىرلىشىپ، مۇنچىغا كىرگەندە ياكى قورسىقى تويغاندا يېنىكلىشىپ قالىدۇ. يۆتەل بىلەن نەپەس قىيىنلىشىش بىرلىكتە كېلىپ ئاغرىق ئورۇقلايدۇ، بەلغەم بولمايدۇ، تومۇر ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، بەزىدە قىزىتما بولىدۇ.
داۋاسى: ئىسپىغۇل لوئابى ياكى ئارپا سۈيى بېرىلىدۇ. بادام يېغى بىلەن سوڭ )مەقئەت(، تاپان ۋە كۆكرەك ياغلىنىدۇ. قويۇقلاشتۇرۇلغان چۈچۈكبۇيا قاينىتىلمىسى، قاپاق ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، نىشاستە، كەتىرا، گۈلبىنەپشىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئىسپىغۇل لوئابى ۋە تۇخۇم ئېقى بىلەن تەييارلانغان كۇمىلاچنى ئېھتىياجغا قاراپ ئېغىز ئىچىدە شۈمۈپ تۇرۇشقا بېرىلىدۇ.
|
|