ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> قۇلاق كېسەللىكى >> قۇلاق ياللۇغى

قۇلاق ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:58:33    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ياكى يۇقۇملىنىش، چاقا - مۇدۇرلارنىڭ چىقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   قۇلاق چىڭقىلىپ قادىلىپ باش قوشۇلۇپ ئاغرىش،  ئېغىرلىق سېزىلىش،    ئىششىش، ئاغرىش  ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، بابۇنە، زىغىر 30 گرامدىن، كۈنجۈت يېغى 100 گرام، ئاق موم 50 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   موم ۋە كۈنجۈت يېغىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ كۈنجۈت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە مونى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ئەتراپىغا چېپىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سۇزاپ سۈيى 420 گرام، قىزىل قىچا، ئاق قىچا، ئاقىرقەرھا ئۈچ گرامدىن، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغى 270 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇزاپ سۈيىگە چىلاپ، كۈنجۈت ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى قۇيۇپ، سۈيى پارغا ئايلىنىپ بولغۇچە قاينىتىپ رەۋغەن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   پىياز سۈيى 100 گرام، سىركە 50 گرام، سوقۇلغان ئەنزىرۇت 10 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ قۇلاقتىن قان ئېقىش
◇ قۇلاق غوڭۇلداش
◇ ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى
◇ سوغۇقتىن بولغان قۇ...
◇ قاش ئوتتۇرىسى ئاغر...
◇ [تىبابەت]قۇلاق ئاغر...
◇ قۇلاق ئاغرىش
◇ قۇلاق ياللۇغى
◇ قۇلاق ئاقمىسى
◇ گاسلىق
◇ قۇلاق ئاستى بېزى يا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ قۇلاقتىن قان ئېقىش
◇ قۇلاق غوڭۇلداش
◇ ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى
◇ سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئ...
◇ قاش ئوتتۇرىسى ئاغرىش
◇ [تىبابەت]قۇلاق ئاغرىقى
◇ قۇلاق ئاغرىش
◇ قۇلاق ياللۇغى
◇ قۇلاق ئاقمىسى
◇ گاسلىق
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316