قۇلاق ئاغرىش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:58:52 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ مىجەزى بۇزۇلۇش، يەل، ئىسسىق - سوغۇق تەسىر قىلىش، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، قۇلاققا سۇ، ھاشارات ياكى باشقا يات ماددىلار كىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قۇلاق ئىچى ئاغرىش، قۇلاق ئىچى ۋە سىرتى ئىششىش، بەزىدە ئىششىق سەۋەبىدىن ئاڭلاش تەسىرگە ئۇچراش، قۇلاققا قوشۇلۇپ باشمۇ ئاغرىش، بەزىدە ۋاقىتلىق گاسلىق كېلىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
سىركە 30 مىللىلىتىر، گۈل يېغى، تاتلىق بادام يېغى 15 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا خاس ياغ قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
تۇرۇپ سۈيى 600 مىللىلىتىر، كۈنجۈت يېغى 200 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
تۇرۇپ سۈيىنى كۈنجۈت يېغى بىلەن سۈيى تۈگىگىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئاچچىقتاۋۇز 75 گرام، تاغ پىيىزى، غارىقۇن، سوقمۇنىيا، قارا خەربەق، ئۇشەق، ئۈستقۇدرىيۇن 12 گرامدىن، سېرىق ئوت، مۇقىل، سەبرە سۇقۇترى، كامازىرىيۇس 5.7 گرامدىن، ھاشا (تاغ يالپۇزى)، رۇمبەدىيان، سازەج ھىندى، ياۋا تاغ كۈدىسى ئۇرۇقى، پەرپىيۇن، ھۇماما، زەنجىۋىل، جۆئدە، سەلىخە، ئاقمۇچ، جاۋاشىر، قۇندۇز قەھرى، سۇمبۇل، پەتەر ئاسالىيۇن، ئۇزۇن زىراۋەندە، ئەمەن ئوسارىسى ئالتە گرامدىن، جىنتىيانا، ئۈستىقۇددۇس ئۈچ گرامدىن، ھەسەل 850 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ، 40 كۈن ساقلاپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|