قۇلاقتىن قان ئېقىش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-22 11:48:55 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئەگەر قاننىڭ بەك زىيادىلىكىدىن بولسا، بەدەندە قان زىيادىلىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. مۇنداق ھاللاردا قىيپال تومۇردىن قان ئېلىش لازىم. زەربە نەتىجىسىدىن بولسا موزىنى سىركە بىلەن قاينىتىپ، قۇلاققا تامغۇزۇش كېرەك. ئەگەر قىزىتما بوھراندىن بولۇپ، كېسەلنىڭ ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بولمىسا قاننى توختاتماسلىق لازىم.
يىلان، چايان قاتارلىق زەھەرلىك جاندارنىڭ چېقىشى بىلەن قۇلاقتىن قان كەلسە، زەھەرنى قايتۇرۇش چارىلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈش لازىم.
بۇلاردىن باشقا قۇلاقنىڭ دائىم قىچىشىشى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا ئەپسەنتىننى سىركە بىلەن قاينىتىپ، سۈزۈپ، ئاچچىق بادام يېغى بىلەن قۇلاققا تامغۇزۇلىدۇ. |
|