ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-15 09:06:55 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى — ئاڭلاش قابىلىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى )تەرەش(، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى پاڭلىق )ۋەقىرى( ۋە تۇغما پاڭلىق )سۇمام( دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.
سەۋەبى: تۇغما بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ داۋاسى يوق؛ قۇلاقنىڭ ھاۋا كىرىش يوللىرىغا توسالغۇ پەيدا بولۇشى؛ قېرىلىق نەتىجىسىدە مىزاجنىڭ قۇرۇق سوغۇقلۇققا ئۆزگىرىشى؛ يىقىلىش ياكى ئۇرۇلۇش نەتىجىسىدە ئاڭلاش ئەسەبلىرىنىڭ زەھەرلىنىشى؛ كېزىك قاتارلىق قىزىتمىلىق ئاغرىقلاردا بۆھران بولغاندا تەرلەش بىلەن سەپرا ماددىسى قۇلاققا كېلىپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە گاسلىق پەيدا بولىدۇ ياكى كېزىكنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىمۇ گاسلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق ھالەتتىكى مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى قۇلاق ئەسەبلىرىنى ھەرخىل دەرىجىدە زەھەرلەپ ئاڭلاشنى بۇزۇپ قويىدۇ.
ئالامىتى: مىزاج بۇزۇلمىغان تۈرلىرىدە ئالاھىدە ئالامەتلەر بولمايدۇ. پەقەت ئاڭلاشنىڭ ھەرخىل دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. مىجەز بۇزۇلغان تۈرلىرىدە بولسا، قۇلاقنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئاغرىش ۋە ئېچىشىش بولىدۇ. سوغۇقلۇق تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن بولسا، سوغۇق دورا ياكى سوغۇق ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرى پاڭلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئىسسىقتىن بولغانلىرىدا بولسا ئىسسىقلىق قىلىش زەرەر قىلىدۇ.
داۋاسى: تۇغما پاڭ، قېرىلىقتىكى ۋە توسالغۇلار نەتىجىسىدىكى پاڭلىق ساقايمايدۇ. ئاڭلاش ئەسەبلىرىنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن بولغان پاڭلىقمۇ تولۇق ساقايماسلىقى مۇمكىن. كېزىك ئاغرىقلىرىدىن بولغان پاڭلىقتا ئالدى بىلەن مەتبۇخ ھېلىلە )تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 33 گرام، تەمرى ھىندى 66 گرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان، بىنەپشە، كىچىك سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى ۋە كاسىنە ئۇرۇقى 16 گرامدىن، پۇنۇس 82 گرام، تەرەنجىبىندىن 66 گرامدىن ئېلىپ، پۇنۇس ۋە تەرەنجىبىندىن باشقىلارنى چالا سوقۇپ >ئەينۇلا پارچىلاپ قويۇلسا بولىدۇ<، دورىلار چۆككۈدەك سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، قازاننى ئېلىپ ئۈستىگە تەرەنجىبىن، لەن فۇنۇس سېلىپ تازا ئارىلاشتۇرۇپ، ماتادىن ئۆتكۈزۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 66 ~ 132 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ( بېرىپ ماددىنى سۈرۈپ چىقىرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى تەدبىرنى قىلىش لازىم.
ئانار بىلەن داۋالاش )داۋايى رۇممان( )تەركىبى: ئاچچىق ئانار بىر دانە، سىركە 16 گرام، كۇندۇردىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، ئانارنىڭ كىندىكىدىن تېشىپ، دانلىرى ۋە ئىچىدىكى پوستلىرى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانار دانىلىرىنى سىقىپ، سۈزۈپ سۈيىنى ئانار ئىچىگە قۇيۇپ، ئۈستىدىن سىركە قۇيۇپ ئۈستىگە كۇندۇرنى تاشلاپ، ئانارنى چوغ ئۈستىدە بىردەم قويۇپ قىزىتىپلا ئېلىپ ئىچىدىكى سۇدىن قۇلاق ئىچىگە تامغۇزۇلىدۇ.(
مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغاندا ئالدى بىلەن مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تورولغا گۆشى، مېكىيان گۆشى بېرىش بىلەن بىللە، ئىچىشكە دىنار شەربىتى بېرىلىدۇ. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، سۆئتەر، بىنەپشە، كەرەپشىلەرنى قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن چىققان ھورغا قۇلاقنى تەرلىگۈچە تۇتۇش لازىم. قۇلاق ئىچىدىكى كىرلەر توسالغۇ پەيدا قىلىپ ئاڭلاشقا تەسىر بەرگەن بولسا، كىرنى تازىلاش لازىم. ھەركۈنى ئاخشىمى قۇلاق ئىچىگە كۈنجۈت يېغى، گۈل يېغى ياكى بادام يېغىدىن بىرىنى تامغۇزۇپ، ئەتىسى قۇلاقنى قايناق سۇ ھورىغا تۇتۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن يۇمشاپ چىققان كىرلەر تازىلىنىدۇ. |
|